بىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس

بىز ھەرگىز  يالغۇز ئەمەس


شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5- ئىيول ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا 4 يىل بولغانلىقى شۇنداقلا يېقىنقى كۈنلەردە پىچان ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەر سەۋەبى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايۇن شەھەرلەردە يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي ھالەت ۋە تۇتقۇن قىلىش … تەك ۋەقەلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى 6- ئىيول كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسىلخانىسى ئالدىدا كەڭ- كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ نامايىشقا پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن سىرت تۈركىيىدىكى ئوننەچە تەشكىلات قوللاش مەقسىدىدە نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىقنى، مەسئۇلىيەتنى ئاساس قىلغان شوئارلىرى نامايىشقا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنى تولىمۇ روھلاندۇردى.

بۇ قېتىمقى نامايىش قېتىلغان ئادەم سانى ۋە تەشكىلاتلار جەھەتتىن  ئەڭ كۆپ بولغان، قېتىلغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ۋەھشى قاتىلىقىغا غەزەپ ۋە لەنەتلەر ئەڭ ئېغىر بولغان نامايىىش بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ يېقىن قېرىندىشى دەپ بىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان تۈركىيەلىك ياشلارنىڭ شوئارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي كونسىلخانىسىغا باستۇرۇپ كېرىش تەلىۋى قورقۇنچاق خىتايلارنىڭ قاتمۇ – قات مۇداپەگە ئېلىنغان ساقچى توساقلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن تەستە توسۇلۇپ قېلىندى.

نۇرغۇن تېلىۋىزور قانالىرى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات ئىلان قىلغان تەشكىلات ۋەكىلىرى دۇنيا ئەھلىنى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان بۇ قانلىق ۋەقىلىكلەرگە سۈكۈت قىلماسلىققا،ئۆزىنى مۇسۇلمان، ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىنى بىر ئىنسان دەپ سانىغان ئىنسسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا يۈزبېرىۋاتقان بۇ ئىنسانلىق جىنايىتى ئۈچۈن قارشىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى. شۇنداقلا بۇ داۋانىڭ خىتاينىڭ تەھدىدى ، قورقۇتۇشى ۋە تۈرلۈك بېسىملىرى بىلەن توختاپ قالماستىن بارغانسېرى كۈچىيىدىغان ، ھەتتا ھاياتلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارىدىغان داۋا ئىكەنلىكىنى، بۇ داۋانىڭ  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقى ئىگىلىرىگە قايتقىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاخبىرات ئىلان قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ كونسىلخانا ئالدىدىن ئايرىلىشنى خالىمىغان كىشىلەر تەكبىر ۋە تەھلىل كەلتۈرۈش بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدىتىشتى.

 مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

About admin

Leave a Reply