ئايلىق سۆھبەت يىغىنىدا زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يولى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش يىغىنى بۇ ئاينىڭ 6 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن كەچ سائەت 19:00 دا باشلاندى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابلەت ھاجىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىق ئۇستازلار سۆز قىلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نالە پەرياد قىلىپ ئاللاھغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغانلىقىنى، زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان، نالە پەرياد قىلىپ ئى ئاللاھ بىزنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرىغان بىر يېتەكچى ئاتا قىلغان دەپ دۇئا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ نىداسىغا قۇلاق بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇلقادىر ياپچان، خىتاينىڭ زۇلۇمىنىڭ كۈندىن كۈنگە چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بولۇپ ياشاشقا ياكى يوق بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلاپ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ ئەبەدىيىلىك زېمىنى  قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە يا ۋەتەننى ئازاد قىلىپ ھۆر ئەركىن، ئىمان، ئىسلام بىلەن ياشاش كېرەكلىكىنى ياكى ئىشغالغا باش ئەگمەي شەھىد بولۇش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن كەچلىك تاماق زىياپىتى بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.  

 

About admin

Leave a Reply