مۇھىم ئۇچۇرلار

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

 شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شەرقى تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات يېغىنى، 20 ئاپرېل شەنبە كۈنى كەچ سائەت 19:00دا زەيتىنبۇرنۇ دېڭىز پەنەرى جەمىئىيىتىنىڭ يېغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يېغىنغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا قېرىنداشلار قاتناشتى. يېغىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.

يېغىنغا جەمىئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

مۇساجان ئەر، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ۋە يىغىن ئەھلىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيىتقاندن كېيىن مۇنداق دېدى: خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان توختىماي كۆچمەن يۆتكەپ شەرقىي تۈركسىتاندا خىتاينىڭ نوپۇسىىنى كۆپەيتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي بىر تەرەپتىن ئاسىملىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئورۇنسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئورۇنماقتا. بۇنىڭ بىر تۈرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ھەر خىل شەكلى ئۆزگەرگەن چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ناملاردا كۆچمەن يۆتكىمەكتە. مىسال قىلىدىغان بولساق، ھالقىما تەرەققىيات، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەترىتى، مەڭگۇ قايتىماس ئەترىتى. شەھەر پىلانلاش، زاۋۇت – فابرىكا قورۇش، كىپەز تىرىش ئەترىتى.  مەبلەغ سېلىش، تەرەققىي قىلدۈرۈش، قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش. دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار ئاستىدا نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلەر شەرقىي تۈركسىتانغا يەرلەشتۈرۈلدى ۋە يەرلەشتۈرۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈشنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەشەببۇس قىلاتتى ۋە بېيجىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى ئەمما خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر ۋە رايونلىرىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەر ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرگە  يوقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن شۇئارلار ئاستىدا خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ يۆتكەپ كەلمەكتە. مىسال ئالىدىغان بولساق، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىغان بىر ماقالىدا قايسى شەھەر قايسى ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدا قەشقەر، شاڭخەيگە، خوتەن بېيجىڭغا، ئاقسۇ جىجىياڭ ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەن.

خىتاي يەنە شەھەر پىلانلاش نام ئاستىدا ھەر قايسى شەھەرنىڭ يېنىغا يېڭىدىن شەھەر ياساپ خىتايلارنى يەرلەشتۈرمەكتە، مىسال قىلىدىغان بولسا قەشقەرگە شاڭخەي شەھەرچىسى دەپ شەھەر قۇرۇلغان، يېڭىشەھەرنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىغا 20 مىڭ ئائىلىك بىر شەھەر قۇرۇلغان، ئەرمۇدۇننىڭ يەرلىك نوپۇسى 30 مىڭ بولۇپ 20 مىڭ ئائىلە ياشايدىغان شەھەر قۇرۇشتىكى مەقسەت يەرلىك نوپۇسدىن خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇش، بۇ پەقەت ئەرمىدۇندا ئەمەس بەلكى پۈتۈن شەھەر يېزىلاردا داۋام قىلىۋاتقان بىر ئەھۋال.

مانا مۇشۇنداق خىتاي پۈتۈن شەھەر ۋە  يىزىلارغا خىتاي يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى تىز سۈرئەتتە يۈرگۈزمەكتە.

بەزى تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا 200 مىليون خىتاي كۆچۈرۈش پىلانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.  خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟ بۇنى توختىتىشنىڭ قانداق – چارە تەدبىرلىرى بار؟ بۇ ھەقتە بۈگۈن سۆز قىلىنىدۇ.

 يېغىندا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۈنۋىرسىتىتى تارىخ فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مۇتەخەسسىسى دوكتۇر. دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى “ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرى “ دېگەن تېمىدا تەپسىلى لېكسىيە بەردى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئالدى بىلەن خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتايلار ئىلىگىرى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى دەپ قارىمايتتى ۋە  ئۇرۇش – جىدەل چىققان ھامان ھەممىسى قېچىپ كېتەتتى، ئەمما يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتاننى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى دەپ قارايدىغان ۋە ئۇرۇش ياكى جىدەل چىققاندا قاچمايدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى بىر بىر ۋەھىمىلىك ۋەزىيەت چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى خىتايلارغا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. خىتاي  ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركسىتاندا خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى ئىرىتىپ ئاسىملىياتىسىيە قىلىش ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركسىتانغا كۆپلەپ يەرلەشتۇرۇش سىىياسىتى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ تارىخى جەرىيانىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ، 1949 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى 4 مىليون 333 مىڭ بولۇپ خىتاينىڭ نوپۇسى 291 مىڭ بولۇپ، جەمئىي نوپۇسنىڭ 6 پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ 2000 ‏- يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىسكىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىليون 250 مىڭغا يەتكەن بۇنىڭدىن كۆچمەن خىتايلارنىڭ نوپۇسى 7 مىليون 497 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 40،6 پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. 2010 ‏- يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىسكىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 813 مىڭ بولۇپ خىتاي نوپۇسى 8 مىليون 746 مىڭ 148 گە يەتكەن. خىتاي نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 40 پرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. خىتايلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 13مىليون 67 مىڭ 186 بولۇپ بۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 60 پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاندا خىتايلارنىڭ نوپۇسى 60 يىل ئىچىدە 291 مىڭدىن كۆپىيىپ 7 مىليون 746مىڭ 148 گە يەتكەن، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1949 ‏- يىلى 3 مىليون 291 مىڭ 100 كىشى بولۇپ 2000 ‏- يىلى 8 مىليون 345 مىڭ 600 گە يەتكەن. 2006 ‏- يىلى 9 مىليون 413 مىڭ 796 گە يەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆيەيگەن بولسىمۇ ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا نوپۇسى ئازىيىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1949 ‏- يىلى 76% پرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ بۇ سان 2010 ‏- يىلى 45 % پرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يۇقىرىدىكى ساندىن سىرت يەنە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جان بېقىش ئۈچۈن كەلگەن ئاققۇن خىتايلارنىڭ سانىنىڭ 2012 ‏- يىلى 6 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، 1949 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندا، خىتاي قىزىل ئارمىيەنىڭ سانى 170 مىڭ بولۇپ ھازىر 2مىليون 800 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 35 مىليوندىن ئارتۇق دەپ قارايدۇ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى دۇنياغا ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەقىقىي نوپۇس سانىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 

گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يوقىرىدىكى ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولسىمۇ خىتاي دائىرلىرى ئاز كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇسىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارە – تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تارىخىنى ھەقىقىي تۈردە يېزىپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ دۇنياغا ۋە خىتايلارغا بىلدۈرۈش. مىللىي مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە دىنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش. خەلقئارالىق قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق قوغدىنىش. خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى توختىشىش ئۈچۈن قارشلىق قىلىش يوللىرىنى تاللاش….

 

About admin

One comment

  1. بەك ئەھمىيەتلىك يىغىن بوپتۇ

Leave a Reply