ئەھمەد كامال ۋە ئۇنىڭ «تەبەسسۇم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدىكى تارىخىي سىرلار

ئەھمەد كامال ۋە ئۇنىڭ «تەبەسسۇم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدىكى تارىخىي سىرلار

20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەھمەد كامال نامىدىكى ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئاپتورنىڭ ئوخشاشمىغان ماۋزۇدىكى ئىككى كىتابى نەشر قىلىنىپ، ئاسارەتتە قالغان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئىچكى رېئاللىقى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ بىرى 1914 – يىلىدىن 1917 – يىللار ئارىلىقىدا قەشقەردە ئاقارتىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللانغان تۈركىيىلىك ئەھمەد كامال ئىلقۇل بولسا، يەنە بىرى 1935 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئامېرىكىلىق تاتار ياش ئەھمەد كامالدۇر.

ئەھمەد كامال ئاتا – بوۋىلىرى ئامېرىكىغا كۆچكەن تاتار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلىدە ئامېرىكىدا ئالىي تەربىيە ئالغان ھەمدە ھەربىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن. 1935 – يىلى باھاردا ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر فوندى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۇزاق يوللارنى بېسىپ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ئېلىگە ئىلمىي تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ.

شۇ يىلى يازدا ئەخمەد كامال كۆكارت داۋىنىدىن ئېشىپ مىڭ بىر جاپادا قاغىلىقنىڭ كۆكيار دېگەن تاغلىق يېزىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەمما خوتەننى بېسىپ ياتقان ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ قاراۋۇللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ قاغىلىق بازىرىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە نەزەربەند قىلىنىدۇ. بۇ دەل ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان 36 – دىۋىزىيىسى قاغىلىقنى پاسىل قىلىپ خوتەننى كونترول قىلىپ تۇرغان ھەمدە شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسى بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللەر ئىدى.

ما خۇسەن ئەھمەد كامالنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ھەمدە ئۇنى قاغىلىقتىن خوتەنگە ئېلىپ بارىدۇ. ماخۇسەن ئۇنىڭغا خوتەن خەلقىنى قان يىغلىتىپ يىغقان بىر ئۆي ئالتۇن، كۆمۈش ۋە تۈرلۈك جاۋاھىراتلارنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئامېرىكىدىن ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىش خىيالىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەھمەد كامال ئۆزىنىڭ بىر ئىلمىي خادىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئىشقا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ما خۇسەننىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەجىبۇرىيەت ئاستىدا تۇڭگانلارنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلانغان ئەھمەد كامال ما خۇسەننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خوتەندىن ئايرىلىپ قەشقەر، ئۈرۈمچى يولى بىلەن ۋەتىنىگە قايتماقچى ھەمدە ما خۇسەن ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن قورال سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماقچى بولىدۇ.

1935-يىلى كەشمىر ئارقىلىق ھىمالايا تاغلىرىدىن ئېشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق كۆكيار يېزىسىغا يەتىپ كەلگەن ئەھمەد كامال (سولدىن 1-كىشى) ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر يولباشلىغۇچىلىرى

خوتەن تەۋەسىدىن ئايرىلىپ قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇ شېڭ شىسەينىڭ مەخپىي خادىملىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىدۇ ھەمدە بۇيرۇق بويىچە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئاقسۇغا يېتىپ بېرىشى بىلەن سۆۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ھەمدە پۈتكۈل ماتېرىياللىرى ۋە مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئەھمەد كامال ئۈرۈمچىگە مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىلىپ شېڭ شىسەي تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. تۈرمىدە ئۇنى سېيىت ھاجى باشلىق سۆۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەخپىي خادىملار سوراق قىلىدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغان سوراقلار ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن – قىستاقلار ئەھمەد كامالنى ھالىدىن كەتكۈزىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەتلا بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا جاسۇسى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا موسكۋا ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەھمەد كامالنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ماڭدۇرىۋېتىش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. ئەھمەد كامال ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ قومۇلغا يېتىپ كەلگەندە شېڭ شىسەي قومۇل ۋالىيسى شيۇڭ شياۋيۈەنگە مەخپىي تېلېگرامما يوللاپ ئۇنى قايتىدىن تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋېتىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەمما قومۇلنىڭ گارنىزون قوماندانى بولۇپ تۇرۇۋاتقان يولۋاس ئەھمەد كامالنى يوشۇرۇن ھالدا ئىچكىرىگە يولغا سېلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شېڭ شىسەينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ ئىچكى ئۆلكىلەر ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئەھمەد كامال ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرى ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا 1940 – يىلى نيۇيوركتا «تەبەسسۇم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. ئۇ بۇ كىتابىدا 1930 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ئارمىيىسىنىڭ خوتەن خەلقىگە سالغان زۇلۇمى ۋە ما خۇسەننىڭ ھەربىي قارا نىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ. قەشقەردە شېڭ شىسەينىڭ مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدە ئۆتكۈزگەن كۆڭۈلسىز كۈنلىرى، ئۈرۈمچى يولىدا بىر ماشىنىدا ھەمراھ بولغان سەپەرداشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر، ئاقسۇدا سۆۋېت مەخپىي خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە قاماققا ئېلىنىشى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە بېشىدىن كەچۈرگەن مەھبۇسلۇق ھاياتى، سوۋېت مەخپىي خادىملىرىنىڭ ۋەھشىيلىكى، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق رېئاللىق جانلىق يورۇتىلىدۇ. ئەھمەد كامالنىڭ بۇ كىتابى 1930 – يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا ماركىسىزم تونىغا ئورىنىپ ستالىننىڭ سىياسىي رەقىپلىرىنى «تازىلاش» تەجرىبىسىدىن ئۈلگە ئالغان شېڭ شىسەينىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە، سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى تەتقىق قىلىشتا شۇنىڭدەك شېڭ شىسەي تۈرمىلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىچ يۈزىنى بىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

ئومۇمەن، بۇ كىتاب شېڭ شىسەي بىلەن سۆۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930 – يىلاردىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقىدىن تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر بەرگەن مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرىدۇر. كىتابنىڭ ئاپتورى ئەھمەد كامالمۇ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن ھايات چىقالىغان ۋە ئۆز ۋەتىنىگە ساق – سالامەت قايتىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى غەربلىك كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – قۇتلان

About admin

Leave a Reply