21_ئەسىردىكى ئەڭ كاتتا ئىسلام مۇتەفەككۇرى شەھىدلەر ئارسىلانى سەييىد قۇتۇبنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

21_ئەسىردىكى ئەڭ كاتتا ئىسلام مۇتەفەككۇرى شەھىدلەر ئارسىلانى سەييىد قۇتۇبنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئىسلام دىنىنىڭ شەھىد ئارسلانى سەييىد قۇتۇب (اللە ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!) مۇسۇلمان ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى ئۆز جىسمىنى مەشئەل ئورنىدا كۆيدۈرۈپ، زۇلمەتلىك دەۋرلەرگە چىراغ ياققان، ئىسلامنىڭ ئاڭ، ئىددىيە، قانۇن ـ تۈزۈم، نەزەرىيە گۈلىستانىنى ئۆز قانلىرى بىلەن سۇغارغان، ئۇلۇغۋار ئالىم، ئەزىمەتلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.

ئۇ، 1906 ـ يىلى مىسىرنىڭ ئەسيۇت ئۆلكىسىدىكى موشا يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن كىچىكىدىلا قۇرئاننى تولۇق يادا ئېلىپ بولىدۇ. اللەنىڭ خاسىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قاھىرەنىڭ خۇلۋان دېگەن يېرىگە پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇش پۇرسىتىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 1929 ـ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، قاھىرەدىكى «دارۇلئۇلۇم» (ھازىرقى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى)غا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1932 ـ يىلى، دارۇلئۇلۇمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مائارىپ مېنىستىرلىكىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ، مائارىپ مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىپ، ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، 1945 ـ يىلى مىسىردىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى» گە ئەزا بولىدۇ. 1945 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، پارتىيىنىڭ تەشۋىقات ئورنى ئۇنى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى گېزىتى»گە باش مۇھەررىر قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

1954 ـ يىلى، مىسىرنىڭ باش رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى»نى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. بىر نەچچە ھەپتىلىك تۇتقۇن جەريانىدا قولغا ئېلىنغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىنغان ئەزىمەتلەر ئىچىدە ئىسلام دىنىنىڭ شەھىد ئارسلانى سەييىد قۇتۇبمۇ بار بولۇپ، ئۇنى ئۆيدىن كېسەل ھالەتتە پىيادە ماڭغۇزۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ، يول بويى پارتىيە شۇئارى: «اللە ئەكبەر! ۋەلىللا ھىلھەمد!»نى توختىماي توۋلاپ ماڭىدۇ. ساقچىلار ئۇنى تۈرمىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، قاتتىق قىيىن ـ قىستاققا ئېلىپ، ئىتلارغا تالىتىش، رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ، ئۇياق ـ بۇياققا سۆرەش، بېشىدىن ھېلى ئىسسىق، ھېلى سوغۇق سۇ قۇيۇش، كۈنىگە يەتتە ـ سەككىز سائەتكىچە ئۈزۈلدۈرمەي سوراق قىلىشتىن سىرت، ھەرخىل ئەخلاقسىز قىلىقلار، ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن مەنىۋىي زەربە بېرىش قاتارلىق رەزىل، ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. ئۇ گەرچە جىسمانىي جەھەتتە بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر نەچچە رەت ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ، ھوشىغا كەلگەن ھامانلا: «اللە ئەكبەر! ۋەلىللا ھىلھەمد!»نى يەنىلا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. 1955 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، مىسىر خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىدۇ.

