ھىزبۇتتەھرىر قانداق تەشكىلات؟

 

ھىزبۇتتەھرىر قانداق تەشكىلات؟

مۇھەممەد يۈسۈپ
 

ھىزبۇتتەھرىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىغا كەلتۈرگەن زىيان-زەخمەتلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى ھەممە كىشى بۇنى چۈشىنىدۇ. بىرلا ئۆزبېكىستاندا ھىزبۇتتەھرىرگە باغلىنىشلىق دېگەن باھانە بىلەن سەككىز مىڭ كىشىنىڭ تۈرمىلەردە نابۇت بولغانلىقى، بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ بۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى بىلىش يېتەرلىكتۇر.
ئىشنىڭ قىزىق يېرى، ھىزبۇتتەھرىر دېگەن بۇ تەشكىلاتنى تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ، ھەر قايسى جايلاردا بۇ تەشكىلاتقا مەسئۇل بولغانلارنىڭ ساق قېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ياكى پەقەت تەشۋىقاتلىرىنى ئوقۇغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، نابۇت قىلىنىشى بۇ تەشكىلاتقا بولغان ھەرخىل گۇمانلارنى ئاشۇرماقتا.
ئەگەر ھىزبۇتتەھرىر ئىسلامنىڭ روھىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئۇيغۇن بولغان ۋە ئىسلامنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن يەلپۈنۈۋاتقان مۇسۇلمان غەييۇرانلارنىڭ ئۈمىدىگە لايىق بولسا ئىدى، ھىزبۇتتەھرىر ئۈچۈن بىر ئەمەس، بىر قانچە جېنىمىز بولسىمۇ پىدا ئىدى. ئەمما ھىزبۇتتەھرىرنىڭ «ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ چىقىپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئەزىز قىلىمىز» دېگەنگە ئوخشىغان ھەركىمنى تېزلا قايىل قىلىپ كېتىدىغان چىرايلىق ۋەدىلىرى خۇددى «كوممۇنىزمغا يېتىمىز»دەپ خەلقنى ئۈمىدلەندۈرۈپ قويۇپ يولنىڭ يېرىمىدىلا توختاپ قالغان كوممۇنىزمچىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئوخشاش ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بىر ۋەدە بولۇپ كەلمەكتە. چۈنكى ئالدىنقى ۋەدىنى بەرگەنلەر دۇنيانىڭ سىياسىتىنى بىلمىگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى بىلەن ماڭمىغان، كېيىنكى ۋەدىنى بەرگەنلەر ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەنمىگەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان.
دىلى پاك، ئىسلام ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ھاياتىنىڭ غايىسى قىلغان مۇسۇلمان غەييۇرانلارنى ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئازگاللىرىدا نابۇت بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھىزبۇتتەھرىرنى ئۇلارنىڭ ئۆز مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئادالەت ۋە ئىنساب بىلەن تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە ھىزبۇتتەھرىر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىدۇ:

1. ھىزبۇتتەھرىرنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار
مەلۇمكى، ئىسلام ئۈممىتى كۈچ-قۇۋۋەتتە، شان-شەۋكەتتە ۋە سەلتەنەتتە كامالىغا يېتىپ، دۇنيانىڭ ئۈچ قىتئەسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئېتىقادتا بۇزۇلۇش، جاھالەتكە پېتىش، ئىچكى بۆلۈنۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاجىزلىشىپ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە سەلتەنىتىنى يوقاتقان ۋە موڭغۇل ئىستېلاسى، ئەھلى سەلىب ھۇجۇمى، غەرب مۇستەملىكىسى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەڭ يامان بولغىنى ئاخىرقى ئىسلام خەلىپىلىكى ئوسمانىيە خەلىپىلىكى يىقىلغاندىن كېيىن، مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى ئورۇن ئالغان پەلەستىننى يەھۇدىيلار بېسىۋالغان، ھەممىلا يەردە مۇسۇلمانلار خورلانغان، ئىسلام دېگۈچىلەر چەتكە قېقىلغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىسلام دۇنياسىدا مىللەتچىلىك دەۋاسى باش كۆتۈرگەن، ھەتتا مىسىر ۋە سۈرىيەگە ئوخشىغان بەزى ئىسلام ئەللىرى سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئۆتكەن شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئىسلام دۇنياسىدىكى دىندار غەييۇرانلار ئىسلام ئۇممىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ۋە قايتىدىن قەد كۆرۈش يولىدا باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلىرى مۇسۇلمانلارنى بۇ خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى قوراللىق ئۇرۇش قىلىش كېرەك دېسە، بەزىلىرى قۇتۇلۇش يولى ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇرۇش دېگەن، يەنە بەزىلىرى باشقىچە يول تۇتقان. ھىزبۇتتەھرىرمۇ شۇلارغا ئوخشاش غەييۇرانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچى تەشكىلات دەپ سانىغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ باياناتىدا مۇنداق دەپ كەلگەن: «مۇسۇلمانلارنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىسلامنىڭ شان-شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولدى. ئۇلار شۇنداق مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇم ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئىسلامىي تەشكىلات بولسىمۇ، ئۇلار ئىسلامنى توغرا چۈشەنمىگەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئىسلامنىڭ روھىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەن ۋە كىرىزىس ئۈستىگە كىرىزىس پەيدا قىلغان. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئىسلامنى توغرا چۈشەنگەن، ئۇنى توغرا تەتبىق قىلىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلامىي ياشاشنى قايتىدىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى. مانا ھىزبۇتتەھرىر شۇ مەقسەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.»[1]
«ھىزبۇتتەھرىرچىلەر ئەنە شۇنداق دەۋا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خۇددى باشقا تەشكىلاتلار مەغلۇب بولغان بىر تەشكىلاتتۇر. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ ۋە باشقىمۇ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى بىرىنچى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۇممىتى گىرىپتا بولغان مەنىۋى كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويالمىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن توغرا يولدىن ئازغانلىقى ئىدى. چۈنكى ئىسلام ئۇممىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۇلارنى بۇرۇنقى شان-شەۋكىتىگە ئىگە قىلىش ئىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت يولىغا تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەنلا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام ئۇممىتى ئىلگىرىدە نېمە بىلەن تۈزەلگەن بولسا، ئۇلارنى يەنە شۇ نەرسە بىلەن تۈزەش لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت ئۇسۇلىدىكى بىز يول قىلىپ ئەگىشىش زۆرۈ بولغان تەرەپلەر تۆۋەندىكىچە:
(1)ئەقىدىنى تۈزەش ۋە ئۇنى ساپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.
(2)تەلىم-تەربىيەنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جاھالەتكە خاتىمە بېرىش، مۇسۇلمانلارنى قۇرئان كەرىمگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە سەلەف سالىھلارغا باغلاش.
(3)مۇسۇلمان ئەۋلادلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش.
(4) مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش.
(5) ئىسلامنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش بىلەن پەخىرلىنىش.»[2]
2. ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرغۇچىسى
ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرغۇچىسى ئەللامە مۇھەممەد تەقىيۇددىن نەبھانىي دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ 1908-يىلى پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى ئەجزەم دېگەن رايوندا، ئىلىم-مەرىپەتلىك بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى كاتتا ئالىم بولۇپ پەلەستىن تەلىم-تەربىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىر مەكتەپتە ئۇستازلىق قىلاتتى. بوۋىسى پەلەستىسنىڭ قازىسى ۋە ئەدىپ ھەم شائىر ئىدى. نەبھانىي ئاۋال بوۋىسىدا، ئاندىن ئاتىسىدا ئوقۇپ تەلىم ئالغان، كېيىن مىسىردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتى ئەزھەرگە بېرىپ، 1928-يىلى ئەزھەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئالاھىدە ئۇتۇق بىلەن «دارۇل ئۇلۇم» فاكۇلتېتىغا ئۆتكەن ۋە 1932-يىلى دارۇل ئۇلۇمنى پۈتتۈرگەن. نەبھانىي ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك، قايىل قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتىدىغان، تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
نەبھانىي پەلەستىنگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەيفا شەھىرىدە ھۆكۈمەت مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلامىي مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1938-يىلى ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن قازىلىققا تەيىنلەنگەن ۋە 1947-يىلىغا قەدەر قازىلىق قىلغان. بۇ ئارىدا پەلەستىندە چىققان ئىنقىلابتا ئەللامە ئىززۇددىن قەسسامنىڭ شېھىت قىلىنىشىدىن نەبھانىي سىياسىي ئىشقا كىرىشكەن ۋە 1938-يىلى«ئىتىسام» دېگەن سىياسىي تەشكىلاتنى قۇرغان. بۇ تەشكىلارتنىڭ غايىسى پەلەستىندىن ئىنگىلىزلارنى ھەيدەپ چىقىرىش ۋە يەھۇدىيلارنىڭ يەرلىشىشىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. 1948-يىلى يەھۇدىيلا پەلەستىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، نەبھانىي ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە بەيرۇتقا ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئۇ يەردىن ئىيۇردانىيەگە بېرىپ يەرلەشكەن ۋە قۇدۇس شەھىرىنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. كېيىنچە، قازىلىقتىن ئىستىپا سوراپ ئاممان شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىدە ئۇستازلىق قىلغان.1952-يىلى مۇئەللىملىكتىن ئىستىپا سورىغان ۋە ھىزبۇتتەھرىر تەشكىلاتىنى قۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەشكىلاتى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ۋە باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ھەتتا نەبھانىي بىر يەردە خاتىرجەم تۇرالمايدىغان ۋەزىيەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا سەرسان بولۇشقا ۋە يوشۇرۇنۇپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.1978-يىلى لىۋان پايتەختى بەيرۇت شەھىرىدە يوشۇرۇنغان يېرىدە ۋاپات بولغان.

3. ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرۇلۇشى
مىسىردا ئەللامە ھەسەن ئەل بەننا قۇرغان «ئەلئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» تەشكىلاتى ئىئوردانىيەدە سىياسى ۋە پىكرىي ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆز تەسىرىنى كۆسەتكەنلىكتىن، بۇ ئىككى ساھەنى تەسىر دائىرىسدىگە پۈتۈنلەي ئېلىۋالغان بولۇپ، ئىيۇردانىيەدىكى كوممۇنىستلار بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بىر ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى.
» ئەللامە نەبھانىي ھىزبۇتتەھرىرنى قۇرۇپ چىقىشى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ دەۋىتى ئىيۇردانىيەدە ناھايىتى تېز تارقىلىدۇ ۋە كۆپلىگەن زىيالىيلار دۆلەتنىڭ كادىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان دىيانەتلىك كىشىلەر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن «ئەلئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» تەشكىلاتنىڭ ئىيۇردانىيەدىكى تەسىر دائىرىسى ئازىيىشقا باشلىغان بولۇپ، «ئەلئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى ئەللامە نەبھانىينى ئۆزلىرىگە تارتىشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، نەبھانىي ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالغان. بۇ سەۋەبتىن ئىيۇردانىيەدىكى ئىسلامىي جامائەتلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ بۆلۈنۈش كوممۇنىستلارغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارغا ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئەللامە نەبھانىي ھىزبۇتتەھرىر تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىدىن ھاجى ئەمىن ھۈسەينىي، ئەسئەد بۇيۇز تەمىمىي ۋە ئابدۇلقادىر زەلۇم قاتارلىق ئۈچ كىشى بىلەن قۇرغان بولۇپ، ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن زىيالىلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەللامە نەبھانىي ئىيۇردانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي پارتىيە قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەلەپ رەت قىلىنغان. چۈنكى قۇرۇلماقچى بولغان بۇ پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىدا «تەخت ۋارىسلىق تۈزۈمىگە يول قويۇلمايدۇ» دەپ قەيت قىلىنغان. ھالبۇكى، ئىيۇردانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا تەخت ۋارىسلىق تۈزۈمى ئاساسىي قانۇننىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. ھىزبۇتتەھرىرچىلەر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشتىن چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك توختاپ قالمىغان، بەلكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە ئىشلەيدىغان دىندار كىشىلەرنى ۋە ھەربى سەپتىكىلەرنى ئۆزلىرىگە تارتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى ھىزبۇتتەھرىرگە دەۋەت قىلىدىغان مەخسۇس دەۋەتچىلەرنى تەييارلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىن ۋە ئىيۇردانىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ شۆبىلىرىنى ئاچقان. ئەللامە نەبھانىي 1953-يىلى قۇدۇس شەھىرىدە «ئەلئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان سەييىد قۇتۇب بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئىككىسى مۇنازىرە قىلىشقان. نەبھانى سەييىد قۇتۇبنىڭ «ئەلئىخۋانۇل مۇسلىمۇن» تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ئىش كۆرۈش تەكلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغان. ھىزبۇتتەھرىر باش قوماندانلىق مەركىزىنى1953-يىلى قۇدۇس شەھىرىدىن دەمەشىق شەھىرىگە يۆتكىگەن. كېيىنچە دەمەشىقتىنمۇ يۆتكىلىپ 1956- ۋە 1959-يىللىرى ئارىسىدا لىۋان پايتەختى بەيرۇت شەھىرىدە مۇقىملاشقان.«[3]
4. ھىزبۇتتەھرىر تارقالغان جايلار
ھىزبۇتتەھرىر قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلى پەلەستىننىڭ قۇدۇس شەھىرىدە ئىش باشلىغان ۋە خېلىل، نابلىس شەھەرلىرىدە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەرىھا رايونى ئەتراپىدىكى چېدىرلىرىدا كۆپ تارقالغان. ئاندىن ئىيۇردانىيە، سۈرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان بولسىمۇ، ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتە ئانچە تەرەققىي قىلالمىغان. ئاندىن ئۇلار بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام ئەللىرىگە، ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بۇ تەشكىلاتنى قانات يايدۇرۇش پىلانى بويىچە ئىش كۆرگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ دەۋىتى ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ يېتىپ بارغان، ئىراقتا قاتتىق تەقىبكە ئېلىنغان ۋە ئۇ جايلاردا كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى مەلۇم.
بۇ تەشكىلات 90-يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا، بېنگال قاتارلىق جايلاردا ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. كېيىنچە مالايشىيا ۋە ھىندۇنىزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە رەسمىي شۆبىلىرى قۇرۇلغان ۋە مىڭلارچە ئەگەشكۈچىلىرى پەيدا بولغان. تۈركىيەدىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى بولۇپ، مەخسۇس شۆبىسىمۇ قۇرۇلغان.
ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەركىزى ئۆزبىكىستان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ ئۆزبىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشكەنت ۋە ئەنجان شەھەرلىرىدە يىلتىز تارتىپ كېيىن، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرگە تارقالغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ھىزبۇتتەھرىرنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىدىن بەكمۇ بىئارام بولغان ۋە ئۇلارنىڭ خەتىرىدىن ئەنسىرىگەن. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئۇۋىسى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدە قارارلارنى چىقارغان.
غەرب دۇنياسى ھىزبۇتتەھرىرنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ ياۋروپاغا تارىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە ھىزبۇتتەھرىر چەكلەنگەن تەشكىلات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھىزبۇتتەھرىرنى رەسمىي تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان. ئەمما دانىيەگە ئوخشىغان دۆلەتلەردە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەنسۇپلىرى بولغىنى بىلەن تەسىرى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىكەن.
ھازىر دۇنيادا ھىزبۇتتەھرىر ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆلەت پەلەستىن ۋە ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگەن دۆلەت ئۆزبىكىستاندۇر. چۈنكى پەلەستىندە ھاماس بىلەن فەتىھ ئوتتۇرىسىدا زىييەت چىققاندىن كېيىن، پەلەستىندىكى ئەڭ تەسىرى زور تەشكىلات ھىزبۇتتەھرىر بولۇپ قالغان. ئۆزبىكىستاندا ھازىر ھىزبۇتتەھرىرنىڭ 8000ئەزاسى تۈرمىدە ياتماقتا.

