سېرىقبۇيىدىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، ئىسلام دىنى بىلەن كوممۇنىزىم ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىلوگىيىلىك كۈرەش

سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاينىڭ دىنى بېسىم قىلىشىدىن كېلىپ چىققان

 

سېرىقبۇيىدىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، ئىسلام دىنى بىلەن كوممۇنىزىم ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىلوگىيىلىك كۈرەش

2013 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 23 _ كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىق بۇيا يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلگەن، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

خىتاينىڭ 3 نەپەر پايلاقچىسى سېرىقبۇيا يېزىدا ئۆي ئارىلاپ يۈرۈپ پايلاقچىلىق قىلىۋاتقاندا بىر ئۆيگە توپلانغان بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلارنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا پىچاق ۋە تام تېشىدىغان ئەسۋابلارنى كۆرۈپ گۇمانلانغان. پايلاقچىلار بۇلارنى خىتاي ساقچى ئىدارىسىغا ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىگە چېقىشتۇرۇپ دوكىلات قىلغان. بۇنى بىلىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلار، ئۈچ نەپەر پايلاقچىنى تۇتۇپ ئۆيگە سولاپ قويغان، ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن بۇ ئۈچ نەپەر پايلاقچىنى ئۆلتۈرۈپ جەھەننەمگە يوللىغان. كېيىن خىتاينىڭ ساقچى ئەتىرىتى ۋە ئەسكەرلىرى ئۆينىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ئۆينى ئوق يامغۇرىغا تۇتقان. ئۇيغۇر پىدائىيلارمۇ قارشلىق كۆرسەتكەن. ئىككى تەرەپ قانلىق توقۇنۇش جەرىيانىدا خىتاي تەرەپتىن 15 كىشى ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 10 ئۇيغۇر، 3 خىتاي، 2 مۇڭغۇل قاتارلىق 15 كىشى نەخ مەيداندا ئۆلگەن. خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ئۇيغۇر پىدائىيلاردىن 6 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 8 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاي بۇ ۋەقەنى تېرورلۇق ۋەقە دەپ ئېلان قىلدى.

ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى:

بىزنىڭ ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سېرىقبۇيا بازار ئىچىدە بارات ناۋاي ئىسىملىك بىر ئائىلىنىڭ 3 ئوغلىبولۇپ، بۇلاردىن بىرسى كاۋاپچىلىق قىلىدىكەن، يەنە بىرسى ياغ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. يەنە بىرسى كىچىكبولۇپ ئاكىلىرىغا ياردەملىشىدىكەن، بۇلار 17 ياشتىن 25 ياش ئوتتۇرىسىدىكى ياشلار ئىكەن، بۇلار دىنى ئىتىقادلىقئائىلە بولۇپ ساقال بۇرۇت قويۇپ ياشايدىكەن. ئۇلار ھەر ھەپتىدە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆز ئارا توپلىشىپ كىتابئوقۇيدىكەن ۋە دىنى سۆھبەت قىلىدىكەن، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇلارنىڭ 3 نەپەر دوستلىرى ئۇ ئۆيگە كەلگەنبولۇپ جەمئىىي 6 كىشى سۆھبەت قىلىپ ئولتۇرغاندا، مەھەلىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپكىرگەن ۋە ئۇلارنى ساقال قويماسلىققا، ئايالىنى ھىجاب كەيمەسلىككە مەجبۇرلىغان ۋە ئايالىنىڭ يۈزىنى ئېىچىشقا ئورۇنغان، ئايالىغا قۇل ئۇزىتىلغان ساقچىلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەن بۇ ئائىلىنىڭ ئوغۇللىرى ساقچىلار بىلەن تىركىشىپجىدەللىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئۈچ كىشىنى ئۆيگە سۇلاپ قويغان، كېيىن يەنە خىتاي ساقچىلىرىدىن 3كىشى ئۆيگە بېسىپ كىرىش بىلەن تەڭ ئۇلارنى ئۆيگە سۇلاپ قاتتىق ئۇرغان ۋە ئۇلارنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇراللىرىنىتارتىۋالغان، ئۇ ئۆيدە خىتاينىڭ 6 ساقچىسى ئۆلگەن. كېيىن ئۇ ئاكا – ئۇكىلار كوچىغا چىقىپ ھەرىكەت قىلغان ۋەئالدىغا ئۇچرىىغان ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈپ ماڭغان. سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈزىنى ئېچىشقا مەجبۇرلايدىغان ۋە پىلانلىقتوغۇتنى باھانە قىلىپ كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان، كىشىلەر ئەڭ نەپرەت بىلەن قارايدىغان،تۇتۇپ كەل دىسە كاللىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان خىتايغا سادىق ئىشلەيدىغان، بىر قانچە ئۇيغۇر ساقچىلارنى قوشۇپئۆلتۈرگەن. كېيىن ئۇلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ ئوت قۇيۇۋەتكەن، ساقچىخانىدا كۆپلىگەنساقچىلار يارىلانغان ۋە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. ۋەقەدە خىتاينىڭ سېرىقبۇيا ساقچى باشلىقى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقىمۇ بىللە ئۆلۈپ

باشقا بىر شاھىتنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن قارشىلاشقان ئۇيغۇر پىدائىيلار ساقچىلارنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئالداپ ئەكىرىپ ئىشىكنى تېشىدىن قۇلۇپ سېلىپ قويۇپ ئوت قۇيۇۋەتكەن دېگەن قاراشلارمۇ يېتىپ كەلدى.

