قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
 
قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. قازاقىستاندا رەسىمى رەقەملەرگە كۆرە 300 مىڭ ، تولۇق بولمىغان رەقەملەرگە كۆرە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن.

 ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنتېرنېت تور گېزىىتىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت توغرىسىدا بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نامەلۇم كۈچلەر بۇ رايوندا خەلقئارالىق ، مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچلەر بۇ يەردىكى ھەرىكەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. قازاقىستاندا، كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ ياشايدۇ.

 ماقالىدا يەنە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلىرى ۋە قانۇنىي مەنپەئەتلىرىگە رىئايە قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدلىكلىرىنى قۇغداش بىلەن بىرگە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي شارائىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ. خۇسۇسەن ھازىر قازاقىستاندا، ئالماتا شەھىرىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھيىسى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئېچىپ بېرىلگەن 63 مەكتەپ بار. بۇ مەكتەپلەردە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئانا تىلىدا دەرس ئوقۇيدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رەسمى ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلاردا 300 مىڭ دېيىلىگەن ئەمما تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلەر

 ماقالىدا قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئۇيۇشما جەمئىيەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: قازاقىستاندا بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت ياردىمى بىلەن خىزمەت – پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. »قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت مەركىزى«، »ئالماتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى«، »قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى«، »دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتۇرى« قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار قازاقىستاننىڭ رەسمى ياردىمى بىلەن خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەشۋىقات ساھەسىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى بولۇپ، »ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى« ۋە »ئۇيغۇر تېل رادىئوسى« قاتارلىق تەشۋىقات ئورگانلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئالماتادا، ئۇيغۇر ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقات مەركىزى نام ئاسىتىدا ئۇيغۇر ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى بويىچە خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. قازاقىستاندا ھازىر ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان 40 نەپەر ئۇيغۇر دوكتۇر بار ئىكەن. ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلار ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى ئوخشىمىغان ساھەدىكى دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان پۈتكۈل رايونلاردا مەسچىد ۋە جامئىىلەر پائالىيەت قىلىدىكەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەنئەنۋىي ئېتىقادى بويىچە سۈننى مەزھەبكە مەنسۇپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئالماتادا يەنە ئۆسمۈرلەر سەنئەت گۇرۇپىسى، ناخشا – ئۇسۇل ئانسامبىلى پائالىيەت قىلىدىكەن. مەدەنىيەت سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئەدەبىيەت كۈنلىرى دېگەنگە ئوخشاش ناملاردا سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇيغۇر ناھيىسىدىكى پۈتۈن مەكتەپلەردە ئايرىم ھالدا مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەتلەر توغرىسىدا دەرس ئۆتىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئۇيغۇر ئالىملىرى، سەنئەتچىلەر ۋە زىيالىلار ئۇيغۇر جەمئىيەتلەرنىڭ خاتىرلەش يىغىنى مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇشنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدۇ.

 ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن ياغاچ يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مۇزېيخانا بولۇپ، بۇنىڭدا، قەدىمى ئۇيغۇر قول – ھۆنەر تېخنىكلىرى بىلەن توقۇلغان تارىخى گىلەملەر، قەدىمى ئۇيغۇر ئاشخانا بۇيۇملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى قىياپەتلىرى بولغان مىللىي كىيىم – كېچەكلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، بۇ موزېيخانا قەدىمى ئۇيغۇر مىللىي ئېتنۇگرافىنى ئىپادىلەيدىغان مۇزېيخانا ئىكەن. بۇ موزېيخانىدا يەنە ئارخىپ ئامبىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىرى، شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار توپلانغان بىر مەركەز بار ئىكەن.

 ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستاننىڭ قازاق بولمىغان مىللەتلەرگە ئالاقىدار سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: قازاقىستاندا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە تۈزۈلىشى ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان «قازاقىستان خەلقلىرى كېڭەش ھەيئىتى مەجلىسى»نىڭ كەڭ تۈردە ھوقۇق ۋە ئىمكانلىرى مەۋجۇت بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق مىللەت ياشايدىغان قازاقىستاندا بۇ مەجلىس 2000 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن تولۇق مەناسى بىلەن رەسمى بىر ئورگان سالاھىىيىتىگە ئىگە بولغان. ھازىر 5 – نۆۋەتلىك پارلامېنت مەجلىسىدە بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئورنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئايرىلغان بولۇپ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، قازاقىستان سىياسىتىنىڭ مەقسىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازاقىستاندىكى پۈتكۈل ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ دۆلەتنىڭ گراژدانى دەپ ھىس قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت دېيىلگەن.

مۇسا بايتاش

About admin

Leave a Reply