1956 ـ يىلى، مىسىرنىڭ باش رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر تۈرمىگە ئادەم كىرگۈزۈپ، ئەگەر سەييىد قۇتۇب گېزىتتە ئېلان قىلغۇدەك ئىككى قۇر كەچۈرۈمنامە يېزىپ بەرسە، ئۇنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۆئمىنلەرنىڭ ئۈلگىسى بولغان سەييىد قۇتۇب بۇنىڭغا قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «بىر زۇلۇم قىلىنغۇچىغا: زالىمدىن كەچۈرۈم سورىغىن! ـ دەۋاتقانلارغا بەكمۇ ئەجەبلەنگۈم كېلىدۇ. اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئېغىزىمدىن چىققان بىر نەچچە جۈملە سۆز مېنى دار ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالالىغان تەقدىردىمۇ، زالىمدىن ھەرگىز كەچۈرۈم سورىمايمەن. مەن اللەنىڭ ئالدىغا اللەمۇ مەندىن رازى ۋە مەنمۇ اللەدىن رازى بولغان ھالدا بېرىشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كەچۈرۈمنامە يېزىپ بېرىش قانچە ـ قانچە قېتىم تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ھەر قېتىمدا: «ئەگەر مېنىڭ قاماققا ئېلىنىشىم ھەق بولغان بولسا، ئۇنداقتا مەن ھەققانىيەتنىڭ ھۆكمىگە پۈتۈنلەي رازى. ئەگەر ناھەق بولىدىكەن، مەن زالىملاردىن رەھىم ـ شەپقەت تىلەشتەك پەسكەشلىكنى قەتئى قىلمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ھۆكۈمەت ھەر قانداق قىلىپمۇ كەچۈرۈمنامە يازدۇرالمىغاندىن كېيىن، جامال ئابدۇنناسىر ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ، كەچۈرۈمنامە يېزىپ بەرسە، دۆلەتنىڭ مائارىپ مېنىستىرلىك ھوقۇقىنى بېرىدىغانلىقىنى پەش قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن: «مىسىرنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلام قانۇنىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان ئۇنداق قورچاق مېنىستىرلىكنىڭ كېرىكى يوق» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.


1954 ـ يىلىدىن 1964 ـ يىلىغىچە بولغان ئون يىلنى چىدىغۇسىز ئازاب ئىچىدە تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن سەييىد قۇتۇب، 1964 ـ يىلى ئىراقنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئابدۇسالامنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئامالسىز قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا، سەييىد قۇتۇبنىڭ مۆئمىنلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، رەقىبلەر قەلبىگە نەشتەردەك سانجىلىدىغان ماقالىلىرى پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە قول ـ قولغا تەگمەي ئوقۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن غەرب كاپىتالىزمچىلىرى بىلەن شەرق كوممۇنىزمچىلىرى ئۆزلىرىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالىدۇ.

1965 ـ يىلى ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق زومىگەرلەرنىڭ سۈيىقەست پىلانلاپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنى كۈشكۈرتىشى نەتىجىسىدە، سەييىد قۇتۇب قايتىدىن قولغا ئېلىنىدۇ ۋە تۈرمىدىكى قىيىن ـ قىستاق دەستىدىن قاتتىق كېسەل تارتىپ يېتىپ قالغانلىقىغا قارىماي، 1966 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە بارلىق ئىقتىدارىنى ھەتتا ئىسسىق قېنىغا قەدەر اللەقا ئاتاپ، كۇپۇرلۇق، جۈملىدىن جاھالەتكە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، شۇنداقلا، يېڭىلمەس، تىز پۈكمەس، پىداكار روھى تا بۈگۈنگە قەدەر پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلمەكتە.


شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ ھاياتى مۇنداق ئىككى دەۋرگە بۆلىنىدۇ:


1 – ئۆزىنى ئەدەبىياتقا ئاتىۋەتكەن دەۋرلەر بولۇپ، گەرچە ئۇ: «ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە ئوبزورچىلىق ئۇسۇللىرى»؛ «مەدەنىيەتنىڭ كەلگۈسىگە تەنقىدىي نەزەر»؛ «مەن كۆرگەن ئامېرىكا» (ئەدەبىي ئوبزور)؛ «سەھرا بالىسى»؛ «تىكەن»؛ «سېھىرلەنگەن شەھەر»؛ «قۇللار كارۋىنى» (شېئىرلار توپلىمى)؛ «نامەلۇم ساھىل» (شېئىرلار توپلىمى)… قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەرەب ئەدەبىياتىغا ئاجايىپ قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ دەۋرلەرنى ئەسلىگەنلىرىدە، «جاھىلىيەتتە ئۆتكەن دەۋرلىرىم » دەپ ئېچىنىپ تىلغا ئالىدۇ.

