مۇھىم ئۇچۇرلار

كورلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 4 كىشى ئۆلدى

 

 

كورلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 4 كىشى ئۆلدى

 

 

 

خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلار بىلەن خىتاي كۈچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى 13 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نامەلۇم كىشىلەرنىڭ پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 4 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە كۆپ ساندا كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 

بۇ ھەقتە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

 

ۋەقەنى كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىئوغا ئۇچۇر بېرىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

يېقىندىن بۇيان ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا دىنى ۋە مىللىي بېسىمنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلىپ كەلدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە جېنىنى باقالمىغان ئاققۇن خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەرلەشتۇردى. بۇ خىل كۆچمەن خىتايلار مەلۇم مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ھەددىن ئېشىپ ئۇيغۇرلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان، بوزەك قىلىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ خىل زوراۋانلىقلارغا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ساقچىلىرى باستۇرۇپ كۆچمەن خىتايلارغا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بەرمەكتە.

 

بۇ ناھەقچىلىكلەرگە چىداپ تۇرالمىغان ئۇيغۇر ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قولىغا قۇرال ئېلىشقا مەجبۇرلانماقتا.  خىتاي زۇلۇم قىلىشنى داۋام قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىدۇ.

 

مۇسا بايتاش

About admin

Leave a Reply