ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ تۇتۇلدى

ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ تۇتۇلدى

ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساقچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئانا تىل مائارىپىنى» نى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» مۇدىرى مۇھەممەد سىدىق ۋە تور ئىسمى قانۇنىي يول بولغان دىليار ئوبۇل ئەپەندىلەرنى «قانۇنسىز ئىئانە يىغىش جىنايىتى» بىلەن تۇتۇپ كەتكەن. 

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دىليار ئوبۇل تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىگە قامالغان. دىليار ئوبۇلنىڭ ئايالنى ئۇنى يوقلاپ بارغاندا، ساقچى تەرەپ پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئادۋوكاتنىڭلا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېرىنى كۆرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» قۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىشى ۋە شىركەتنىڭ تاقىلىشىدا، سىياسىي مەقسەت يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ جېنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلى يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» تاقىۋېتىشىدە سىياسىي مەقسەت بار، بۇ بىر سىياسىي خاراكتېرلىك مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بار ئىدى. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ پىلان بويىچە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش، كۈچلەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتنى چەكلەۋاتىدۇ. بىر مىللەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى يوقىتىش، ھاكىم مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشكە زورلاش كېرەك. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تىلدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا مىللىي تىلنى قوغداش مىللەتنى قوغداش دېگەنلىك بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىلغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار تىلىنى قوغدىشى كېرەك، تىلىنى قوغداپ قالالىغاندا، مىللىي روھنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ياشلار ئارىسىدا ئانا تىلدا سۆزلەشنى شەرەپ، خىتاي تىلىدا سۆزلەشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل ئەپەندىلەر، خىتاي ئاساسىي قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە مائارىپ قانۇنىدىكى مىللىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۈرۈمچىدە ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى مائارىپنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنىدى.

مەزكۇر شىركەت قۇرۇلغۇسى ئانا تىل يەسلىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل ئەپەندىلەر بىرلىشىپ «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نى قۇرغان ۋە «ئانا تىل» ماركىسىدا بىر يۈرۈش تاۋارلارنى بازارغا سالغان. 

مەزكۇر شىركەت جەمئىيەتتىن ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا پاي چىك قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇلۇش تەييارلىقىنى ئاللىقاچان پۈتتۈرۈپ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شىركەت يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئانا تىلدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى بىر دولقۇن كۆتۈرۈلگەنىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 

About admin

Leave a Reply