مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھايات يولىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يۇرۇتقان يىتۇك ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، يېتۈك ئالىمى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1925 ـ يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ھەممىگە تونۇلغان ئىسلامغا سادىق، ئۆگەنگەنگە ئەمەل قىلىدىغان، مىللىتىنى سۆيىدىغان دىنى زات ئابدۇجىلىل داموللام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بىز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھاياتىنى ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇجىلىل داموللام ۋە 1930- يىللاردىن باشلاپ چۈشەنسەك بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىز مۇمكىن.
ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي زومىگەر شىڭ شىسەينىڭ قانۇنسىز دىكتاتۇر ھاكىميتىگە قارىشى چىققان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، ئېتىقادىغا سادىق كىشىلەر ئۈچۈن ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ تار كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر پايدىسىز شارائىتنىڭ مىنۇتسىرى قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئابدۇجېلىل داموللام ، ئوغلى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ئافغانىستانغا چىققان ۋە 1936 ـ يىلى مەككە مۇكەررەمەگە كېلىپ، ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەسلەكداشلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن يۇرتىغا قايتقان. بىراق ئابدۇجېلىل داموللام جاللات شىڭ شسەينىڭ يالاڭ تۆشلىرى تەرىپىدىن ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇلھەكىم بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلانغان.

1932ـ يىلدىن 1937 ـ يىلىغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا شىڭ سىسەي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ئانا يۇرتىمىز ئۇيغۇر دىيارىدىن 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەملەرنى ھەر – خىل تۆھمەتلەر بىلەن قاماققا ئىلىپ ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىدى. ئابدۇجېلىل داموللاممۇ شۇ فاشىستىك قەتلىئامنىڭ قۇربانى بولغان بۇلۇپ( ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن). ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم بۇ قېتىم ئۆلۈمدىن قوتۇلۇپ قالغان.
1944 – يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە گومىنداڭ قالدۇقلىرىغا قارشى ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، قاغىلىق، پوسكام ۋە تاشقۇرغان قاتارلىق رايۇنلاردىمۇ گومىنداڭ قالدۇقلىرىغا قارشى ئىنقىلاب ئوتى يېلىنجىشقا باشلىغان .ئابدۇلھەكىم مەخسۇم بۇ ئىنقىلابقا كۆپ ساندىكى مەسلەكداشلىرى بىلەن قاتناشقان. روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى ئارىمىزدىكى خائىنلارنىڭ ساتقۇنلىقى بىلەن بۇ شەرەپلىك ئىنقىلاب ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشقان. خائىنلارنىڭ ساتقۇنلىقى بىلەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1946ـ يىلىدىن 1948- يىلىغىچە ئىككىنچى قېتىم قۇلغا ئېلىنىپ گومىنداڭ غالچىلىرنىڭ قاتتىق قىينىشغا ۋە خورلىنىشىغا ئۇچرىغان.
1947ـ يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئۆلكىلىك قورچاق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. بۇ ھۆكۈمەتكە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مۇئاۋىن رەئىس بۇلۇپ سايلانغان. 1948- يىلى بۇ قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى قاماقتىن بوشاتقان. ( بەلكىم مۇھەممەد بۇغرا ئەينى دەۋىرىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا كىڭيىپ كىتشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ). ئابدۇلھەكىم مەخسۇم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، مىللەتنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلىمسىزلىكتىن باشقا نەرسىدە ئەمەس دېگەن تونۇشقا كېلىپ، قاغىلىقتا ئىنسانىيەت ئالىمىگە يۇرۇقلۇق ئىلىپ كەلگۈچى مەكتەپ ئاچقان. مەخسۇم مەكتەپتە مۇدىرلىق ۋە ئۇستازلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغاندىن سىرت يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جىددى مەسىلىلەردە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلغان.

1949- يىلى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ ئۇيغۇر رايونىنى سىتالىننىڭ ياردىمى بىلەن گومىنداڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. ھەمدە شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى قىزىل ئارمىيە ئۇيغۇر رايونغا يىتىپ كەلگەن. 1955 ـ يىلى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانلار بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم مەخسۇممۇ بۇ ئىسيانلارغا ئاۋاز قوشقان دېگەن قاراش بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1956 ـ يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم تۈرمىدىن بوشىتىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەخسۇمنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئىسلام دىنى تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى قايتىدىن باشلىغان.
1957 ۋە 1958 ـ يىللىرى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قوزغىلاڭلاردا باشلامچىلىق بىلەن رول ئوينىغان ياكى ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئاچقان مەكتەپ پېچەتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلىرى دەرھال تارقىتىۋېتىلگەن ۋە مەكتەپنىڭ بارلىق مال ـ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. ھەمدە ئابدۇلھەكىم مەخسۇم نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.
جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ دەۋىردىكى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدا، ئەڭ ئۇزۇن قاماققا ئېلىش مۇددىتى 20 يىل بولۇپ، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1959 ـ يىلى 12 ـ مارت 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1979- يىلى 12- مارت كۈنى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن تۈرمىدىن قۇيۇپ بىرىلىگەن.

