خىتاينىڭ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

ئىگەلىنىشىچە خىتاي دائىرلىرى 1975 ‏- يىللاردا لوپنۇردىن باشقا يەنە تۇرپاننىڭ يالقۇنتاي يېزىسىدىمۇ ئاتوم بومبا سىناق قىلغان، نەتىجىدە بۇ يېزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانلىرى ئىچى سۈرۈپ كېتىش ۋە قىززىتمىسى ئۆرلەش دېگەنگە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ۋە يالقۇنتاغ يېزىسىدا 120 كىچىك بالا بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن.

 1975 ‏- يىللاردا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۇرپاننىڭ يالقۇنتاغ يېزىسىغا پراكتىغا بارغان ۋاقىتتا خىتاي دائىرلىرى شۇ يېزىغا يېقىن ئەتراپتا ئاتوم بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ۋە ھازىر ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا ناھيىلىك ساغلىق دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي نۇرمۇھەممەت دوختۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرمۇھەممەد دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،، خىتاي دائىرلىرى 1975 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى لوپنۇردىن باشقا يەنە تۇرپاننىڭ يالقۇنتاي يېزىسىغا يېقىن ئەتراپتىىمۇ ئاتوم بومبا سىناق قىلغان، نەتىجىدە بۇ يېزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانلىرى ئىچى سۈرۈپ كېتىش ۋە قىززىتمىسى ئۆرلەش دېگەنگە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ۋە يالقۇنتاغ يېزىسىدا 120 كىچىك بالا بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن.

نۇرمۇھەممەد دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي دائىرلىرى 1996 ‏- يىلىدىن باشلاپ ئاتوم بومبا سىناق قىلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ 2002 ‏- يىلى يەنە بىر قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلغان ۋە بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنى تۇمان قاپلاپ قاتتىق بۇران چىقىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ ئاتوم بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلغان.

نۇرمۇھەممەت دوختۇر سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئاتوم بومبا سىناق قىلىشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبا سىناق قىلىشىنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە خىتايغا بېسىم قىلىپ ئاتوم بومبا سىناق قىلىشىنى توختىتىش كېرەكلىكى ئىپادىلىدى.

تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور ئورخان كاۋۇنجى ئەپەندى مەلۇم بىر يىغىننىڭ خىتاينىڭ لوپنۇر كۆلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىناقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تۇنجى قېتىم 1964-يىلى ئاتوم بومبا سىناق قىلدى. 1967-يىلى خىتاي لوپنۇردا ھىدروگېن ئاتوم بومبىسى سىناق قىلدى. خىتايلار تەرىپىدىن 1964-يىلىدىن باشلاپ 1995-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 45 دانە ئاتوم بومبا سىناق قىلىنغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇ يەردە ئاتوم بومبا سىناق قىلىش نەتىجىسىدە ئىنسانلاردا ھەر خىل كېسەللىكلەر پەيدا بولدى. نۇرغۇن كىشى بۇ كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ئۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر ئۆز ۋاقتىدا كۈن تەرتىپكە كەلمىدى سەۋەبى، خىتاي ۋە رۇسلار بۇ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەردىن يوشۇردى ۋە ئاشكارىلاشنى مەقسەت قىلغانلارنى تۈرمىلەرگە نەزەربەند قىلدى. رادىئوئاكتىپ زەھەرلىرىدىن كېلىپ چىققان كېسەللەرنى دوختۇرلار ئوچۇق ئېيتالمايتتى. دىئاگنوز قويۇشتا باشقا ئىسىملارنى قوللىناتتى. بۇ كېسەل مەخپىي قالاتتى. خىتايلار لوپنۇر كۆلى رايونىدا 45 قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلدى»

پروفېسسور ئورخان كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مۇھىت بۇلغىنىشلارنى تازىلاش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«نەتىجە ئېتىبارى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك: ب د ت مۇھىتنى ئاسراش كېلىشىمنامىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىمنامىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئارال، شەمەي ۋە لوپنۇردا ئاتوم يادرو سىناق قىلىش ئارقىلىق ئىنساننى زەھەرلەشكە ئوخشاش بۇ خىل ئىنسان پائالىيەتلەرنىڭ ئىنسان ۋە مۇھىتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ رايونلاردا تەدبىر ئېلىنىش كېرەك. كاربون ئوكسىدى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سېرىق گازلارنىڭ تەسىرى، ئاتموسفېرادىكى ھاۋا قاتلىمىنىڭ بېسىمى ياكى يەر شارى ئىسسىپ كېتىش دېگەنگە ئوخشاش مۇھىتقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگىلا قارىماستىن بەلكى ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسىدە، ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئىنساننىڭ زەھەرلىنىشى دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت بۇلغىنىشلارغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئاتوم بومبا سىناق قىلىش مەيدانلىرىنى تاقاشقا كۈچ چىقارغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرگە تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك. دۇنيانىڭ بۇ ئىشلارنى تۈزىتىدىغان، بۇ كىرلىك زەھەرلەرنى تازىلايدىغان، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىر كۈچكە ئېھتىياج بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ بۇزغۇنچىلىقنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىككى ماتېرىيالىزمچى خىتاي بىلەن رۇسلارنىڭ بۇ ئىشلارنى تۈزىتىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن بىزنىڭ كۈچلۈك بۆلىشىمىز كېرەك. بىز كۈچلۈك بولساق مۇھىتمۇ تازىلىنىدۇ، پاكىز مۇھىت ئىچىدە تىنچلىق بەرپا بولىدۇ.»

«ھۆر شەرقىي تۈركسىتان» ناملىق كىتابتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناق قىلىش نەتىجىسىدە مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بولغىنىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: خىتاينىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتوم سىناقلىرى ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدىغان، مال- چارۋىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بەدەن قۇرۇلمىسى قورقۇنچلۇق شەكىلدە بۇزۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئاتوم سىنىقى مەيدانلىرى ئەتراپىدىكى بۇلغانغان رايونلارغا ھازىرغا قەدەر دەسلەپكى قەدەمدە ئېھتىياجلىق ھېسابلىنىدىغان ھېچقانداق تىببىي ياردەم يەتكۈزۈلمىگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم سىناقلىرىدىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تىببىي تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. ب ب س (BBC – ئەنگلىيىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى)نىڭ بىر مۇخبىرى تەرىپىدىن مەخپىي تارتىۋېلىنغان، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلم بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

م. بايتاش

About admin

Leave a Reply