مۇھىم ئۇچۇرلار

ئىسلام نەزىرىدە ۋەتەن ـ مىللەت مەسىلىسى

ۋەتەن مىللەت مەسىلىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا چەك ـ چېگرىسى ئېنىق ئايرىلمىغان، ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقى ياخشى چۈشىنىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بېرى.

 

دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى دالا پائالىيىتىنىڭ ئىككىنجى كۈنى يەنى 25- ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇلئەھەت ھاپىز ئىسلامدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئۈممەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك چۈشەنجىسى ھەققىدە قېرىنداشلارغا لىكسىيە سۆزلىدى.

لىكسىيەنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى تۈۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

”ئىسلام نەزىرىدە ۋەتەن ـ مىللەت مەسىلىسى“

 

بسم الله الرحمن الرحيم

 

الحمد لله رب العالمين، والعاقبة للمتقين، والصلاة والسلام على سيدنا محمد وعلى آله وأصحابه أجمعين الطيبين الطاهرين، ومن تبعهم بإحسان إلى يوم الدين. وبعد:

ۋەتەن مىللەت مەسىلىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا چەك ـ چېگرىسى ئېنىق ئايرىلمىغان، ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقى ياخشى چۈشىنىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بېرى. ۋەتەن مىللەت داۋاسى قىلىدىغانلارنىڭ دىنى سۇس، ياكى دىندىن يىراق كىشىلەر بولغانلىقى، دىنى كۈچلۈك ياشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزى كەمتۈك پىكىرلىرى ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىكنى رەت قىلىدىغاندەك، ۋەتەن مىللەتكە خىزمەت قىلىش مۇسۇلمانچىلىق بىلەن بىرلىشەلمەيدىغاندەك بىر تەرەپلىمە قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا ۋەتەن مىللەتنى دۈشمەننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى رايۇندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى چەك چېگرىسىنى ئايرىپ ئېنىق بىلىشى زۆرۈر دەپ قاراپ بۇ مەسىلىدە قەلەم تەۋرىتىشكە قەدەم قويدۇم. لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمدەك بۇ مەسىلە ئىسلام دۇنياسىدا ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە بولغاچقا، بۇ ھەقتە تۈزۈكرەك مەنبە تاپالمىدىم. شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىنى بايان قىلىشتا ئۆزەمنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئالغان چۈشەنچەمگە تايىنىشقا توغرا كەلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك دېگەن بۇ ئىككى تىما بىر ـ بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن دوسلار تەرەپتىن ھەر ئىككى تىما ماڭا بېرىلدى. ئەسلىدە بۇ ئىككى تىمىنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەپسىيلىي يېزىلسا ياخشى بولاتتى. لېكىن ۋاقىتنىڭ زىچلىقى تۈپەيلى ھەر ئىككى تىمىنى قىسقا قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىپ قالدى. بۇ سەۋەب بىلەن ئىككى تىمىنى بىرلەشتۈرۈپ ”ئىسلام نەزىرىدە ۋەتەن ـ مىللەت مەسىلىسى“ سەرلەۋھىسى ئاستىدا بۇ تۇنجى ماقالىنى ھەربىرىڭلارنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئىخلاسمەن قېرىنداشلىرىمنىڭ تۈزۈتىش ۋە تولۇقلاشقا تىگىشلىك سەمىمىي پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ۋە تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى ئالدىنئالا بىلدۈرىمەن ۋە رھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ تائالا بىزگە ھەقنى ھەق كۆرسىتىپ ئۇ يولدا مېڭىشنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشنى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين!

