ئەردۇغانغا مەكتۇپ

 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇ مەكتۇپ بىر يىل بۇرۇن تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغاندا ۋەتەندىكى بىر مەزلۇم قېرىندىشمىز تەرپىدىن ئەردوغانغا يېزىلغان ئىكەن ، ئۇ قېرىندىشمىزنىڭ بايان قىلىشچە بۇ مەكتۇپنى ئۇ قېرىندىشمىز شۇ كۈنى يەنى ئەردوغان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان كۈنى ئۈرۈمچى خەلقارا بازاردا ئەردوغان بىلەن بىرگە بارغان بىر ياردەمچى تۈركىيە دۆلەت خادىمىغا بىرەلىگەن ئىكەن ، ئۇ دۆلەت خادىمى ئۆزىنى ئەردوغان بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتنىشدىغان ۋە ئەردوغاننىڭ يېقىن خىزمەتدىشى ئىكەنلىكنى ئېيىتقان ئىكەن ،
مەكتۇپ تۆۋەندىكدەك ئىكەن …

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،

‹ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغامەكتۇپ ›

«مۇھەممەد ئىبنى ئۇيغۇرى»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك باش باقان ئەردوغان ئەپەندى تاجاۋۇز ئارقىلىق مۇستەقىللىقى يوقىتىلغان دىيارىم شەرقى تۈركىستانغا خۇش كەلدىڭىز…
قانداق ئەھۋالىڭىز؟
ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ ئاسارەتتىكى شەرقى تۈركىستان دىيارىمغا باسقان ھەر بىر قەدىمڭىزگە ئاللاھدىن رەھمەت ۋە بەركەت تىلەيمەن،
سىزنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنىچلىقى يولىدا تىنىمسىز كۆرەش قىلۋاتقان تەۋرەنمەس ئىرادىڭىزگە ئالى ئىھتىرامىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەن،
سىزنى بۇ دىيارنىڭ ھەقىقى ساھىبلىرى بولغان بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئالدىڭىزغا كۆك ۋە قىزىل تۇرك بايراقلىرنى لەپىلدىتىپ چىقىپ قارشى ئالالمىغىنمىزدىن ئەفسۇس ئىچدە چوڭقۇر قايغۇرمەن،
شۇنداقلا سىزنىڭ جۇمھۇريەت قۇرۇلغان كۈنىدە بۇ ئەزىز دىيارىمىز شەرقى تۈركىستانىغا قەدەم بېسىشڭىزنى ۋە شۇ شانلىق تارىخى دەقىقلەردە سىزنىڭ ئۆزىڭىزگەخاس بولغان ھەقىقى ھۆرمەتلىك بىر شەكىلدە قارشى ئېلنىشڭىزنى ئۆكسۈش قاپلىغان ئۈمىت بىلەن ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز ئاللاھدىن بىز شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرغا تەقدىر قىلىپ بىرىشنى سورايمەن ،.،