5. ھىزبۇتتەھرىرنىڭ تەشۋىقات قورالى
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ:
(1) مەخسۇس ئۆيلەرگە توپلىنىپ تەشكىلات ئەزالىرىغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش ۋە ئەللامە نەبھانىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ دەرس قىلىش ئارقىلىق ئەزالارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.
(2) مەسچىتلەردە ۋە كىشىلەر توپلانغان جايلاردا خۇتبە ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلەپ كىشىلەرنى تەشكىلاتقا دەۋەت قىلىش.
(3) تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئاۋام خەلققە تەشكىلاتنى تونۇشتۇرۇش.
(4) مەكتەپ، مەدرىسىلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە تارتىش ئۈچۈن تىرىشىش.
ھىزبۇتتەھرىرنىڭ نەشر ئەپكار دەسلەپتە «سەرىھ» يەنى (ئوچۇق) دېگەن ژۇرنال بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر بۇ ژۇرنالنى چەكلىۋەتكەندىن كېيىن، «رايە» يەنى (بايراق) دېگەن ئىسىمدا گېزىت چىقارغان. ئەمما يەنىلا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر ئۇنى چەكلەپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ گېزىتنى بەيرۇتتا «مەدەنىيەت» دېگەن ئىسىم بىلەن چىقارغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا بارماي تاقىلىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئەزالىرى ئەللامە نەبھانىينىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى كۈپەيتىپ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئورنىدا تارقىتىپ كەلمەكتە.

6. ھىزبۇتتەھرىرنى تەنقىدلىگۈچىلەر نېمە دەيدۇ؟
(1) ئەقىلگە ئۇنىڭ ھەجمىدىن ئارتۇق ئىمتىياز بېرىش
شۇ ھەقىقەت ئېنىقكى، ئەقىلنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ھۆكۈم قىلىش ھەققى يوق، پەقەت بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئەقىلغا ھەددىدىن ئارتۇق ئېتىبار بەرگەنلىكتىن قەدىمدە مۇتەزىلە مەزھىبى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى كۆپلىگەن مۇھىم ھەقىقەتلەرگە ئىنكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەقىلگە تايىنىپ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ تېكىستلىرىنى تەۋىل قىلغان، ئۆزگەرتىۋەتكەن. سەلەف سالىھلارنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇلار «قۇرئان ۋە سۈننەتتىنىڭ تېكىستلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن»لەردۇر. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «ئىمان» ناملىق كىتابىنىڭ68-بېتىدە: «ئىسلام دىنى ئەقىدىنى ئەقىلگە قۇرغان» دەپ كەلگەن. يەنە ئۇلارنىڭ «ھەزبۇتتەھرىر» ناملىق كىتابىنىڭ 26-بېتىدە: «… چۈنكى ئىسلام ئەقىدىسى ئەقلىي ۋە سىياسىي ئەقىدىدۇر» دېيىلگەن.
ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرغۇچىسى ئەللامە نەبھانىي «ئىسلام نىزامى» ناملىق كىتابىنىڭ6-بېتىدە مۇنداق دېگەن: «ئىسلام ئىنسانغا ئەقلىنى ئىىشلىتىشنى پەرز قىلغان. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىمۇ ئەقلىنى ئىشلىتىپ تولۇق قانائەت بىلەن ئىمان ئېىيتىشى لازىم. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىدە تەقلىدچىلىكنى مەنئى قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ ئاساسى ئەقىلدۇر…… شۇڭا ھەربىر مۇسۇلمان ئىمانىنى تەپەككۇر، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى قىلىشى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتا ئەقىل تولۇق ھاكىمىيەت ئورنىدا تۇرۇشى لازىم.»
نەبھانىينىڭ بۇ دېگەنلىرى قارىماققا توغرا كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئەقىلگە ئۆزىدە بولمىغان خۇسۇسىيەتلەرنى يۆكلىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى ئىسلام نەزىرىدە ئەقىل ھاكىم ئورۇندا ئەمەس، بەلكى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ تېكىستلىرىنى كۈچلەندۈرگۈچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىمان ئېيتىشتا ئەقىل ئۆزىلا كۇپايە قىلىدىغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلىمىسۇ ئىمان ئېيتمىغانلار جازالىنىشقا تېگىشلىك بولاتتى ۋە پەيغەمبەرنىڭ كېلىشىگە ھاجەت قالمىغان بولاتتى. ئەمما يالغۇز ئەقىل بىلەنلا ھەق دىننى تونۇغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بىرەر پەيغەمبەر كېلىپ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئەقىل ئۇنى تەستىق قىلىپ قوبۇل قىلىدۇ. ئەقىل بىلەنلا ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى ۋە توغرا دىننى تاپقىلى بولىدىغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەۋەتىشكە ھاجەت قالمىغان بولاتتى. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، پەيغەمبەر كېلىپ ھەق دىننى يەتكۈزمىگىچە ھېچكىم كاپىر دېيىلمەيدۇ ۋە ئىمان ئېيتمىغانلار ئەيىبلەنمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: «بىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھېچكىمنى جازالىغىنىمىز يوق»[4] دېگەن ئايەت بۇنى ئسىپاتلايدۇ.

(2) ئاھاد ھەدىسقا ئەمەل قىلماسلىق
ئاھاد ھەدىس – رىۋاتچىلىرىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە مۇتەۋاتىر[5] دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىسلەر دېمەكتۇر. ئاھاد ھەدىسنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭغا ئەقىدە ۋە ئەھكام مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىش كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە جائىزدۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: « ئاھاد ھەدىس ئەگەر كۆپچىلىك ئۆلىمالار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئەمەل قىلىنسا، بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلىم ھېسابلىنىدۇ.» ئەمما ھىزبۇتتەھرىر ئاھاد ھەدىسلىرىنى ئەقىدە مەسىلىلىرىدە قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن «ھىزبۇتتەھرىرچىلەر ئۆز ئادەملىرىنىڭ قەبرە ئازابىنىڭ راستلىقىغا ۋە دەججالنىڭ چىقىشىغا ئىشىنىشنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككى ئىشقا ئىشەنگەن ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.»[6] چۈنكى بۇ مەسىلىلەر ئاھاد ھەدىسلىرى بىلەن سابىت بولغان.

