شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن مەھمەت گۆرمەزكە ئوچۇق خەت

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان،  تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت گۆرمەزنىڭ شەرقى تۈركىستان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇن بېسىملىرى ھەققىدە توختالدى:

ھۆرمەتلىك تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىم! سىز شەرقى تۈركىستانغا كىتىۋاسىز ، بۇ مەسىلىدە تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىتىبارىغا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بۇ مەكتۇپنى يېزىۋاتىمەن.

ھۆرمەتلىك مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىم!

سىز شەرقى تۈركىستانغا زىيارەتكە مېڭىۋاتىسىز، سەپىرىڭىزنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ئەمما سەمىڭىزگە سېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار.

تۈركىيەدە مەيلى سىياسىئۇنلار بولسۇن، مەيلى دۆلەت مەسئۇللىرى بولسۇن ئىسلاھات قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر كەمچىللىك بار. ئۆتكەنلەردە بەزى دۆلەت چوڭلىرىمىز شەرقى تۈركىستاندا مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى ئەلۋەتتە بۇنىڭ نۇرغۇن ئىجابى پايدىلىرى بار. لېكىن ئۇلار شەرقى تۈركىستانغا بېرىشتىن ئىلگىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى، ئۇلار بۇنىڭغا ھېچقاچان كۆڭۈل بۆلمىدى. تۈركىيەدە نۇرغۇن ساندا شەرقى تۈركىستانلىقلار بار. تۈركىيە ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلار ناھايىتى مۇھىمدۇر. تۈركىيەدە پائالىيەتتە بولىۋاتقان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قاراش نوقتىسىدىنمۇ، خەلقىمىزنىڭ قاراش نوقتىسىدىنمۇ ناھايىتى دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئېتىبارى باردۇر. يەنە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى نوقتىسىدىن دۇنيادا ئەڭ ئاخىرقى قاتاردا يەر ئالغان بىر رايۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلىكتە ئىشغالچى تەرىپىدىن زالىملارچە ئىدارە قىلىنغان يالغۇز خەلق بولغانلىقى سەۋەپلىك شەرقى تۈركىستانغا زىيارەتكە كەتكەن ھەيئەتلەرنىڭ ئەركىن مۇھىتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاۋال كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ۋە نەتىجىلىك بولىشىغا ھەسسە قوشقان بولاتتى.

ھۆرمەتلىك گۆرمەز ئەپەندىم!  بىز بۇ يەردە سىياسى مەسىلىلەرگە دىققىتىڭىزنى تارتمايمىز، سىز بىر دىنى ئادەم، سىز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئورگانمۇ سىزنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلمايدۇ لېكىن سىز قەشقەرگە ۋە ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارىسىز، خەۋەرلەردىن ئالغان مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا قۇرئان كېرىم بېسىش ھەققىدە قەدەملەر بېسىپسىز، ئاللاھ غەيرىتىڭىزنى ئارتۇق قىلسۇن!

شەرقى تۈركىستان خەلقى بۈگۈنگىچە قۇرئان كېرىمگە بولغان ئىھتىياجىنى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچلىق تۈركىيە، پاكىستان، مالايسىيا ۋە مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەردىن قامداپ كېلىۋاتىدۇ. ئاخىرقى زامانلاردا خىتايمۇ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە “ مەئالى قۇرئان“ باستۇرۇپ تارقاتتى ( خىتاي باسقان مەئالى قۇرئان ۋە تەپسىر مەسىلىسىدە خەلقىمىزدە شۈبھىلەر ۋە ئەنسىزلىكلەر يۈز بەرمەكتە).

ئەسلى مەسىلە شەرقى تۈركىستان خەلقىنى قۇرئان كېرىم نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەش ئەمەستۇر ھۆرمەتلىك مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىم!! مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئەركىنلتۇر. ئېتىقاد ۋە ئېتىقادىغا ئۇيغۇن ياشاش ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىدۇر. ئەگەر ئېتىقاد ۋە ئېتىقادى بويىچە ياشاش ئەركىنلىكىڭىز بولمىسا ئۇ بېسىلغان قۇرئان كېرىمنى مىللىتىمىز قانداق ئوقۇيدۇ ؟