ھىلىگەر تاجاۋۇزچى كومۇنىسىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە چىڭ تۇتۇشى تۈپەيلى سىزنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقىقى ساھىبلىرى بولغان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئالدىڭىزغا ئۇيۇشما بولۇپ سەپ تۈزەپ چىقىپ قارشى ئېلىشقا ئاجىزلىق قىلدۇ
،
ئەمما سىز ئەفسۇسلانماڭ 60 يىللىق خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك ۋەششىلەشكەن زۇلۇملىرى ئاستىدا ئۆز قەدىر قىممىتنى ئىزدەشنى توختاتمىغان ۋەتىنىنىڭ
ئازادلىقى دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى ئۈچۈن دەۋا قىلىشدىن قىلچە ۋاز كەچمىگەن روھىتى ئۆلمىگەن كىملىك ئىڭى يوقالمىغان ۋۇجۇدى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى غەزەپ-نەپرەتكە تولغان ھالدا ھەر بىر تىنقىنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنىچلىق ئۈچۈن ۋە بۇ دىياردا ئىسلامنىڭ ئالىلىقى ئۈچۈن تىنۋاتقان شۇ سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ ئۈممەتلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى سىزنى مۇستەقىللىق ئۈمىتلىرى قايتىدىن يېنىشقا باشلىغان ئۇمىد ئۇچقىنلىرى بىلەن قارشى ئالالايدۇ،!!!!!!
ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئەپەندىم ئالدى بىلەن سىزگە ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتتۇرشۇمغا رۇخسەت قىلسىڭىز،
مەن ‹مۇھەممەد ئەرئۇيغۇرى› بۇ يىل 18 ياشقا كىرىمەن خىتاينىڭ ناھايتى كاساتلاشقان ۋە قاملاشمىغان مائارىپ تۈزۈلمىسى بىلەن ئاسارەتتىكى دۆلىتىم شەرقى تۈركىستاننىڭ مائارىپنى مونوپول قىلۋالغانلىقى سەۋەپلىك ئەزىز دادام مىنى خىتاينىڭ بۇ مائارىپدىن زەھەرلىنىپ قالمىسۇن دەپ باشلانغۇچتىمۇ ‹ئانا ئوكۇل› ئوقۇتماپتىكەن بۇ خىتاي كۇففارلىرنىڭ شۇ رەزىل مائارىپدىن مىنىڭ ساقلىنىپ قېلىنشىمنى ماڭاتەقدىر قىلغان ئاللاھقا سانسىزلىغان تەشەككۈلەر بولسۇن،ۋە شۇ سەۋەپ بۇ پۇرسەتدىن پايدىلنىپ ئەزىز دادامغا ئالى ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەن،
ئائىلمىز زۇلمەتتە قالغان شەرقى تۈركىستاندىكى ئاددى ئىسلام ئائىللىرنىڭ بىرى مەن شۇنداق ئاددى ئىسلام ئائىلسىدە دىنى تەلىم-تەربىيەسى ئاستىداچوڭ بولغان بىر بەخىتلىك ياش،قەدىرلىك ئەردوغان ئەپەندىم ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ئەتراپىمدا يۈزبىرۋاتقان نۇرغۇنلىغان تېڭسىزلىكلەر مىنى بۇ تېڭسىزلىك ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرلايتى مەن ئويلىناي دەيتىميۇ ئەمما نىمنى نىمگە باغلاپ قانداق ئويلىنىشنى بىلەلمەي قالاتتىم،
سەبى ۋاقىتلىرىمدىلام ئانا تىلىمدىن ئۇيغۇر تۈرىكچىسدىن خېلى ياخشى ساۋادىم بولغاچقا بىر تۈركۈم ۋەتىنمىزنىڭ چىگىش بولغان تارىخى ۋەزىيتى ۋە دۇنيادىكى ئورنى ھەققىدە ۋە سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزئېلىپ كەلگەن ئىسلامىمىزنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم،
ۋە ئۈن تۈنسىز ھالدا ئىزچىل تىرشىپ كۈچۈمنىڭ يىتىشچە تۈركىستانىم ئىچدىكى ماتىرياللارنى كۆردۈم، ئۇماتىرياللارنى كۆرۈشۈممۇ ئاسانغا توختىمدى..!! ئەلۋەتتە ھەر ئىش بەدەلسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ،
شۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ تارىخىمىزدا ۋە بۈگۈنمىزدە قىلۋاتقان تۈرلىك ۋەھشى جىنايەتلىرى ۋە تىرورچىلىق قىلمىشلىرنى بىلىپ يەتتىم،
مەن بۇ خىتاي جاللاتلىرنىڭ بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قىلغان زۇلۇم سىتەملىردىن قاتتىق نەپرەتلىمەن
ئۇلارغا قارشى ۋۇجۇدۇمدىكى ئىسلامى روھ بويىچە كۈچنى خورتىۋەتمەستىن پۇرسەت كۈتۈش بىلەن ئۆزۈمگە ئۇلۇغ راببىمىز ئاتا قىلغان سەۋىرنى ھەمراھ قىلىپ كەلدىم،
گەرچە يېشىم كىچىك بولسىمۇ تېخى ئىلىم ئېلىش يېشدىكى بىر قىران بولساممۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئېزىزلىكى ۋە بۇ ئېزىز دىنىمىز تارتۇق قىلغان ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆيگۈ قاپلىغان روھىتىمدا ۋە ۋۇجۇدۇمدا شەرقى تۈركىستانىمنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى ۋە بۇ شەرقى تۈركىستانىمدا دىنىمىزنىڭ ھەقىقى بىر شەكىلدىكى ئېزىزبولۇشلۇق دەۋاسى دەۋا قىلىنۋاتقان سەھنىلەرگە قۇربىتىمنىڭ يىتىشچەدىققەت قىلىش ئىستىكى قوزغالدى …!!
شۇ سەۋەپ ۋەتەن دەۋاسىدا 7 ياشلىق سەبىدىن 70 ياشلىق پىشقەدەمگىچە مەسئۇليىتى بولدۇ دىگەن كەلىمنى ئۆزۈمگە پىرىنسىپ قىلىپ كەلگەچكە سىزگە
بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،
قەدىرلىك ئەردوغان ئەپەندىم شۇتاپتا سىزنىڭ كىملىكڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم خۇددى سىز بىر سىردىشىمدەك ۋە مۇڭدىشىمدەك سىزگە قەلىب سۆزلىرىمنى سۆزلەپ بىرۋاتمەن ،
توغرا سىز بىر سىردىشىم ،مۇڭدىشىم ۋە قېرىندىشىم . بۇ دۇنيا يۈزدە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان راببىمىز ئارىمىزنى شۇنداق باغلاپ قويغان بىر ئىلاھى
ھەقىقەتدۇر .. سىز بىر زۇلۇمغا تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان خەلىقنىڭ سىردىشى ۋە قېرىندىشى مەن بولسام ۋەتىنى ياتلار تەرپىدىن تاجاۋۇز قىلىنىپ ئۆزۋەتىندە ۋەتەنسىزلىك ئازابىنى تارتىۋاتقان بىرشەرقى تۈركىستانلىق ئىسلام پەرزەنتى ، بۇنداق بولغانكەن مىنىڭ سىزنى سىردىشىمدەك قېرىندىشىمدەك ھىس
قىلىشىم ۋە شۇنداق قارىشىم ئەلۋەتتە نورمال ئەھۋال دۇر يەنى بىر ھەقىقەتدۇر …

ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئەپەندى ئەمدى ئەسلى گەپ مەزمۇنىغا كەلسەم سىز دۇنيادىكى نۇرغۇن تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان خەلىقلەر ئۈچۈن دۇنياۋى سەھنىدە ئۇلارنىڭ قېلىپ ساداسى بولۇپ داد پەريادىنى پۈتكۈل ئالەمگە ئاڭلاتقان تىرىك قەھرىمان سىزدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارچە
خەلىق مىننەتدار،

مىنىڭ سىزگە بولغان تۇنجى تونۇشۇم 2009-يىلى7-ئاينىڭ5-كۈنى

مىنىڭ ھاياتىمدىكى چوڭ بۇرلۇش بولغان ئاسارەتتىكى دىيارىم شەرقى تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈچىدە يۈز بەرگەن 60 يىللىق خىتاينىڭ دىنى ۋە ئېرقى زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقرى پەللىسى بولغان ئۈرۈمچى تۈرلۈك قىرغىنچىلىقدا ھەققانى ئادىل تەرەپتە تۇرۇپ خىتايغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرڭىزدىن شەكىللەنگەن ۋە باشلانغان ئىدى ،بىزنى دوس دەپ بىلىپ بىزنى دىنداش ۋەتەنداش دەپ بىلىپ بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا دۆلىتىڭىزنىڭ مەنپەتىنى قايرىپ قويۇپ قولىڭىزنى سۇنالىغانلىقڭىزدىن مەن ئالەمچە خۇشاللاندىم،
،ۋە سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى ۋە سىزئارقىلىق بارچە زۇلۇم ئاستىدىكى ئىسلام دىيارلىرغا ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشنى سورايمەن ، ‹ئاللا يەتكۈزەر ئىنشائاللا›
ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئەپەندى سىز 2009-يىلى7-ئاينىڭ5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن ۋەقەنى ‹قانلىق تۈرلىك قىرغىنچىلىق› دەپ ئىنتايىن توغرا ھۆكۈم قىلغان ئىدىڭىز چۈنكى شۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تىرىك شاھىتمەن گەرچە ئۇ ۋەقە بولغاندا مەن 15 ياشقا تولۇق توشمىغان بىر بالا بولساممۇ ۋەقەنىڭ تۇغدۇرلۇشدىكى ۋە مەدەنىيەتسىز يىرتىقۇچ خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئۈستىمىزدىن ئېلىپ بارغان قانلىق تۈرلىك قىرغىنچىلىقنى ئايرىۋالايتىم،
سىز شۇ قېتىملىق نۇتۇقڭىزدا بىز ئۇيغۇرلارغاجۈملىدىن دۇنياغا بۇ مەسلىنى خەلقارا سەھنىلەردە ئوتتۇرغا قويۇپ ئەمەلى ئىش ئارقىىق ياردەمدە بولدىغانلىقڭىزنى تىلغا ئالغان ئىكەنسىز ، ئەمما مەن سىزنىڭ 66- قېتىملىق ‹ب د ت › ئۇمۇمى يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاغدۇرۇلمىسنى ئوقۇغىنىمدا شەرقى تۈركىستان مەسلىسنى تىلغا ئالغانلىقڭىز توغۇرلۇق باياننامىنى ئۇچراتمىدىم،
ۋە سىزقاتنىشدىغان دۇنيادىكى باشقا تۈرلىك تىنىچلىق بىلەن كىڭەش بىلەن مەسلىنى ھەل قىلدىغان دەۋا سەھنىلىردە ھەم شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرنىڭ خىتاي زالىملىرى تەرپىدىن ئۇچراۋاتقان قىرغىن قىلنىشقا ۋە رەزىل خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرغا سېلىۋاتقان تۈرلىك زۇلۇملىرغا دائىر مەسىللەرنى تىلغا ئالغانلىقڭىز توغۇرلۇق باياننامىنى ئاز ئۇچراتدىم «ئاساسەن ئۇچراتمىدىم »..