ئىگەللىنىشچە بۇ ۋەقەدە 15 خىتاي ساقچىسى نەخ مەيداندا ئۆلگەن، ۋەقە نۇرغۇن ساقچىلار يارىلانغان بولۇپ، يارىدارلاردىن دوختۇرخانىدا 36 ساقچى ئۆلگەن، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا سېرىقبۇيا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، (مۇڭغۇل) سېرىقبۇيا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (خىتاي) بار ئىكەن. ۋەقەدە يەنە نۇرغۇن ساقچىلار يارداربولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار توپلام 15 كىشى بولۇپ ئۇلاردىن 6 كىشى خىتاي ساقچىلىرىتەرىپىدىن نەخ مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن 8 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەسلىدە بۇ ئائىلىنىڭ ئوتتۇرانجى ئىنىسى ساقال قويىدىغان بولۇپ، 15 كۈن ئىلگىرى ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ ئاپىرىپ،ساقال قويماسلىققا ۋە ئايالىنى ھىجاب كەيمەسلىككە مەجبۇرلىغان ۋە قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغان ئىكەن. بۇ ساقچىلارنىڭئىككىنجى قېتىم ئۇ ئۆيگە بېسىپ كىرىشى بولۇپ ئائىلىنىڭ 3 ئوغلى ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىلارغا قارشىلىقكۆرسەتكەن ۋە ساقچىلارنى ئۆلتۈرىۋەتكەن.

بۇ ۋەقە خىتايلار داۋا قىلغاندەك بىر تىرورلۇق ۋەقەسى بولماستىن بەلكى، ئۆزىنىڭ دىنى ئىتىقادىنى قوغداش يولىداخىتاي ساقچىلار بىلەن ئېلىشقان بىر كۈرەش ئىكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، مۇسۇلمانلارنى دىنى ئېتىقادى بويىچەياشاشقا يول قويمىغان خىتاي ساقچىلىرى بىلەن دىنى ئىتىقادى چىڭ مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن چوڭ بىرئۇرۇش. يەنى ئىسلام دىنى چۈشەنچىسى بىلەن دىنغا قارشى تۇرغان كوممۇنىست ئىدىئولوگىيىسى ئوتتۇرىسىدىكىكۈرەش دىيىشكە بولىدۇ. خىتاي مۇسۇلمانلارغا دىنى بېسىمى قانچە كۆپ قىلغانسىرى قارشىلىق شۇنچە كۈچىيىپكېتىۋاتىدۇ. خىتاي خىيالىدا كۈچ بىلەن ئۇيغۇرلارنى بوي سۇندۇرىمەن دەپ خام ‏- خىيال قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار1300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىسلامى ئېتىقادىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ بەلكى دىنى ئەقىسىنى قوغداش يولىداجىنىنى پىدا قىلىدۇ، دىنى ئېتىقادىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ.

سېرىقبۇيا بازىرى مارالبېشى ناھىيەسىدىن 90 كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ بازارنىڭ بىرى. بازارنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، تور نۇقتىلىرى ئىنتاين كۆپ بولۇپ، تاۋارلارنىڭ تۈرى تولۇق ھەم خىلمۇ-خىل. بازار ئاۋات بولۇپ، مەيلى تاۋار، مەيلى يېمەك-ئىچمەك، مەيلى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بولسۇن بۇ بازاردا ئۆزگىچە خاسلىقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەر پەيشەنبە كۈنىدىكى بازار كۈنى غۇلجا، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيەلەر، يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيەسىنىڭ تۇەن-مەيدانلىرىدىن بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان سودىگەرلەر بۇ يەرگە توپلىشىپ سودا قىلىدۇ، بازار كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك سودا سوممىسى بەش مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

سېرىقبۇيا بازىرى كۆلىمى چوڭ، ھەيۋەتلىك، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىچە ئىمارەتلەر كۆپ سېلىنغان. يول بويلىرىدىكى رەت-رەت دۇكانلاردا ياسالغان مىللىيچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، مېزىلىك تائاملار، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدلىكلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. سېرىقبۇيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە شۇنداقلا دىنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن خەلق بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى 2010 _ يىلى سېرىقبۇيا بازىرىنى نوقتىلىق نازارەت قىلىدىغان رايون دەپ قاراپ، 127 ئورۇنغا پاش قىلىش تېلېفۇنى ئورناتقان. سېرىقبۇيىدا 6100 ئائىلە ياشايدىكەن. سېرىقبۇيا بازىرىدىن ‹‹توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ›› دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان.

 

مۇسا بايتاش

About admin

Leave a Reply