35 مىليۇن مۇسۇلمان نۇپۇسى بار شەرقى تۈركىستاندا بىر تالمۇ قۇرئان كۇرسى ۋە دىنى تەلىم بىرىدىغان مەدرىسە يوقتۇر. خالىسىڭىز زىيارەت ئەسناسىدا بىر قۇرئان كۇرسىنى زىيارەت قىلايلى دەپ تەلەپ قىلىپ بېقىڭ، تەلىپىڭىز ئۇرۇنلىنامدىكەن ؟ چۈنكى بىر تال بولسىمۇ قۇرئان كۇرسى ۋە ياكى دىنى تەلىم مەدرىسىسى يوقتۇر. مىللىتىمىز پۈتۈن بېسىم، جازا ۋە جېنىغا زامىن بولىدىغان ئىسكەنجىلەرگە ئېلىنغان تۇرسىمۇ بۇ ئۇلۇغ قۇرئان كېرىمنى  يەر ئاستىدىكى جايلاردا يېرىم كىچىلەردە ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۆيىدىكى قۇرئان كۇرۇسلىرىدا قولغا ئېلىنغان ئۇستازلاردىن شېھىت قىلىنغانلىرى بار، ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە بىر ئۆي قۇرئان كۇرسىغا بومبا بىلەن باستۇرۇپ كىردى، بۇ باستۇرۇشتا 30 دىن ئارتۇق قۇرئان ئۆگىنىۋاتقان كىچىك بالا ئوتتا كۆيۈپ شەھىت بولدى. مىڭلارچە كىچىك بالىلار قۇرئان كۇرسىدا قولغا ئېلىنىپ، ئائىلىرىدىن ئايرىلدى ۋە سىلەر بالىلىرىڭلارنى باقالمىدىڭلار، دۆلەت باقىدۇ دەپ خىتاي كومۇنىست دائىرىلىرى ئۇ بالىلارغا قول ئۇزارتتى.

ھۆرمەتلىك مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىم!!

شەرقى تۈركىستاندا رۇزى تۇتۇش، مەسچىت – خانىقالاردا مەلۇم ياشتىكى ياشلار ۋە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ، دىنى يۇسۇندا ياشاش ۋە كىيىنىش چەكلىنىدۇ، ئۆيلەردە دىنغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپ- ماتىرياللارنى ساقلاش چەكلىنىدۇ. سىز بۇلارغا قارشى ئەڭ قاتتىق جازالار ئىجرا قىلىنىدىغان بىر يەرگە كىتىۋاتىسىز ، خەلقىمىزنىڭ ھىس- تۇيغۇرلىرىغا، ئۈمىت ۋە ئارزۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. پروتوكوللار ، رەسمى مۇراسىملار ، خىتاينىڭ ھازىرلىغان يالغان دىنى ئادەملەر ھەيئىتى، خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ھازىرلاندۇرۇلغان ئەركىن دىنى يۇسۇندا ياشاۋاتقان ئائىلىلەرگە ئوخشاش ئويۇنلار ئارىسىدا ھەقىقەتنى كۆرۈش ۋە ئىزىلگەن خەلقىمىزنىڭ سىلەرگە بىرىشنى خالىغان ئۇچۇرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن سەمىمى، جىددى بىر غەيرەت ۋە تىرىشچانلىق كېرەكتۇر.

شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى نامىدا بېسىم ئاستىغا ئېلىنىۋاتىدۇ.

خىتاي، شەرقى تۈركىستاندا ئىسلام مەدىنىيىتىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، كونا مەسچىت-جامىلەرنىڭ رېمۇنىت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، يېڭىدىن مەسچىت – جامى سېلىش چەكلىنىدۇ، مۇسۇلمانلار  مەسچىت – خانىقالاردا ناماز ئوقۇشتا قىينىلىۋاتىدۇ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن يىراق يەرلەردىكى مەسچىتلەرگە بارىدۇ.

خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىنى ئېتىقادىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ ئاتىست ۋە كومۇنىست قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ئىسلامى قىياپەتلەر بىلەن كىيىنىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۇختۇرخانا، ئاممىۋى قاتناش، ئاممىۋى سودا – سانائەت مەركەزلىرى، خەلق مەيدانىغا ئوخشاش ئاممىۋى ئۇرۇنلارغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەتتا ماي قاچىلاش ئىسكىلاتلىرىغا ھىجاپلىق ئايال بار ماشىنىلارنىڭ ماي قاچىلاش ئۈچۈن كىرىشى ۋە روپاش ئاياللارنىڭ ئاممىۋى قاتناشلىرىغا ۋە تاكىسغا چىقىشى چەكلىنىدۇ. ھازىر شەرقى تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا ئىككىنجى تەبىقە مۇئامىلىسى قىلىنىۋاتىدۇ، ئاممىۋى ساھالەردە چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ.