ئەمما سىزدىن بەكمۇ سۆيۈنمەن ئەردوغان ئەفەندىم .. چۈنكى سىز بىز شەرقى تۈركىستانلىقلادىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ‹سۇمالى،پەلەستىن، ئاراكان ،ۋە ئەرەپ قۇملۇق ئىسلام مەمىلكەتلىردىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى قوزغالغان مۇسۇلممانلارنىڭ ۋە يەھۇد ناسارالارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق مەسىللىرنى جاسارەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ھەل قىلىش چارە تەدبىرلىرنى تۈزەپ چامىڭىزنىڭ يىتىشچە ھەركەت قىلۋاتسىز ، بىز بۇنى بىلىۋاتمىز ۋە شۇنداقلا سىزدىن پەخىرلىنىمىز،
ۋە يەنە سىز ھەر قېتىملىق دۇنياۋى كىڭەشلەردە شۇ تاجاۋۇزچىلارنى ۋە مۇستەبىت ئالۋاستىلارنى قاتتىق تەنقىدلەپ بىر مەھەل كونكىرىت مەسىللەرنى تەلەپ قىلىسىز بىز سىزدىن بەكمۇ سۆيۈنمىز ئەفەندىم ..
شۇ مۇناسۋەت بىلەن سىزدىن بۇيەردە سورايدىغىنىم شۇكى بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىڭىزدا خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قىلغان قېبىھ قىلمىشلىرنى ۋە زۇلۇملىرنى تەنقىدلەپ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن پايدىلىق ۋە مۇيىم بولغان كونكىرىت مەسىللەرنى خىتايدىن تەلەپ قىلىسىڭىز ..!!،
سۆيۈملۈك ئەردوغان ئەپەندى بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىڭىزدا يۇقرىدەرىجلىك خىتاي قانخورلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغىنڭىزدا بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مەسلىسنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ ئوتتۇرغا قويالايدىغان شەخىشنى بىز سىز دەپ بىلىمىز،خۇددى 3-ئاپرىل سىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرنى يەتكۈزگەن ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىقىندەك بىزنىڭ دەردىمىزنى قۇلقى گاس قانخور خىتايغا زورغا ئاڭلىتىپ بىز دۇچ كىلۋاتقان تۈرلىك مەسىللەرنى دادىل ئوتتۇرغا قويالايدىغان دۇنياۋى ئابرويغا ئىگەشەخىسنى بىز سىزدەپ قارايمىز ..
سىزنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي باشلىقلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىڭىزدا ۋە سۆھبىتڭىزدا شەرقى تۈركىستاندا ئەۋجى ئېلىپ كەتكەن مۇيىم
مەسىللەرنىڭ بىرى بولغان دىنى قىرغىنچىلىق ۋە دىننى بۇرمىلاپ دىن تەرەپدىن دىندارلارغا ھۇجۇم قىلىش .، دىنى ئۇستازلىرمىزنى ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ۋە قاماقخانلاغا تاشلاش قاماق مۇددىتى توشسىمۇ قويۇپ بەرمەسلىك .. دىنى ھىسياتلاربىلەن قەستەن ئوينۇشۇپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ، دىنى ئەقىدلەرنى كۆزگە ئىلماي ئەقىدىمىزگە ھۇجۇم قىلىش ، ۋە ئەركىن دىنى مائارىپدىن يىراق قىلىش . دىنى ماتىرياللارغا قارتا تۈرلىك شەكىلدە ئىسكەنجىگە ئېلىش .، ۋە مۇسۇلماننى خورلاپ مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادلىرنى ئەتكەس قىلىنغان كۇفرى مائارىپ بىلەن تەربىلەش ئۈچۈن مەجبۇرى يىغۋېلىش ، ۋە مۇسۇلمان ئەۋلادلىرغا پىكرى ھۇجۇم قىلىش ، ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ تۆۋەن قاتلاملىردا بەكرەك يۇقرى ئورۇن تۇتقان پىلانلىق تۇغۇت مەسلىسى ۋە مائارىپ مەسلىسى ۋە ئىسلام ئاياللىرنىڭ تەسەتتۈرلىىرنىڭ كەڭ كۆلەمدە چەكلىمگە ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىللەرنى تىلغا ئېلىپ خىتايدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلشىڭىزنى سورايمىز،

