”‎‫مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان, ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىيەلمىگەن مىللەت تارىخ بېتىدە ئىز قالدۇرالمايدۇ:

 

”‎‫مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان, ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىيەلمىگەن مىللەت تارىخ بېتىدە ئىز قالدۇرالمايدۇ:


جۈمە خۇتبىسى

سىراجىدىن ئەزىزى

16/6/1434هـ 26/4/2013م

جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان ھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ ئالى تالىب جانابلىرى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسجىدى ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا:

مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان, ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىيەلمىگەن مىللەت تارىخ بېتىدە ئىزقالدۇرالمايدۇ“ دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش, ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق, دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت يوقىرى سەۋىيە, مەرتىۋە, باشقىلارغا تەسىردائىرىسى كۈچلۈك سەۋىيىگە يەتكەن بولسا, ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوڭ ھادىسىلەر, بۈيۈك بەدەللەرنىڭ تۆلەنگەنلىكى, جان پىدا قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆرمەي تۇرالمايمىز.
ھەرقانداق مىللەت دۇنيادىكى مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى خالايدىكەن شۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلىش, ياشلىرىدا قۇربان بېرىش ئېڭىنىڭ يوقىرى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلىمەسلىك, ئىنسانلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك, مۇدھىش بولىدىغانلىقى, تارىخ بېتىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى تارىخ ئىسپاتلىغان.
بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۈممىتى كېلىپ قالغان خار – زەبۇنلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ, ئۇنىڭغا قۇل بولۇش. بايلىقىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ, شۇ بايلىقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا دىنى, ئىمانىنى سېتىۋېتىشتەك ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىدۇر.
نەپسى – خاھىش, ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ, دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ, بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش خۇددى زەھەرلىك چېكىملىككە ئوخشاش مەس قىلغۇچ ئامىل بولۇپ, ئۈممەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى ئاستىلىتىپلا قالماستىن خار – زەبۇنلىققا ئېلىپ بارىدۇ.


ئەمەلىيەتتە, ئۈممەتنىڭ ئازغۇن ھالىتى, خانىۋەيرانلىقى تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلدى. ئەسلىدە ئەھۋال بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز ھەر يۈز يىلدا ئۈممەت بىر قېتىم ئويغىنىپ قانلىق ئۇرۇشلار, ۋەيران قىلغۇچى فىتنىلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ ھەقىقىي كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.
ھەيران قالارلىقى شۇكى, كۈنىمىزدە فىتنىلەر يىل بويى داۋام قىلىپ, مۇسىبەتلەر يېڭىلىنىپ بارماقتا. لېكىن مۇسۇلمانلار ئىبرەت ئالماي كېتىپ بارماقتا.

دەرھەقىقەت, ئىسلام ئۈممىتى بايلىق توپلاپ, دۇنيادا ئەڭ باي, سەرمايىسى ئەڭ كۆپ بولۇشى ئەرەبلەرنىڭ شەرىپىنى كۆتۈرۈپ, خارلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامىلى بولالمايدۇ.

ئەگەر ئەرەبلەر دىنى تەلىماتتىن يۈز ئۆرۈپ, دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى قوراللارنىڭ ھەممىنى سېتىۋالسىمۇ, ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولسىمۇ يەنىلا خارلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلايول ئىسلامغا قايتىشتۇر.

ئىززەت – شەرەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىغان مۇسۇلمانلار تارىخىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ يەنىلا شۇ تارىخقا قايتىشى كېرەك.

بىز مۇسۇلمانلار قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئۆز- ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش, تارىخىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ ئۆزىمىزنى مۇراجىئەت قىلىشتۇر.

ئۈممەت ئۆز ئىچىدىن بۇزۇلماي تۇرۇپ تاشقى كۈچلەر, دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئەمەس.
سۈرىيە زېمىنىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا مۇسۇلمانلار كۈنىگە يۈزلەپ بوغۇزلانماقتا. قانلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. سۈرىيە رىجىمى ئونمىڭلارچە پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ, مىليونلارچە پۇقرانى يۇرتلىرىدىن پالاپ, سۈرىيىنىڭ تارىخى ئەسەرلىرى, ھازارەت-مەدەنىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلماقتا. تارىخى كۈتۈپخانىلارنى قەستەن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرماقتا. ئۇ زالىم ھاكىمىيەتنىڭ دىن بىلەنمۇ ئىشى يوق. كىچىك بالىلارنىڭ يىغا – زارلىرىمۇ ئۆلگەن قەلبىنى ئېرىتەلمەيدۇ. سۈرىيە رىجىمى سۈرىيە زېمىنىغا يات بىر رىجىم بولۇپ, سۈرىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەيدىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولماقتا. زالىم, قانخور ھاكىمىيەت قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ, ئۇنىڭ ئەقىدە قېرىنداشلىرى(ئىران, ھىزبۇللاھنى دېمەكچى) بولغانلار ياردەم بەرمەكتە. سۈرىيە خەلقىنى بىرلىكتە بوغۇزلىماققا. ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇ زالىملارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرماقتا. ئازسانلىق قانخورلار كۆپ سانلىق پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە قەتلىئام قىلماقتا. قايسى كۈنى بىرلا ۋاقىتتا 500دىن كۆپ ئىنسان بوغۇزلاپ تاشلاندى, كۆپلىرى كىچىك بالا ۋە ئاياللار. بۇنداق ۋەھشىلىكنى تارىخ كۆرگەنمۇ ئەجەبا!؟.
بۇ ئەھۋالنى دۇنيا خەلقى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلماقتا. كېلىپ مەزلۇملارغا ياردەم بېرىپ مۇداخىلە قىلىش, ياردەم بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! سۈرىيە خەلقى ئىچكى دۈشمەننىڭ قولى تاشقى دۈشمەننىڭ مېلى ئارقىلىق بوغۇزلانماقتا. ئۆزىنى ئىنسانلارھامىلىرى, ئاجىزلاريانتاياقلىرى, ھەققانىيەتچىلەر دەپ دەۋا قىلغانلارمۇ سۈرىيە پاجىئەسىدە قىرغىنچىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلماقتا.
سۈرىيە خەلقى ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا:“بىزگە سەندىن باشقا مەدەتچى يوق ئې ئاللاھ!“ دەپ شوئار تولىشى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان شوئار ئىدى.

ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى, مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھدىن باشقا مەدەتكارى, تايانچىسى يوق!..
ئې ئاللاھ دۇنيادىكى مەلۇم بەندىلىرىڭگە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىل! زالىملارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھالاك قىل! ئامىن يارەببەل ئالەمىين!!..

 

About admin

Leave a Reply