قاغىلىقتىكى ھەربىي گازارمىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ قاغىلىقتىكى ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينىڭ قاغىلىقتىكى ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مەزكۇر ناھىيىنىڭ چاسامەسچىت يېزىسى ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي گازارما موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ مۇقىمسىز ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن، ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىگىلەشلىرىدە، قاغىلىقتىكى بەشكېرەم ساقچىخانىسىنىڭ بىر باشلىقى موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، قاغىلىق ناھىيىلىك 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنمىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلارنى پاش قىلدى.

قاغىلىقتىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى جەمئىي 21 نەپەر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يارىدارلار قاغىلىقتىكى ھەربىي دوختۇرخانا، مىللىي شىپاخانا ۋە خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئۈچ دوختۇرخانىغا بۆلۈپ ئاپىرىلغان. بىز بۈگۈن يارىدارلارنىڭ كىملىكى ۋە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى ئۈچ دوختۇرخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق ۋە ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىدىن تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.

دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ يۇقىرىقى مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ۋەقەدىن يارىلانغانلاردىن 5 كىشى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان. بۇلاردىن 4 نەپىرى خىتاي، بىر نەپىرى ئۇيغۇر. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە مېيىپ بولغانلار مۇ بار. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ھەربىيلەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 21 ئىكەنلىكى تېخى تولۇق ئىسپاتلانمىدى.

About admin

Leave a Reply