ئېنىقكى سىز ئاسارەتتىكى شەرقى تۈركىستاندا نۇرغۇن كۆز بويامچىلىققا ۋە ساختىلىققا يۇلۇقسىز بۇ خىتاينىڭ خىتاي بولۇشدىكى
تۈپ پىرىنسىپى بۇ مەسىللەردە ئۆتكۈر كۆزلىرڭىز بىلەن خىتايغا دادىل مەيدان ۋە يول تۇتشىڭىزلازىم،

7.5 ئۈرۈمچى تۈرلىك قىرغىنچىلىقدىن كىيىن خىتاينىڭ ھە دەپ تۈركىيە بىلەن بولغان يېقىنچىلىقلىرنى ئانالىزچىلار ھەرخىل ئانالىز قىلماقتا مەن بۇ سەۋەپلىك ئانالىزچىلار ئانالىز قىلغان تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان تەرپىنىڭ روياپقا چىقىشنى ئۈمىت قىلمەن،

ۋە تۈركىيە بىلەن خىتاي بېرىش كىلىشلىرنىڭكى نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئاز بولمىغان پايدىلىقلارنىڭ بولشىغا ئىشنىش بىلەن بىرگە سىزدىن مۇشۇ مەسىللەرگىمۇ ئالايىدە كۆڭۈل بۈلۈپ قويۇشڭىزنى يېقىندىن بۇيان توختىماي ئىمزالىنۋاتقان تۈركىيە خىتاي سودا ھەمكارلىق توختام نامىلىردىمۇ شەرقى تۈركىستان مەسلىسنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىپ مىڭىشتا تۈركىيەنىڭ مەيدانىنىڭ ئېنىق بولۇش جەھەتتىنمۇ تۈرىتكىلىك رول ئوينىشڭىزنى سورايمەن، سودىدىكى مەنپەئەتكە كەلگەندە شەرقى تۈركىستان مەسلىسى ئوتتۇرغا قويۇلمىسا بولمايدۇ چۈنكى تۈركىيە خىتاي سودىسدا ئەڭ كۆپ پايدىغا ئىرىشدىغان دۆلەت يەنىلا خىتاي كومۇنىسىت دۆلىتدۇر،