(3) مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دارى كۇفرى ھېسابلاش
ھىزبۇتەھرىرنىڭ خاتالىقلىرىدىن يەنە بىرى ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئىسلام مەملىكەتلىرىنى دارى كۇفرى دەپ ھېسابلىشىدۇر. ئۇلارنىڭ «ھىزبۇتتەھرىر» ناملىق كىتابىدا، «مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى دارى كۇفرىدۇر. گەرچە بۇ مەملىكەتلەرنىڭ ئاھالىسى ھەممىسى مۇسۇلمانلار بولسىمۇ، ئۇلار دارى كۇفرىدا ياشايدۇ»[7]دەپ كەلگەن. يەنە «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئۆزگەرتىشتىكى پىروگراممىسى» ناملىق كىتابتا: «ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان قانۇنلارنىڭ ھەممىسى كۇفرىنىڭ قانۇنلىرىدۇر. بۇ قانۇنلار ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۇفرى جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دارى ئىسلام ئەمەس»[8]دەپ كەلگەن.
ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «ھىزبۇتتەھرىر» ناملىق كىتابىنىڭ 32-بېتىدە، ھەتتا مەككە بىلەن مەدىنە شەھەرلىرىنىڭمۇ دارى كۇفرى سانىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇنى ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى يەڭگەن ئەللامە شەيخ دەمەشقى ئۆزىنىڭ «ھىزبۇتتەھرىر» ناملىق كىتابىنىڭ47-بېتىدە بايان قىلغان.

(4) پىكىرگىلا تايىنىپ تەربىيەنى ئۇنتۇپ كېتىش
ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقلىرىدىن بىرى، ئۇلارنىڭ پىكىرگىلا تايىنىپ ئىسلامىي شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان تەربىيە ئىشىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر. شۇڭا ھىزبۇتتەھرىرچىلەردىكى ئاساسلىق قائىدە: «جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلساڭ، شەخسلەر ئىسلاھ قىلىنىدۇ»[9]دېگەندىن ئىبارەتتۇر. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ھىزبۇتتەھرىرچىلەر ئىسلامىي تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ تەتۈرىچە ئىش كۆرگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىنقى ئىشى شەخسلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بولغان. ئىسلامىي شەخسلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىسلامىي جەمىئىيەتنى بەرپا قىلغان. ھىزبۇتتەھرىرنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىدىن بىرى مۇنداق دەپ ھېكايە قىلغان: «مەن بىر كۈنى ئەللامە نەبھانىينىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن دەرسلىك پروگراممىسىغا قۇرئان كەرىمنى كىرگۈزۈش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىۋىدىم، ئۇ ماڭا “ ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ ياشلىرىنى بۇزىمەن دېمە ئى ئەمىن! مەن دەرۋىشلەرنى خالىمايمەن“ دېدى.»[10]
(8) فىقھىي كۆزقاراشتىكى خاتالىقلار
ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىدىكى ئەڭ خەتەرلىك خاتالىقلىرىدىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

-مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىسلام دۆلىتىدە پارلامېنت ئەزاسى بولۇشى ۋە ئىسلام دۆلىتىدە كاپىرنى ھەربى قوماندان قىلىپ تەيىنلەشنىڭ جائىزلىقى. ئەللامە نەبھانىينىڭ1970-يىلى6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان «سوئال ۋە جاۋابلار» مەجمۇئەسىدە شۇنداق دەپ جاكارلىغان.

_ يات ئايالنى شەھۋەتلىك ياكى شەھۋەتسىز ھالدا سۆيۈشنىڭ ۋە يالىڭاچ رەسىملەرگە قاراشنىڭ جائىزلىقى. ئەللامە نەبھانىينىڭ1970-يىلى5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان «سوئال ۋە جاۋابلار» مەجمۇئەسىدە مۇنداق دەپ جاكارلانغان: «يات ئايالنى شەھۋەت بىلەن سۆيۈش ھارام ئەمەس، بەلكى مۇباھتۇر. شۇڭا كىشىلەرگە شۇنى ئېلان قىلىمىزكى، سۆيۈشۈش پەقەت سۆيۈشۈش بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن مۇباھتۇر، ھارام ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ ئىنساندىن سادىر بولۇپ تۇرىدىغان مېڭىش، تۇرۇش، كۆز قىسىش، بۇرۇنقى مىدىرلىتىش، ئىككى لەۋنى بىرلەشتۈرۈش دېگەنلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكى قىلىقلاردۇر. بۇ قىلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇباھتۇر. شۇنىڭدەك، يالىڭاچ سۈرەتلەرگە قاراشمۇ ھارام ئەمەس. بەلكى ئۇ مۇباھ ئىشلاردىن سانىلىدۇ. ئەمما دۆلەتنىڭ مۇنداق سۈرەتلەرنى چەكلەش ۋەزىپىسى بار. بىر ئەرنىڭ بىر ئايالنى مەيلى شەھۋەت بىلەن، مەيلى شەھۋەتسىز ھالدا كوچىدا سۆيۈشى جائىزدۇر. ئەمما دۆلەتنىڭ كىشىلەرنى كوچىدا مۇنداق قىلىشتىن چەكلەش ۋەزىپىسى بار.»

_مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ كاپىر دۆلىتىگە جىزىيە تۆلىشىنىڭ جائىزلىقى. ھىزبۇتتەھرىرنىڭ «ئىسلام دۇنياسىغا چاقىرىق» ناملىق ئەسىرىنىڭ109-بېتىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: «ئىسلام دۆلىتىدە ياشايدىغان كۇففارلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە جىزىيە دۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق دەلىل كەلگەن بولسىمۇ، ئەگەر ۋەزىيەت تەقەززا قىلىسا، ئىسلام دۆلىتى كاپىر دۆلىتىگە جىزىيە تۆلەيدۇ.»

_كۇففارلارنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشنىڭ پەرزلىكى. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «دۇسىيە» ناملىق كىتابىنىڭ62-بېتىدە، جىھاد توغرۇلۇق ئۇزۇن بايانلاردىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن: « ئەمدى بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال كېلىشى مۇمكىن، مۇسۇلمانلارغا قوماندان بولغان كاپىر ئەگەر كاپىرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان بولسا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا بولامدۇ؟ جاۋاب بېرىپ دەيمىزكى، مۇنداق بىر ئۇرۇش مۇسۇلمانلارغا قارشى بولمىسا ياكى مۇسۇلمانلارنى ئالداش ئۈچۈن بولمىسا، ئاشۇ خائىن قوماندانغا بويسۇنۇپ ئۇرۇش قىلىش پەرزدۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش كاپىرلارنىڭ كاپىرلارغا قارشى قىلغان ئۇرۇشىدۇر.»

_ ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچلىرىدىن نامازنىڭ ساقىت بولۇشى. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «ئاسانلاشتۇرۇلغان ئېنسىكلوپىدىيە» ناملىق كىتابىنىڭ139-بېتىدە، «مۇسۇلمان ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىسىدىن ناماز ساقىت بولىدۇ» دەپ قەيت قىلىنغان.

_ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان قاتناش قوراللىرىغا چىقىشنىڭ ھاراملىقى. ئەللامە نەبھانىينىڭ1970-يىلى ئېلان قىلغان «سوئال-جاۋابلار» مەجمۇسىنىڭ 1390-بېتىدە مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان قاتناش قوراللىرىغا چىقىش ھارامدۇر. ئەمما كاپىرلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان قاتناش قوراللىرىغا چىقىش جائىزدۇر. مەسىلەن: مەككىدە ياشايدىغان بىر مۇسۇلمان مىسىرغا بارماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياكى ياۋروپالىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قاتناش قوراللىرىغا چىقىشى جائىزدۇر. چۈنكى ئۇلار بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى بىرەر شىركەتنىڭ قاتناش قوراللىرىغا چىقىشى جائىز ئەمەس، ھارامدۇر. چۈنكى مۇنداق شىركەتلەر تەسەررۇپ قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس، ھەمدە ئۇلار بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر دۇرۇس ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىلىتىدىن پايدىلىنىش ھارامدۇر.»

_شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇبتا ياشايدىغانلاردىن ناماز بىلەن روزىنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقى. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «ئاسانلاشتۇرۇلغان ئېنسىكلوپىدىيە» ناملىق كىتابىنىڭ139-بېتىدە شۇنداق دەپ پەتىۋا بېرىلگەن.
ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ يۇقىرىقى خاتا پەتىۋالىرى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىر-بىرلەپ رەددىيە قايتۇرغان. بۇلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرۇشنى ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.

(6) ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت قىلىشتىن بىھاجەت بولۇش
ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلارنىڭ كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشتىن ئىبارەت ئەمرۇ-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىلسم خەلىپىلىكىنى قۇرۇشتۇر. ئۇلار بۇ سەپسەتىسىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە دەۋرىدىكى دەۋىتىنى خاتا تەۋىل قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى چاغلىرىدا، مەككە بۇزۇقچىلىققا توشۇپ كەتكەن، ھاراق-شاراپلار ئىچىلىۋاتقان، بۇتلاغا چۇقۇنۇلىۋاتقان تۇرسىمۇ، بۇ ئىشلارنى يوق قىلىمەن دېمەستىن، پەقەت پىكىر تەرەپكىلا كۆڭۈل بۆلگەن. شۇڭا ھىزبۇتتەھرىر مەنسۇپلىرىنىڭ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتۇر.»[11]
ئۇلار يەنە «ھىزبۇتتەھىرنىڭ چۈشەنچىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ49-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «نامازمۇ بىر پىكىردۇر، ئۇنى ئورۇنداشنىڭ يولى دۆلەت قۇرۇشتۇر. كىشىلەرنىڭ نامازنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشى كۇپايە ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇمىغانلارنى تۈرمىلەرگە تاشلاش كېرەك. شۇنىڭدەك، كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشمۇ بىر پىكىردۇر. ئۇنى ئورۇنداشنىڭ يولى يەنە دۆلەتتۇر.»
يەنە ئۇلارنىڭ «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئۆزگەرتىش مېتودى» ناملىق كىتابىنىڭ21-بېتىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: «ئەمرۇ-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت ئىسلام خەلىپىلكىنى تىكلەشنىڭ ۋە ئىسلامنى قايتىدىن قەد كۆتۈرگۈزۈشنىڭ يولى ئەمەس.»