مىللەتپەرۋەرلىك

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتقاندىن كېيىن ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنى ھەرخىل قەبىلە، ھەرخىل مىللەت قىلىپ يەر شارىغا تارقاتتى. ”ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق…“ [سۈرە ھۇجۇرات: 13- ئايەت]

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئۆز قەۋمىنى ـ ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان تۇيغۇ يەرلەشتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مىللەت ۋە ھەر قەۋم ئۆز مىللىتىنى سۆيىدۇ ۋە باشقىلاردىن كۆرە ئۆز قەۋمىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلىدۇ. مىللىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىغا غەزەپلىنىدۇ. بۇ ھېس ـ تۇيغۇ پۈتكۈل ئىنسانلاردا مەۋجۇت بولغان ئورتاق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.   رەسۇلۇللاھ تائىپقا چىققاندا مۇشرىكلاردىن شۇنداق چىدىغۇسىز ئەزىيەتلەرنى كۆرگەندىن كىيىن ئاللاغا دەردىنى ئېيتىپ دۇئا قىلغاندا، ئاللا تاغاق مۇئەككەل پەرىشتىنى ئەۋەتكەن. پەرىشتە كىلىپ ئىككى تاغنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىگە تاشلايمۇ دېگەندە، رەسۇللاھ ياق، چۈنكى مىنىڭ قوۋمىم بىلمەيدۇ دېگەن. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز قەۋمىنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ساھابە كىراملاردىن تۇپەيل ئەد دوسى دېگەن كېشى مۇسۇلمان بولغاندا قەۋمى ئۇنى ناھايتى قاتتىق ئۇرۇپ قېينىغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن رەسۇلۇللاھ دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە ، ساھابىلەر دەۋس قەبىلىسى ھالاك بولدى دېيىشكەن. تۇپەيل مۇنداق دەيدۇ: مەن قەۋمىمنىڭ ھالاك بولىشىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتىم ، لېكىن رەسۇلۇللاھ قەۋمىمنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. بۇمۇ تۇپەيلنىڭ ئۆز قەۋمىنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

لېكىن ھەرقانداق نەرسىنىڭ چەك ـ چېگرىسى بولغاندەك، مىللەت ۋە قەۋم سۆيگۈسىنىڭمۇ چەك ـ چېگرىسى بولۇشى لازىم. ئەمما ئىنسانلار بۇ چەك چېگرىنى ئايرىيالماي، ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، ئۆز مىللىتى بىلەن پەخرىلىنىش ۋە باشقا مىللەتلەرنى كۆزگە ئىلمەي كەمسىتىشتەك يامان ئادەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار قەبىلەۋازلىق قىلىپ بىر ـ بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەق ناھەق بولۇشىغا قارىماستىن قارغۇلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ، بىر ـ بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىشلارنى ئىنسان تەبىئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە رەتكە سالغىنىدەك، بۇ مىللەتچىلىك ـ قەبىلىۋازلىق  مەسىلىسىنىمۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىدە بار بولغان مىللەت سۆيگۈسىنىمۇ يوققا چىقارماستىن، مىللەتچىلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقىرىقىدەك زىيان زەخمەتكىمۇ يول قويماستىن ناھايىتى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلدى.

ئىسلام دۇنيادا مەۋجۇد بولغان بارلىق مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە كەلگەن ئالەمشۇمۇل بىر دىن. بۇ دىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىنىڭ بىر بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”ھەممىڭلار ئادەمدىن كەلگەن ۋە ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان“ دېدى.

ئىسلام يەنە كىشىنىڭ قايسىبىر مىللەتتىن بولۇشى ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بەرمەيدىغانلىقىنى، پەزىلەت ۋە ئالاھىدىلىكنىڭ پەقەت ياراتقۇچىسىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: “ ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر…“ [سۈرە ھۇجۇرات: 13- ئايەت] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەدا خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: ”ئەي ئىنسانلار! ئاگاھ بولۇڭلار، رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ئەرەپنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەپتىن ئۈستۈنلىكى يوق، قىزىل تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ قىزىل تەنلىكتىن ئۈستۈنلىكى يوق [يەنە بىر رىۋايەتتە ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن ئۈستۈنلۈكى يوق] ئۈستۈنلۈك پەقەت تەقۋادىدۇر“ [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]