2 – «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى»گە ئەزا بولغاندىن كېيىنكى ھىدايەتنىڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن دەۋرلىرى بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئىسلامنى ئاساسلىق تېمىسى قىلىپ: «قۇرئاننىڭ سايىسىدا» (ئالتە توملۇق تەپسىر)؛ «پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسە»؛ «شائىرلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى»؛ «ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي ئادالەت»؛ «قۇرئاندىكى قىيامەت مەنزىرىسى»؛ «قۇرئاننىڭ تەسۋىرلەش سەنئىتى»؛ «ئىسلام ۋە كاپىتالىزم ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش»؛ «دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىسلام دىنى»؛ «ئىسلام دىنىدىكى جەمئىيەت ئەھۋالى»؛ «ئىسلامىي ماقالىلار»؛ «يول بۇ يەردە»؛ «ئىسلامنىڭ پارلاق ئىستىقبالى»…. قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ياراتقان. ئۇنىڭ مۆئمىنلەرگە لەززەت، زوق ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان؛ رەقىبلەرگە بولسا، ھەر بىر ھەرپلىرى چىدىغۇسىز ئەلەم ۋە ساقايماس جاراھەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان، دوستلارغا ھەسەلدىن شېرىن، دۈشمەنلەرگە شەمشەردىن ئۆتكۈر بۇ ئۆلمەس ئەسەرلىرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا ھېلىھەممۇ قولدىن ـ قولغا ئۆتۈپ، ئاجايىپ ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.

قولىڭىزدىكى ئالتە توملۇق بۇ تەپسىر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارىسىدا ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە، ھەجىمى ئەڭ كاتتا نادىر ئەسىرى بولۇپ، شەھىد سەييىد قۇتۇب ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈچ تومىنى ئون نەچچە يىل داۋام قىلغان قىيىن – قىستاقلارغا ۋە چىدىغۇسىز زۇلۇم – سېتەملەرگە پەرۋا قىلماستىن، تۈرمە ئىچىدە يېزىپ پۈتكۈزگەن.


قىسقىسى، بارلىق ئەسەرلىرىدە: «ئىسلامنى قوبۇل قىلساڭ، پۈتۈنى بىلەن قوبۇل قىل، ياكى بولمايدۇ، پۈتۈنلەي رەت قىل» دېگەن مەردانە قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە شۇ تېمىدا نۇرغۇن ماقالىلارنى يازغان بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ «ئىسلامىي ماقالىلار» ناملىق كىتابىدىن قەلەم ۋە پىكىر ئىگىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «شەكسىزكى قەلەمكەشلەر ئاجايىپ كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. بىراق بۇنىڭ شەرتى شۇكى، ئۆز پىكرىنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش يولىدا بارلىقىنى قۇربان قىلىشى… ئاققۇزغان قېنى ۋە جېنى ئارقىلىقلا ئۆز پىكرىگە چىن مەنە بېرىشى… ”ھەق“ بىلگەن پىكرىنىڭ ”ھەق“ ئىكەنلىكىنى قىلچە ئەيمىنىپ يۈرمەستىن، مەردانىلەرچە ئوتتۇرىغا قويۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇنىڭ ئۈچۈن بوينىنى قىلىچقا تۇتۇپ بېرىشتىن قەتئىي يانماسلىقى لازىم» دېگەن مەڭگۈلۈك سۆزلىرىنى كۆرىۋالالايمىز.

ئىسلامنىڭ شەھىد ئارسلانى، پروفېسسور سەييىد قۇتۇب دەل مانا بۇ سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى قوغداش يولىدا خۇشاللىق بىلەن جاننى قۇربان قىلدى.

اللەتىن ئۇنىڭغا چەكسىز پەزىل – رەھمەت ۋە بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە خۇددى شەھىد سەييىد قۇتۇبقا بەرگەندەك تىز پۈكمەس ئىرادە، يېڭىلمەس روھ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. اللە ھەممىمىزنى ئۇنىڭدەك پىداكار مۇجاھىد ئەزىمەتلەردىن قىلغاي ـ ئامىن!


كامىلجان قەشقەرىي

About admin

Leave a Reply