2013- يىلى 5-سىنتەبىر شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان N.32563 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئاپتۇۋۇزىدا ناماز ئوقىغان بىر ئۇيغۇر بوۋاي، خىتاي شوپۇر تەرىپىدىن بولىشىغا ئۇرۇلغان ۋە جاينامىزى سىرتقا ئېتىۋىتىلگەن. بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغان كىشىلەر ساقچىغا دېلۇ مەلۇم قىلغان، ئەمما ساقچى خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن بوۋاينى ئۇرغان خىتاي شوپۇرغا گەپ قىلماستىن، ناماز ئوقۇپ تاياق يىگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇر بوۋاينى قولغا ئالغان. بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەمما ئۇلارنىڭ نارازىلىقى شۇ پېتى قالغان. شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرسا، ئۇلارنىڭ قانداقمۇ قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بولسۇن ؟.

ئوقۇغۇچىلار، 18 ياشتىن تۈۋەن ياشلار، مەمۇرى خادىملار، ئاياللار ۋە كومۇنسىت پارتىيىسىگە ئەزا بولغانلارنىڭ مەسچىت – خانىقالارغا كىرىشى چەكلىنىدۇ.

شەرقى تۈركىستاندىكى پۈتۈن مەكتەپلەردە ئىسلام دىنى ئەپيۇن، خېروئىندۇر، دىنغا ئىشەنمەڭلار دەپ مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە دەرىس بىرىلىۋاتىدۇ.

ئاتېزىملىق ئىدىيىسى ۋە دىنسىزلىق تەشۋىقاتلىرى قانداق ئەركىن ئېلىپ بىرىلسا، خەلقنىڭ ئۆزى تاللىغان ئېتىقادى بويىچە ياشىشى ۋە ئىبادەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىشىغىمۇ  بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 36- ماددىسىدا“ ھەر بىر خىتاي گراژدانى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگىدۇر. دۆلەت، گراژدانىنىڭ نورمال دىنى پائالىيەتلىرىنى قوغدايدۇ“ دىيىلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش “ ھېچقانداق دۆلەت ئۆرگىنى، ئاممىنى ۋە بىر بىرىنى دىنغا ئىشىنىش ۋەياكى ئىشەنمەسلىككە مەجبۇرلىيالمايدۇ؛ دىنغا ئىشەنمىگەنلەر ۋە دىنغا ئىشەنگەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىمچىلىق قىلمايدۇ “ دىيىلىپ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنى تۈزۈمگە كىرگۈزۈلگەندۇر.

نامدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قانۇنلىرىدىمۇ “ دىن ئادەملىرىنىڭ ئېلىپ بارغان نورمال دىنى ئىشلىرى، دىنى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بىرىلغان ئۇرۇن ۋە دىنى ئۇرۇنلارغا كۆرە دىنغا ئىشەنگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئېلىپ بىرىلغان پۈتۈن نورمال دىنى پائالىيەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ۋە ھېچكىم بۇ پائالىيەتلەرگە ئارىلىشالمايدۇ“ دېيىلىپ، دىنى ئېتىقادلار ۋە پائالىيەتلەر قوغدىلىش ئاستىغا ئېلىنغاندۇر.

ئاساسى قانۇن ۋە نامدىكى ئاپتۇنۇم قانۇنلىرىدا دىنى ئېتىقادلارنى ئېتىراپ قىلغان بۇ ئەركىنلىكلەر قەغەز ئۈستىدىلا قالغان بولۇپ، پۈتۈن دىنى پائالىيەتلەر“ دۆلەتنىڭ، رېجىمىنىڭ ئامانلىقىغا تەھدىت بولغان قانۇنسىز پائالىيەتلەر“ قاتارىدا كۆرۈلمەكتە.

ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئاسىيادىكى بايراقدارلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سۇتۇق بۇغراخان ئەۋلادلىرىنىڭ خىزىمىتىدە بولۇش دىنى ۋە ۋىجدانى بىر خىزمەت بۇلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىنسانى بىر ۋەزىپە بولغانلىقى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى لازىمدۇر.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىنى ئىشلار مىنىستىرى ھۆرمەتلىك مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىمنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كىلىۋاتقان بۇ قىيىنچىلىقلارنى كۆرمەستىن قايتىپ كەلمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمىز.

خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇلارنى سورىشىنى ۋە 35 مىليۇن ئۇيغۇر تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئېتىقاد ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە تۇلۇق ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيتى رەئىسى

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان

About admin

Leave a Reply