ئىسلام ئىنسانلارنى قەبىلەۋازلىق، مىللەتچىلىك دۈشمەنلىكى ۋە پارچىلىنىش ئىللىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ ئالى تۇيغۇ ۋە يۈكسەك غايىدە بىرلەشتۈردى. ئو بولسىمۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ”بىر ئۇممەت“ دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇممەتنىڭ پەرتلىرىنىڭ تىللىرى باشقا، رەڭگى رۇيى باشقا، مىللىتى باشقا، ياشايدىغان يەرلىرى باشقا، ئەمما ئەڭ ئالى غايىسى بىر، يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بىر، يولباشچى پەيغەمبىرى بىردۇر. ”(ئى ئىنسانلار!) بۇ سىلەرنىڭ ئۇممىتىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئۇممەتتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار…“ [سۈرە ئەنبىيا: 92- ئايەت]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇسۇلمانلارنى ھەممە بىردەك ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئايرىلماسلىققا چاقرىپ مۇنداق دېدى: ”ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا يەنى دىنىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار…“ [سۈرە ئالى ئىمران: 102- ئايەت] “ مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار…“ [سۈرە ھۇجۇرات: 10- ئايەت]   

ئىنسانلار ھەممىسى ئوخشاش بولغان ئىكەن، ھېچبىر مىللەتنى، ھېچبىر قەۋمنى ياكى ھېچبىر جامائەتنى كەمسىتىشكە، مەسخىرە قىلىشقا بولمايدۇ. ”ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى  مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم  مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار  مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر.“ [سۈرە ھۇجۇرات: 11- ئايەت] 

يۇقىرىقىلاردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ:

مىللەتپەرۋەرلىكنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ چۈشىنىش كېرەك: بىرى ئىجابى يەنى ئىسلامغا ئۇيغۇن بولغان مىللەتپەرۋەرلىك، يەنە بىرى سەلبى يەنى ئىسلام مەنئى قىلغان مىللەتچىلىك.

ئىجابى مىللەتپەرۋەرلىك:

1-  ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارنى باشقا مۇسۇلمانلاردىن بەكرەك سۆيۈشى.

2-   ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارغا خىزمەت ۋە ياردەم قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشى. بۇنىڭ شەرتى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ھەقسىزلىق قىلماسلىقتۇر. 

3- ئۆز مىللىتىنىڭ ئىش ئىزلىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن پەخرىلىنىشى، كىشىلەرنى ئىشلەشكە، تىرىشىشقا، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە تەرغىب قىلىش ئۈچۈن مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى غەلىبىلىرىنى ئەسلىتىشى ۋە تارىخىي شەخسلىرىنى مەدھىيىلىشى. 

سەلبى مىللەتچىلىك ئىرقچىلىق، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش بولۇپ بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسەبىيەت دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭ ئىسلامغا پۈتۈنلەي زىت، جاھىلىيەت قىلىقى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان. بۇ سەلبى مىللەتچىلىكنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى:

1-  مەن پالانى مىللەتتىن، دەپ مىللىتى بىلەن پەخرىلىنىش. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى پارچىلايدۇ. چۈنكى بىراۋنىڭ ئۆز مىللىتى بىلەن پەخرىلىنىشى، يەنە بىر تەرەپنىمۇ ئۆز مىللىتى بىلەن پەخرىلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئاخىرىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. 

2-  ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ تەكەببۇرلۇق قىلىش، كىبىرلەنگەن كىشى باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمەيدۇ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىدۇ. بۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك ۋە توقۇنۇشقا يول ئاچىدۇ.

3-  ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى باشقا مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش. بىر كاپىرنى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر مۇسۇلماندىن ئۈستۈن كۆرۈش قەتئىي جائىز ئەمەس.

4-   ھەقسىز ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش. بۇ ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇمدۇر. ھەدىسى قۇدسىدە ئاللاھ تائالا: ”ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم، بىر ـ بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار“ [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى] دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”كاپىر بولسىمۇ زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دۇئالىرىدىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا پەردە يوقتۇر“ [ئىمام بەززار رىۋايىتى] دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”كىم بىراۋنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، زالىمغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ماڭسا، ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.“ [ئىمام تەبەرانى رىۋايىتى] يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”كىم بىر زالىمغا ھەقنى يوقىتىش ئۈچۈن ياردەم قىلسا، ئۇ ئاللاھتىن ۋە رەسۇلۇللاھتىن ئادا جۇدا بولغان بولىدۇ.“ [ئىمام تەبەرانى ۋە ھاكىم رىۋايىتى]