سۆيۈملۈك ئەردوغان ئەپەندى تۈركىيە، ئامرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدا كىلىشتۈرگىچلىك رولنى دەپ ۋە يەنە تۈرلىك سەۋەپلەر باھانىسدا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى مەسلىسدە پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۋاتدۇ دىگەن قاراشنىڭ ساختا قاراشلىقنى ۋە تۈركىيە دۆلەت بېشدىكى پارتىنىڭ بۇ قاراشنىڭ ئەكىسچە يول تۇتۇدىغانلىقغا ئىشىنمەن ۋە مۇشۇ يولنى تۇتۇپ مېڭىشنى ئۈمىد قىلمەن ،
سۆيۈملۈك ئەردوغان ئەپەندى سىزنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستاقىللىقغا يېقىندىن كۆڭۈل بۈلۈشڭىزنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق داۋاسى قىلۋاتقان شەخىسلىرمىز بىلەن ئۇچرىشىشنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا مەدەت بىرىشڭىزنى ۋە ئۇلارنى ھەر جەھەتدىن قوللاپ قۈۋەتلىشڭىزنى سىزدىن ئالدىڭىزدىكى ھەر تۈرلۈك ھەق ھۆرمىتىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرۇپ سەمىمى تەلەپ قىلمەن،

ۋە يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرنىڭ خەلقارادىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئارسىغا خائىن كىرگۈزۈپ بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ‹يۈكسەك ئاپتىنومىيە، كونفىدراتسىيە› دىگەندەك ساختا يېڭى شۇئارلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا قىلۋاتقان سۈيقەستىلىرگە دىقەت قىلىشڭىزنى سورايمەن،

شەرقى تۈركىستان داۋاسى قىلۋاتقان بارلىق مۇھاجىرەتتىلەرگە ۋە باشقا دۇنيا جاما ئەتچىلىكگە ۋە شەخىسلەرگە ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە كىرەك بولغىننىڭ ‹يۈكسەك ئاپتىنومىيە،ۋە كونفىدراتسىيە› بولماستىن بەلكى ھەقىقى تۈردىكى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولدىغان مۇستەقىللىق ئىكەنلىكنى يەنى‹شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى› ئىكەنلىكنى مىليۇنلىغان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قېلىپ نىداسى بولۇپ جاكارلاپ بىرىشڭىزنى سورايمەن،

كوسوۋ مۇستەقىل بولۇپ دۇنياغا كۆز ئېچىپتۇ ، بۇنىڭدا تۈركىيە نىڭ ئوينىغان رولى چوڭ ئىكەن ئەمدىكى نۆۋەتدە شەرقى تۈركىستان نىڭ مۇستەقىلىىقدىمۇ تۈركىيەنىڭ ياخشى رول ئوينىشنى ئۈمىد قىلمەن ، !

ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئەپەندى مەن سىزنىڭ مەن يۇقاردا دىگەن ئىشلارغا تامامەن ھەق ھوقۇقى بىلەن لايىق رەۋىشتىكى شەخىسلەردىن بولۇشڭىزنى قۇدرەتلىك راببىمدىن سورايمەن ،!
،! ئۆتكەن ئەسىر تۈركىيە تارىخدىكى خىتاي قانخور جاللات جىياڭزىمىنغا دۆلەت مىدالى ۋە قىلىچ ھەدىيە قىلىشدەك زور خاتالىقلارنىڭ سىزنىڭ دەۋىرڭىزدە قايتا تەكرارلانماسلىقنى ئۈمىت قىلمەن ۋە سىزنىڭ بۇنداق مەزلۇملارنى ساتدىغان نۇمۇسسىزلىقلارغا خاتىما بىرىشڭىزنى ئاللاھنىڭ سىزگە تەقدىر قىلىپ بىرىشنى سورايمەن ، ،!

