لوپنۇردىكى مالەن ئاتوم بازىسى ساياھەتكە ئېچىلماقچى

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مالەن ئاتوم بازىسىنى ساياھەتكە ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1964-يىلى 16-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مانا مۇشۇ مالەن ئاتوم بازىسىدا سىناق قىلغان ئىدى.

 خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دىكتاتۇر ھاكىمىيىتى بۇ قۇرۇلۇش پىلانىغا 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن ۋە مەزكۇر بازىنى ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت لابراتوۋاتورلار ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاتوم پارتلاتقاندا ئىشلىتىلگەن 300 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تونېلنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالەن ئاتوم بازىسىنى ساياھەتكە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنى، تارىخى بىر ۋەقەنى خاتىرىلەيدىغان ۋە تەبرىكلەيدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دىكتاتۇر ھاكىمىيىتى 1949 _ يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاننىىڭ لوپنۇر رايونىنى ئاتوم يادرو سىناق قىلىش بازىسى قىلدى ۋە 1964-يىلىدىن 1996-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە شەرقىي تۈركسىتاندا جەمئىي 46 قېتىم ئاتوم بومبىسى سىناق قىلدى. خىتاينىڭ بۇ ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيانغا ئۇچىرىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبا سىناق قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇۋاقلار مىيىپ توغۇلۇش، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش، تېرىلغۇ يەرلەر زەھەرلىنىپ دەل – دەرەخ ۋە مەھسۇلاتلار ئىنمەسلىك، پات – پات ھاۋانى تۇمان قاپلاپ كېتىش، تۇپا يېغىش دېگەنگە ئوخشاش ئىللەتلەر كۆرۈلمەكتە.

12-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش تورىدىن بېرىلگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇغۇلغان ھەر 10 مىڭ بالىنىڭ ئىچىدىن 105 ئى ھەرخىل تۇغما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ تۇغۇلىدىكەن.

خىتاي لوپنۇردا 46 قېتىم يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ بېرىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئادەملەرنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلاردا راك ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا غەيرىي كېسەللىكلەر، غەيرىي نۇرمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئارتقان.

 

About admin

Leave a Reply