5- ئەسەبىيەتكە ئېسىلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش. بۇ دىنىمىزدا قاتتىق مەنئى قىلىنغان، ئىنسانىيەتكىمۇ ياتمايدىغان يامان ئىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”كىم ئەسەبىيەتكە چاقىرسا بىزدىن ئەمەس، كىم ئەسەبىيەت ئۈچۈن ئۇرۇشسا بىزدىن ئەمەس، كىم ئەسەبىيەت ئۈستىدە ئۆلسە بىزدىن ئەمەس“ دېگەن. [ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى] يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسەبىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئەسەبىيەت – ئۆز قەۋمىڭگە ھەقسىز يەرگە ياردەم قىلىشىڭدۇر“ [ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى] 

 

ۋەتەنپەرۋەرلىك

 

ۋەتەن ئىنساننىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، قەلبى باغلانغان ماكانى، مۈلكى، نومۇسى ۋە شەرىپىدۇر. ئىنسان ۋەتەن تۇپرىقىدا ھايات كەچۇرىدۇ، ئۇ تۇپراقتا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ نامىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بايرىقىنى شۇ يەردە تىكلەيدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى ۋە ھاۋاسى ئىنسانغا ھوزۇر ۋە بەخت بېغىشلايدۇ. ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ۋەتىنى بىلەن بولىدۇ؛  ۋەتىنى بىلەن تونۇلىدۇ. ۋەتىنى بولمىسا ئۇنى ھېچكىم تونىمايدۇ؛ سۆزى ئۆتمەيدۇ؛ ئىشى ئاقمايدۇ. ۋەتىنى كۈچلۈك، ئەزىز بولسا، بېشى تىك، ئېتىبارى يۇقىرى، قەدرى ئۈستۈن بولىدۇ. قەيەرگە بارسا ”مەن پالان يەرنىڭ گاراژدانى“ دەپ، غۇرۇر بىلەن بېشى تىك، كۆڭلى خاتىرجەم كېزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان سان ـ ساناقسىز نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىشتا ئۇنىڭ قەلبىگە ۋەتىنىنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى يەرلەشتۈرگەن. بۇ تۇغما مۇھەببەت ئىنساننى ۋەتىنىگە باغلايدۇ. ئۇ مەجبۇر بولۇپ قالمىغىچە ۋەتىنىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ يولغا چىققاندا: ”ئەي مەككە! سەن ئاللاھقا ۋە ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك شەھەرسەن، ئەگەر خەلقىڭ مېنى چىقارمىغان بولسا ئىدى، مەن ھەرگىز سەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتمەيتتىم“ [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى] دېگەن. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن مەككىنى تەرك ئەتمىگەنلىكىنى، كاپىرلارنىڭ ئۇنى ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ” ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى.“ [سۈرە تەۋبە: 40- ئايەت]

ۋەتەندىن ئايرىلىش ئىنسان نەپسىگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان، ناھايىتى قىيىن بىر ئىش بولغاچقا، مۇھاجىرلارنىڭ پەزىلىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ يولىدا ۋەتەنلىرىنى قۇربان بېرىپ، مەدىنىگە كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىر ساھابىلارنىڭ ئەنسار ساھابىلاردىن ئارتۇقچىلىقى ئۇلارنىڭ ۋەتەنلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇھاجىرلارنى ئالاھىدە مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: ”(ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق كىشىلەردۇر.“ [سۈرە ھەشر: 8- ئايەت]

ۋەتەندىن ئايرىلىش ئەڭ ئېغىر جازا ۋە ئەڭ قاتتىق ئازاپ بولغاچقا، جىنايەتچىنى ۋەتەندىن پالاش، ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەڭ تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.“ [سۈرە مائىدە: 33- ئايەت]

قۇرئان كەرىمدە ۋەتەن سۆيگۈسى جان سۆيگۈسى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ: “ ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى، ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى.“ [سۈرە نىسا: 66- ئايەت] يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ”(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.“ [سۈرە مۇمتەھىنە]

ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سەپەردىن قايتسا، مەدىنىنىڭ تۆپەلىرىنى كۆرۈش بىلەن تۆگىسىنى تىزلىتەتتى. ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھارىس ئىبنى ئۇمەير ھۇمەيددىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ مەدىنىنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن تۆگىسىنى تىزلىتەتتى“ دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]

