خىتاي بۇ يىل روزا تۇتۇشنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىدى

خىتاي بۇ يىل  روزا تۇتۇشنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىدى

خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماسلىق چەكلىمىسىگە  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىىنىڭ مۇۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

 تۈركىيەنىڭ خەۋەر تۈرك  تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە بېرىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار دىيارى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى چەكلەپ كەلگەن رامىزاندا روزا تۇتۇرماسلىقتىن ئىبارەت بۇ يولسىز چەكلىمىسىنى  بۇ يىل تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرغان بولۇپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامىزان ئېيى بويىچە روزا تۇتۇشقا قەتئى بولمايدىغانلىقىغا قوشۇپ، ھەتتا دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەنلەرنىمۇ بۇ چەكلىمىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى. .  بۇ ئۇختۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق تور بەتلىرىدە ئىلان قىلدى.  بۇ چەكلىمىدە “ كومۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ، دۆلەت كادىرلىرى ، خىزمەتچىلىرىنىڭ ( پېنسىيەگە چىققانلارۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) ئوقۇغۇچىلار رامىزان ئېيى ئىچىدە ئامىۋى مۇقىملىقنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇشىنىڭ قەتئى چەكلىنىدىغانلىقى ئىلان قىلىنغان. بۇ ئۇختۇرۇشتا يەنە  يۇقىرقى كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيىدا رامىزان ئېيىغا ئالاقىدار ھەرقانداق بىر پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇلىنىشى چەكلىنىدۇ، دېيىلگەن.

ئۇختۇرۇشتا يەنە يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ رامىزاندا تاماق يېيىشى ئۈچۈن  يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭرەھبەرلىرىگە تەۋەلىكىدىكى رايۇنلاردا تاماق ھەدىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى. بۇ چەكلىمىلەرگە قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ: خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەن بۇرۇنقى زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنى پائلىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ. 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھېچبىرى جۈمە نامىزىغا بېرىش ئەركىنلىكى بولمىغىنىدەك ، روزا تۇتۇش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇمدۇر. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنىڭ ھەر كىشى تەرىپىدىن بىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، دېدى.

 خەۋەرنىڭ داۋامىدا يەنە : خوتەن ۋىلايەتلىك دىن ئىشىلىرىغا ئالاقىدار خىزمەتچىلەردىن ئېلىنغان خەۋەردىمۇ بۇ چەكلىمىنىڭ توغرىلىقىنى، ئۆتكەن يىلى رامىزاندىمۇ ئۆقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئادەملىرىگە روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى، دېيىلگەن.  

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  

About admin

Leave a Reply