شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئام تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىۋىدە

  

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئام تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ  كۈن تەرتىۋىدە

 

تۈركىيەدىكى  ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلات باشلىقى ئايخان  سەپەر ئۈستۈن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلاشما جەمئىيىنىڭ ئەنقەرەدىكى شۆبىسىنىڭ باشلىقى  خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتىنى  قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا ئايخان سەڧەر ئۈستۈن : بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ، ئۆزىدىن قورقۇلۇدىغان بىر دۆلەت ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا تەرىپدىن ھۆرمەت قىلىنىدىغان بىر دۆلەت بولۇشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلىكلەرگە قارىتىلغان پوزىتسىيەسىنى ئىنسان ھەقلىرى باش  تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىىز بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈرىمىز. پۇرسەت تاپقان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمكان بېرىلسە ئۇ يەرلەرگە بېرىپ بولغان ۋەقەلىكلەرنى ئۆز كۈزىمىز بىلەن كۆرۈشنى خالايمىز، دېدى.

دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى ، بۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر ئېغىر مۇسىبەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خەيرۇللاھ ئەپەندى سۆزىنىڭ  داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ  ھەقىقەتەن  ئىنتايىن  مۇشكۈل ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ،تېلىڧۇن ۋە ئىنتىرنېت ئالاقىلىرىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلار ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە مەجبۇرى سۇ ئىچىرىش ئارقىلىق روزا تۇتۇپ – تۇتمىغانلىقىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ھېچقانداق بىر مىللەت بۇ دەرىجىدە بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراپ  باقمىغانلىقىنى، روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ روزىلىرىنى مەجبۇرى ئاچتۇرۋاتقانلىقىنى، مەسجىتلەرنى ئاچقاندەك قىلغان بىلەن مەسجىتلەرنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلغان بەش ماددىلىق تېزىملىكتە: ئوقۇغۇچىلار ، دۆلەت كادىرلىرى، ئىشچىلىرى، كومىنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولغانلار، پىنسىيەگە چىققانلار ۋە ئاياللار كېرەلمەيدۇ، دەپ يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇمنى ھەم تۈركىيىدە ھەم دۇنيانىڭ بىرمۇنچە يەرلىرىدە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا خەلقىنىڭ  بۇ ھەقتە سەزگۈر بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.  خەيرۇللاھ ئەپەندى يەنە: تۈركىيەدىن بىر گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئىمكانى بارمۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا ئىدى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى، دېدى. 
تەشكىلات باشلىقى ئۈستۈن بۇ ۋەقەلىكلەردە شېھىت بولغانلارغا ئاللاھدىن رەھمەت ۋە ئاىلىسىدىكىلەرگە سەۋر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا، مىيامىردا، سۈرىيەدە، پەلەستىندە بۇلۇۋاتقان ئەھۋاللارغا قارىغىنىمىزدا بۇلارنىڭ ئەلۋەتتە تاسادىبى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز. بۇلارنى دۇنيادىكى ھوقۇقدار كۈچلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا سېستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتىمىز، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:  
تارىخ بويىچە شەرقىي تۈركىستان مىللى تۈرك دۆلەتلىرىنى قۇرغان بىراق 18. ئەسىردىن باشلاپ، ئوخشىمىغان زامانلاردا ىخىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپدىن ئۇلارنىڭ ھەتتا  ھايات كەچۈرۈشلىرىگە ئىمكان بەرمەسلىككە باشلىغاندۇر. 1955- يىلدىن كېيىنكى تاجاۋۇزچىلىقلىرى بىلەن كۆرۈنۈشتە شەرقىي تۈركىستانغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەندەك قىلىنسىمۇ بىراق بۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ھېچقانداق بىر پۇرسەت بېرىلمىدى. ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ھېچ بەرمىدى. بۇ رايۇندا مۇسۇلمان تۈركلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئاسىمىلاتسىيە قىلىش، كۈچۈرۋېتىش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلدى. دەسلىۋىدە يۈزدە 5 پىرسەنتكىمۇ بارمايدىغان نوپۇسىنى يۈزدە 50 كە چىقاردى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باشتا ئاسىمىلاتسىيە بولۇشى بىلەن دىن، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئىش تېپىش تەس بولۇشتەك نۇرغۇن ئاساسى مەسىلىلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىمۇ بۇ سەۋەپلەر ئاساس بولىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدىغان سىياسەت قوللىنىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇنىڭغا قارشى چىقار – چىقماس خىتاي ھۆكۈمىتى تۈمۈر مۇشتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ باشلىرىغا ئۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈملەر، تۈرمىلەرگە تاشلىنىش، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناشلار ۋە سان- ساناقسىز ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى كېلىپ چىقماقتا.

مىڭ ئەپسۇسكى بۇ يىل 26- ئىيون شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرمۇ يەنە ئاشۇنداق سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. خىتاي دۆلىتى باشقىلارنى قورقۇتىدىغان بىر ئوبرازىدىن ۋاز كېچىپ ئازراق بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىنىدىغان بىر دۆلەت بولۇشقا يۈزلىنىشى كېرەك. بىز ئىنسان ھەقلىرى باش تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز. ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەرقانداق بىر سىياسەتنى قانۇنلۇق دەپ قارايدىغان زوراۋانلىقى ئېڭىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىمىز.   

ئۈستۈن سۆزىنىڭ داۋامىدا: مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئويغۇنۇشى كېرەكلىكىنى، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنى پەرقلەندۈرۈشى ، قارشىلىق ۋە نارازىلىقلىرىنى بۇنىڭغا قارىتا بىلدۈرۈشى كېرەكلىگىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۈستىدە ئوينىلىۋاتقان بۇ ئويۇنلارنى پەرق قىلالمىغانىدا دۆلەتلەردىكى رەھبەرلەر گەرچە مۇسۇلمان بولغىنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا قارارلارنى ئېلىپ، بۇنىڭ بىلەن غەرپ كۈچلىرنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدە قۇرغان توزاقلىرىغا ھەمدەمدە بولۇپ قالىدىغانلىقى  تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى باش تەشكىلاتى بولۇشى سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر زامان كۈنتەرتىپتە تۇتىدىغانلىقىنى ، ئىمكان بېرىلگەن ھامان شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ۋەقەلىكلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانودولۇ ئاجانس خەۋەر بىلوگىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر  

 

  

About admin

Leave a Reply