خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستاندا يەنە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

شەرقىيتۈركىستاندايەنەقانلىقتوقۇنۇشيۈزبەردى  شەرقىي تۈركىستاندا يەنە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرى مارالبېشى ناھىيىسىدەئۇيغۇر بىلەن خىتاي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشىنىڭئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىگەللىنىشىچە، خىتاي ساقچلىرى ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۆيلەرگە بېسىپكىرگەن. نەتىجىدە بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەندە ئۆينىڭ ئىچىدىن قارشلىققا ئۇچىرىغان ۋەئىككى تەرەپ قانلىق توقۇنۇشقان نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئاققۇن كۆچمەن خىتايلاربولۇپ جەمئىي 21 كىشى ئۆلگەن.   بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەردىن 11 كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرىسۈرۈلدى.   خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، دىنى، تىلى، مىللىي مەدەنىيەتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلدى ۋە نۇرغۇن بىگۇناھئۇيغۇرلارنى دىنى پائالىيەتكە قاتناشتى، قۇرئان ئوقۇدى ياكى قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنى كىتاب ساتتى دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئەيبلەپتۈرمىلەرگە قامىدى. شەرقىي تۈركسىتاندا ئىنسانلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى يوق، ھەر بىر ئۇيغۇر ئەتە نېمە ئىش بولىدۇ؟ ئۆيىمىزگەبېسىپ كىرىپ تۇتۇپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسىرىئولغايماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ سەبىرى تاشتى، خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ئىسيان قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. كۈزەتكۈچىلەر، 2009‏- يىلىدىكىئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئوخشاش بىر قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بايتاش خەۋىرى

Read More »