سۆيۈملۈك ئەردوغان ئەپەندى مەن سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان يۇقاردىكى تەكلىپلىرىمنى لايىق رەۋىشتە روياپقا چىقىرالىشىڭىزغا ئىشىنمەن ،!
بۇ تەكلىپلەرنى ئىتۋارغا ئالدىغانلىقڭىزغا ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرڭىزدا تىلغا ئالدىغانلىقڭىزغا ھەم شەرقى تۈركىستان مەسلىسنى ئۈنۈملۈك چارە ئۇسۇل ئارقىلىق ياخشى ھەل قىلالايدىغانلىقڭىزغا تىلەكداشمەن ،!
بۈگۈنكى زاماندا بىزمەزلۇملار ئۈچۈن قولىڭىزدىن كىلىشچە ھەقنىڭ ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن باتىل بىلەن ئېلىشالايدىغان قەھرىمانلاردىن ۋا زەفەر قۇچدىغان غازىلاردىن بولۇشڭىزنى ئۈمىد قىلمەن ،
ھۆرمەتلىك ئەردوغان ئەپەندى سىزنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتڭىزدا زور غەلبىنى ۋە ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشمەن،!
ئاخىردا سىزگە ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت، ۋە مۇستەھكەم ئىمان، ساغلام ئەقىدە ، تەۋرەنمەس ئىرادە سۇنماس جاسارەت ئاتا قىلىشنى سورايمەن، ۋە يەنە سىزنىڭ روھىتىڭىزغا تىنىڭىزغا ۋە ئائىلىڭىزغا سالامەتلىك ۋە بەركەت تىلەيمەن ،
ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزغا سۆيۈملۈك پەرزەنتىلىرڭىزگە مۇستەھكەم ئىمان ئىتقاد تىلەيمەن ۋە روھى نامراتلىقدىن جىسمانى مەجرۇھلۇقدىن ئاللاھنىڭ سالامەت قىلىشنى سورايمەن،!
قەدىرلىك ئەردوغان ئەپەندى ئاخىردا سىزگە مۇنۇ دۇئانى ھەدىيە قىلىش بىلەن بۇ مەكتۇبنى تاماملايمەن،

<ئى ئاللاھ بىزگە سىنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار بولۇشدىن تودىغان قورقۇنىچ ئاتا قىلغىن، بىزنى جەننىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن،بىزگە دۇنيانىڭ بالەيى ئاپەتلىرنى مەنسىتمەيدىغان روھ ئاتا قىلغىن، مادامەكى جېنىمىزنى ئامان ئىسەن قىلدىكەنسەن قۇلاقلىرمىزدىن كۆزلىرمىزدىن كۈچ قۈۋەتلىرمىزدىن بەھرىمان قىلغىن، بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئۆچىمىزنى ئالدىغان كۈچ قۈۋەت ۋە بەردەملىك ئاتا قىلغىن،بېشىمىزغا كىلدىغان پىشكەللىكنى دىن جەھەتدىن كەلتۈرمىگىن،دۇنيانى ئەو چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىممىزنىڭ چېكى قىلىپ قويمىغىن، گۇناھلىرمىز تۈپەيلى سەندىن قورقىمايدىغان ۋە بىزگە زۇلۇم قىلدىغان زالىم قەۋىمنى ئۈستىمىزگە مۇسەللەت

قىلىپ قويمىغىن، ئى ئاللا بىز سىنىڭ پەزلىڭدىن سورايمىز ۋە مەنپە ئەتسىز ئىلىمدىن بويسۇنماس دىلدىن تويماس نەپسىدىن مەقبۇل بولماس ئىبادەتدىن ئىجابەت بولماس دۇئادىن ساڭا سېغىنىڭ پاناھلىق تىلەيمىز،! ئامىن…….!!!!!!!! >

ئاللاھقا ئامانەت قەدىرلىك ئەردوغان ئەپەندى خوشۋاق بولۇڭ،!!!!!!

مۇھەممەد ئىبنى ئۇيغۇرى

2012-يىلى 4-ئاينىڭ7-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى

About admin

Leave a Reply