(7) ئىسلام پەرزلىرىنى تەرك ئېتىش
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر كىشىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا ۋە باشقا پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ دۆلەتنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «ھىزبۇتتەھىرنىڭ چۈشەنچىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ62-ۋە65-بەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان بىر ئۈممەتنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دەۋەت بىلەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دەۋەتنىڭ پەرقى شۇكى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دەۋەت دەۋەتنىڭ ئەمەلىي تەرىپىنى، ئىسلامىي جامائەتنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دەۋەت دەۋەتنىڭ پىكرىي تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دۆلىتى ئىسلامنى دۆلەت ئىچىدە تەتبىق قىلىدۇ. ئەمما ئىسلامىي جامائەت پىكرىي دەۋەتتىن باشقا ئەمەلىي ئىش قىلمايدۇ. شۇڭا ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ كېرەك ئەمەس، بۇ جامائەتنىڭ باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى پايدىسىزدۇر.»
يەنە ھىزبۇتتەھرىرنىڭ «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئۆزگەرتىش مېتودى»ناملىق كىتابىنىڭ28-ۋە31-بەتلىرىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى سىياسىي ئىشتۇر، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەلىم-تەربىيە بىلەن ياكى ۋەز-نەسىھەت بىلەن شۇغۇللىنىشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى سىياسىيدۇر.»

(8) ئەخلاقنى ئەھمىيەتسىز ساناش
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاقلارغا چاقىرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىم-تەربىيە سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈش دېگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ «ھىزبۇتتەھىرنىڭ چۈشەنچىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ67-بېتىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: «ئىسلام دەۋىتىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ جامائەتنىڭ سىياسىي جامائەت بولۇشى لازىم. ئۇلارنىڭ روھانىي ياكى ئەخلاقىي ياكى ئەمەلىي ياكى تەربىيەچى بولۇشى جائىز ئەمەس. ئۇلارغا ئوخشاپمۇ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى بۇ جامائەتنىڭ ئىشى سىياسەتتۇر. شۇڭا ھىزبۇتتەھرىر سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىياسىي تەشكىلاتتۇر.»
ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرغۇچىسى ئەللامە نەبھانىي «ئىسلامنىڭ نىزامى» ناملىق كىتابىنىڭ114-ۋە 115-بەتلىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئەخلاقنىڭ بىرەر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. ئەخلاق بىلەن بىرەر جەمئىيەت يۈكسەلمەيدۇ ۋە چۈشۈپمۇ كەتمەيدۇ. بەلكى جەمئىيەتكە تەسىر قىلىدىغان نەرسە ھايات مۇساپىسىدە ھاسىل بولغان ئۆرپ-ئادەتلەردۇر.» نەبھانىي يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەخلاق جەمئىيەتكە كېرەك بولغان بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ شەخسلەرگە كېرەك. چۇنكى جەمئىيەت ئەخلاق بىلەن ئىسلاھ قىلىنمايدۇ. بەلكى ئىسلامىي پىكىر بىلەنلا ئىسلاھ قىلىنىدۇ.»[12]
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر بۇ ماۋزۇدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»[13]دېگەن ھەدىسىنى ئۇنۇتقان ۋە مىسىرلىق ئاتاغلىق شائىر ئەھمەد شەۋقىينىڭ:
إنما الأمم الأخلاق مابقيت فإن هم ذهبت أخلاقهم ذهبوا
ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر
ئايرىلغانلار ئۇنىڭدىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــەر.
دېگەن شېئىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ كۆرمىگەن.

ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ غايىسى
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەشنى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى تەتبىق قىلىشنى نىشان ۋە مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار ئىسلام خەلىپىلىكىنى ئاۋۋال ئەرەب دۆلەتلىرىدە قۇرۇپ چىقىپ، ئاندىن ئۇنى باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگە يېيىشنى، ئاندىن خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرگە مۇسۇلماننىڭ قولى بىلەن كېڭىيىشنى نىشان قىلىدۇ.

ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ غايىگە يېتىش باسقۇچلىرى
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر مەقسىتى يېتىش باسقۇچلىرىنى «پىكىر توقۇنۇشى» باسقۇچى، «پىكىر ئىنقىلابى» باسقۇچى ۋە «ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش» باسقۇچى دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلىدۇ. ئۇلار بىرىنچى باسقۇچتا ھىزبۇتتەھرىرنىڭ پىكرىي قاراشلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدۇ، ئىككىنچى باسقۇچتا ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ پىكىر قاراشلىرىغا قارشى پىكىرلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ، ئۈچىنچى باسقۇچتا ھىزبۇتتەھرىرنىڭ پىكىر قاراشلىرى غەلىبە قىلىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۈچىنچى باسقۇچقا كەلگەندە، ئىسلام ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئۈچۈن دۆلەت باشلىقلىرىدىن، سىياسىي پارتىيەلەردىن، جامائەت لىدېرلىرىدىن، قەبىلە باشقلىقلىرىدىن، ھەتتا باش كونسۇللاردىن ياردەم سوراشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ غايىگە يېتىش مۇددىتى
ھىزبۇتتەھرىرچىلەر ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئاۋۋال 13 يىلنى بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدە ئىسلامغا دەۋەت قىلغان دەۋەت مۇددىتى ئىدى. يەنى ئۇلار دەسلەپتە بۇ تەشكىلاتنى قۇرغان ۋاقىتتىن ئېتىبارەن 13 يىلنى ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ بولۇش ۋاقتى دەپ بەلگىلىگەن. كېيىن يەنە 13 يىلنى قوشقان. ئاندىن كېيىن يەنە 30 يىلنى بەلگىلىگەن، يەنى 30 يىلدىن كېيىن چوقۇم ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ بولىمىز دەپ قارارلاشتۇرغان. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۇلار بىر قەدەم ئالدىغا ئىلگىرىلىيەلمىگەن ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۈگىشىش گىرداۋىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ۋاقىتمۇ بەلگىلىمىگەن ۋە جىمجىتلىق بىلەن دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

خۇلاسە كالام:
ھىزبۇتتەھرىر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىسىدىن زىيىنى ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىدىكى بىرىنچى سەۋەب: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن باشقىچە يول تۇتقانلىقى ئىدى. چۈنكى ئۇلار تۆۋەندىكىچە يول تۇتماقتا:
(1)تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرمەستىن، قۇرۇق جېدەلگە ۋە پىكرىي تەرەپكىلا بېرىلىش. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئىشى كىشىلەرنى ئىمان ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەش بولغان.