 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەن ۋە يۇرت سۆيگۈسىنىڭ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا بار بولغان تەبىئىي بىر نەرسە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن بۇ مۇھەببەت ۋە سۆيگۈنىڭمۇ چەك ـ چېگرىسىنى ئايرىپ چۈشۈنىشى كېرەك. شۇڭا ۋەتەنپەرۋەلىكنىمۇ ئىجابى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سەلبى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك – يۇرت ـ ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ ھەق ھوھۇقىنى ئادا قىلىش، ۋەتىنىگە ۋاپادار بولۇش، ۋەتىنىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەش، ۋەتىنىنى دۈشمەنگە قارشى مۇداپىئە قىلىش، ئەگەر ۋەتىنى ئاسارەتكە چۈشۈپ قالغان بولسا ۋەتەننى ئازات قىلىش ئۈچۈن ئىسسىق جېنىنى، تاتلىق مېلىنى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنى پىدا قىلىپ جىھاد قىلىش، ۋەتەندە بىرلىكتە ياشايدىغان بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلام پەرز قىلغان قېرىنداشلىق رىشتىسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئۆز ۋەتىنىگە قارىتا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشى پەرزى ئەيندۇر ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا پەرزى كۇپايىدۇر.

 

ئىسلام رەت قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك:

ئىسلام يۇرتۋازلىق ۋە مەھەللەۋازلىقنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ، دۈشمەننىڭ بىر ۋەتەندە ياشايدىغان كىشىلەرنى پارچا ـ پارچا قىلىپ، بىر ـ بىرىنى ياراتمايدىغان، بىر ـ بىرىنى كەمسىتىدىغان، ئۆز يۇرتىدىن بولغانغا يان بېسىپ، باشقا يۇرتتىن بولغان دىنى قېرىندىشىنى يەكلەيدىغان، باشقا يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان، مەزلۇمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ياردەم قىلمايدىغان ئەھۋاللاردۇر. بۇ ئەھۋاللار دۈشمەنلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى ئىستىلا قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇپ بىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق يۇرتۋازلىقنى ئىسلام قەتئى رەت قىلىدۇ.

مۇسۇلماننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىسلام ئەقىدىسىدىن كېلىدۇ. ئىسلام ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئەقىدىگە باغلايدۇ. يەنى ئىسلام نەزىرىدە ۋەتەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ خاس ۋەتىنى بىلەن پۈتكۈل مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ياشايدىغان ئومۇمىي ۋەتەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ۋەتىنىدۇر. دۇنيانىڭ قايسى بىر  يېرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىسا، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئۇ ۋەتەننى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئە قىلىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش پەرز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام خۇسۇسىي ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئومۇمىي ۋەتەن تۇيغۇسىنى بىرلەشتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ قايسى بىرىنى تەركى ئىتىش ئىسلامغا ئۇيغۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك بولمايدۇ.     

ئىسلامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكتۇر. مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنىنى سۆيۈشى ياشاشنى سۆيۈشى بىلەن بارابەر، ئۇنىڭ ۋەتىنىدىن چىقىرىلىشى بۇ ھاياتتىن ئايرىلىش بىلەن تەڭدۇر.     

دېمەك ئىجابى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلامدا جائىز بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئىسلام تەرغىپ قىلىدىغان پەرىز ئىشلاردىندۇر. ئىسلامدا قوغداشقا ۋە ئۇ يولدا جان بىرىشكە تېگىشلىك بەش نەرسە بار، ئۇنى فىقھىدا بەش زۇرۇرى ئىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دىن، جان، مال ، نۇمۇس ۋە ئەقىلدۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى مال ۋە نۇمۇس ۋەتەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ۋەتەن يولىدا ئۆلگەن مۇسۇلمان شېھىت بولىدۇ.

 

ئاللاھ بىزگە ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەن ئۈچۈن جان تېكىپ خىزمەت قىلىدىغان روھ ئاتا قىلسۇن ! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى زالىملارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مۇستەقىللىق بايرىقىمىزنى تىكلەشنى نىسىپ قىلسۇن ! ئامىن .

ئاپتۇرى:  ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

About admin

One comment

Leave a Reply