1980 ـ يىلىدىن كېيىن، جوڭگودا سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، دىنى جەھەتتە ئەركىنلىك بارلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ پۇرسەت ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ئىسلامىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئاجايىپ شەرت ـ شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. ھاياتنى بىر ئۆمۈر ئىسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلىشقا ئاتىۋەتكەن پەزىلەتلىك ئۇستاز ، قۇرىماس ئالىم ، مەشھۇر ئىمام ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋاقىتىنى غەنىيمەت بىلىپ قاغىلىق ناھىيىسىدە يەنە مەكتەپ ئاچقان. ئاللاھنىڭ ياردىمى، ھەقنىڭ باتىل ئۇستىدىن غالىپ كېلىشى بىلەن يەنە مىڭلارچە ئۇقۇغۇچىلار ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ مەكتىپىگە يول ئالدى. ئەزەلدىن ئىلىم ئەھلىنى ، مەرىپەتنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان قاغىلىق خەلقى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قوللىرىدىن كېلىشچە ياردەمدە بولدى. ( ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن).

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1985 – يىلى مەككە مۇكەررەمەگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلدى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، سۆھبەتلەشتى. ئەزەلدىن ئىسلامغا قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس ئەمەلىي خىزمەت قىلىش يولنى تاللىۋالغان مەشھۇر ئالىم، ئەل ئىمام ئابدۇلھەكىم مەخسۇم يۇرتى قاغىلىققا قايتىپ كەلدى. ئانا يۇرتىمىز ئۇيغۇر رايوندا ئاللاھنىڭ ياردىمى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ تىرشچانلىقىدا كۆپلىگەن مەكتەپلەر مەيدانغا كەلدى. يۇرتىمىزنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدە ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى قوللىرىدىن كېلىشچە جانلاندۇردى.
ئىسلام ئۈممىتنىڭ تەلىپى ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر خىل مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1987- يىلىدىن 1990- يىلغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1990- يىلى بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ قاغىلىقتا ئاچقان مەكتىپى تاقىلىپ ئۆزى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، چۈنكى بارىن ۋەقەسىدە مەخسۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇرۇن تۇتقان ئىدى…

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1993 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ناماز شامغا تاھارەت ئېلىپ، نامازغا تۇرىدىغان چاغدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى( ئاللاھ ياتقان يىرنى جەننەتتە قىلسۇن).
خۇلاسە: بىز ئەل ئىمام ، قۇرىماس ئالىم ، مەشھۇر ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئىسلام ئۈممىتىگە ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىگە ۋە ھەر ساھە ئىشلىرىغا بارلىقنى پىدا قىلغان ئەمەلىي ھەركەتلىرنى تاپالايمىز. ئالىم يالغۇز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا تۆھپە قوشۇپ قالماستىن بەلكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆپ تۆھپە قوشقاندۇر.
مەشھۇر ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاچچىق ، ئەمما تولىمۇ تاتلىق، ماددى ھاياتى ئاددى ـ ساددا، لېكىن مەنىۋى ھاياتى تولىمۇ باي مەنىلىك ئۆتكەندۇر. ئىسلام مەرىپىتنى ئۆزنى كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن ۋە ياكى پۇل مال دۇنيا تېپىش ئۈچۈن ئۇقىمغاندۇر. ئىسلام دىننى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەرزىمەس ماتا ، تۆت توك توك پۇل ئۈچۈن ۋە ئەمەل ئۈچۈن ساتىمغاندۇر. ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا خىلاپ پەتىۋالارنى بېرىپ مۇسۇلمانلارنى ئىختىلاپقا سۆرەپ ئەكىرمىگەندۇر.

قۇرقماس ئالىمنىڭ ھاياتى بىزگە شۇنداق بىر ئۆرنەكنى كۆرسىتىپ بەردىكى: ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسمى زىكرى قىلىنىپ كىلىنۋاتقان مەشھۇرلارنىڭ ئىسىملىرى ئىسسق ئۆيدە كىتاپ يېزىپ قۇيۇش ۋە ياكى ۋەزخانلىق ئېيتىپ قۇيۇش بىلەن ئەمەس بەلكى ئىسىق قانلىرى ۋە جانلىرى بەدىلىگە كىلدىغانلقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. قان بىلەن يىزىلغان تارىخنىڭ مەڭگۇ ساقلىنىپ قالدىغانلىقنى دەللىل ئىسپاتى بىلەن كۆرستىپ بەردى.

About admin

Leave a Reply