(2) شەرىئەتنى ئەقىلگە بويسۇندۇرۇش. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ئەقىلنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇش ۋە ھەقىقەتنى ئاۋۋال ۋەھيىگە، ئاندىن ئاقىلگە تايىنىپ چۈشنىشتىن ئىبارەت ئىدى.

(3) تاشقى جەھەتتىن ياردەم سوراش. مەسىلەن: ھاكىمىيەتنى تىكلەش ئۈچۈن دۆلەت باشلىقلىرىدىن، قەبىلە باشلىقلىرىدىن ۋە جامائەت لىدېرلىرىدىن ياردەم سوراشنى بەلگىلىگەنگە ئوخشاش. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياردەمنى ئاللاھ تائالادىن ۋە مۆمىنلەردىن سورىغان.

(4) ئەمر-مەرۇپ-ۋەز-نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت پەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. ھىزبۇتتەھرىرچىلەر ئەزالىرىنىڭ دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىمايدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام دەۋىتىنىڭ بېشى ئەمرۇ-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت قىلىشتۇر ۋە جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمر-مەرۇپ-ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئىدى.

(5) شەرىئەت قانۇنلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش. مەسىلەن: ئەر-خوتۇن بولمىغانلارنىڭ سۆيۈشۈشىنى مۇباھ دېگەنلىك شەرىئەت قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىك ۋە نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ئىبارەت قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلىنغان ئىشتىن چوڭراقىنى جائىز قىلغانلىقتۇر.

(6) ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۇن بەلگىلىگەن مۇددىتى ۋە باسقۇچلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگىمۇ ۋە ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، پەقەتلا خىيالىي بەلگىلىمىلەردۇر.

(7) ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۇلارنىڭ بارچە مەقسىتى پەقەتلا ھاكىمىيەتكە چىقىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلامنى تولۇق ۋە مۇكەممەل تەتبىقلاش ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش چوقۇم شەرت بولسىمۇ، بىرىنچى باسقۇچتا بۇ ئۆلچەم ئەمەس، چۈنكى ئىسلامنى ھەر كىم ئاۋۋال ئۆزىدە، ئائىلىسىدە، مەھەللىسىدە تەتبىق قىلىشقا بۇيرۇلغان.
ئۆزىدە ئىسلامنى راۋۇرۇس تەتبىق قىلغان، ئائىلە ئەزالىرىدىمۇ شۇنداق تەتبىق قىلغان، ئاندىن مەھەللىسىدە، شەھىرىدە، دۆلىتىدە تەتبىق قىلغان مۇنەۋۋەر مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاشقانسېرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ بېشارەتلىرى كېلىشكە باشلايدۇ. چۈنكى دۆلەت ئادەملەر بىلەن قۇرۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئادەملەر راۋۇرۇس مۇسۇلمان بولۇپ يېتىشىپ بولالمىسا، بۇ ۋاقىتتا ئىسلام دۆلىتىنىمۇ قۇرغىلى بولمايدۇ.

ئىزاھاتلار:
[1] «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ چۈشەنچىلىرى»ناملىق كىتابنىڭ 8-9 بەتلىرى.

[2] جەمئان ئىبنى ئەھمەد زەھرانىينىڭ «ھىزبۇتتەھرىردىن ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق كىتابى8-بەت.
[3] جەمئان ئىبنى ئەھمەد زەھرانىينىڭ «ھىزبۇتتەھرىردىن ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق كىتابىنىڭ12-16-بەتلىرى.
[4] ئىسرا سۈرىسى15-ئايەت.
[5] مۇتەۋاتىر- ئادەتتە يالغانغا چىقىرىشقا قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان، بىرىنچى سەنەدتىن (ئاۋۋالقى رىۋايەتچىدىن) ئاخىرىقىسىغا قەدەر «ئەڭ ئىشەنچلىك» دېگەن سۈپىتىنى يوقاتمىغان بىر توپ كىشىلەر تەرىپىدىن بىر خىل لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس دېگەنلىكتۇر.
[6] بۇ تەشكىلاتنىڭ«الموسوعة»ناملىق كىتابىنىڭ138-بېتىدىن.
[7] «ھىزبۇتتەھرىر»ناملىق كىتاب32-بەت.
[8] «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ ئۆزگەرتىشتىكى پىروگراممىسى»ناملىق كىتاب10-11-بەتلەر.
[9] «ھىزبۇتتەھرىرنىڭ چۈشەنچىلىرى»ناملىق كىتابنىڭ56 بېتىدىن.

[10] «ئىسلام دەۋىتىنىڭ زۆرۈرلىكى»ناملىق كىتابنىڭ102-بېتىدىن.
[11] ھىزبۇتتەھرىرچىلەرنىڭ«ھىزبۇتتەھىرنىڭ چۈشەنچىلىرى»ناملىق كىتابىنىڭ 75-ۋە77-بەتلىرى.
[12] نەبھانىينىڭ« ئىسلامنىڭ نىزامى»ناملىق كىتابىنىڭ80-ۋە113-بەتلىرىدىن.
[13] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
 

                                         مەنبە: سەئۇدىي ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلىمى

About admin

Leave a Reply