خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا ئاخباراتقا قارشى سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا ئاخباراتقا قارشى سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە

شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاخىرقى كۈنلەردىكى ۋەزىيىتى ، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئاي يۈز بەرگەن تۇرپان ۋەقەسىدىن كىيىن ، تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەقە ۋە قەتلىئاملارنىڭ خەلقاراغا تاراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن ئاخبارات ساھەسىگە قارىتا يۇشۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايغا ئىشغالى ۋە زۇلمىغا قارشى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلى ماھىيىتىدىن بورمىلاپ خەلقاراغا تەتۈر تەشۋىق قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى ، ئاخباراتقا قارىتا قاتتىق نەزەربەنت قىلىش ۋە قاتتىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق شەرقى تۈركستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرسىزلىك سىياسىتىنىڭ خەلقى ئالەمدە ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئاخباراتنى شۇنچە قاتتىق نازارەت قىلغان بولىسمۇ، تۇزلۇقتىن تۇز تەپچىرىگەندەك خىتاي دائىرلىرى سىياسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئەسلى ماھىيىتى ئىلگىرى يا كىيىن خەلقارا جامائىتىگە بىر شەكىلدە ئاشكارا بولماقتا ۋە خەلقارانىڭ ھەممە يىرىدە تەنقىدگە ئۇچرىماقتا.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتلەر شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە ئۇمۇملاشقان بولىسمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتقا قاراتقان مونۇپۇل سىياسىتى سەۋەپلىك بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە مەلۇمات يەتكۈزۈش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئاخباراتى ئېلان قىلغان خەۋەر بىلەن خەلقارا ئاخباراتى ئېلان قىلغان خەۋەرلەر ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر ۋە قارمۇ قارشىلىقلار مەۋجۇتتۇر. مانا بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركستان ۋەزىيىتىگە قارىتا ئاخباراتنى قانچىلىك قامال قىلىۋالغانلىقىنى ۋە ۋەقەنى بورمىلاپ ئاڭلىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدا ئاخبارات ھۇقۇقىنىڭمۇ ئىتىبارى يوقلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 خىتاي دائىرىلىرى نەچچە يىلدىن بىرى ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنى رامىزاندا روزا تۇتۇش پەرىزىنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ كەلمەكتە.

64  يىلدىن بىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىغا دۇچار بولغان شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۇمۇمەن مۇسۇلماندۇر، ئۇلار 64 يىلدىن بىرى ئىشغالغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ، تەبىئى بايلىقلىرىدىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەن قىزىل كۆز خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستانغا كانىدەك چاپلىشىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ قېنىنى شورىماقتا.

 مۇسلىم

 

About admin

Leave a Reply