ئىشغالچى خىتاي شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالتۇنلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشنى تىزلەشتۇردى.

ئىشغالچى خىتاي شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالتۇنلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشنى تىزلەشتۇردى.

خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن باشلاپ  يەر ئالتى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىنى  ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تالان – تاراج قىلىپ كەلدى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارغا ئىگە مول مۇنبەتلىك زېمىنغا ئىگە.  خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن باشلاپ  يەر ئالتى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىنى  ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تالان – تاراج قىلىپ كەلدى ۋە تالان – تاراج قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. پاختا ، يىپەك ، نېفىت، مىس ، تۆمۈر ، ئالتۇن ۋە ھەر خىل تۈردىكى قىممەتلىك مىتال – مەدەنلەرنى بارلىق تېخنىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كېچە – كۈندۈز توختىماي توشىماقتا.

ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈشنىڭ بىر تۈرى يەر ئاستى ۋە تاغلاردىكى ئالتۇن بايلىقلار قېزىپ چىقىرىش بولۇپ، خىتايلار شەرقى تۈركىستاندا ئالتۇن قېزىشنى داۋاملاشتۇرىماقتا، خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا 12 ھەسسە ئارتۇق ئالتۇن قېزىپ ، پەقەت 9 ئاي ئىچىدە 12 مىڭ 800 توننا ساپ ئالتۇننى قېزىپ بۇلاپ كەتكەن.  خىتاي شەرقى تۈركىستاندا كۆپ مىقداردا ئالتۇن قېزىش بىلەن دۇنيا رىكورتىنى بۇزغان.

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىگە قاراشلىق ئالاتاۋ ئېغىزى چىگراسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلىشى، خەلقارا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئورلىشى ۋە چۈشۈشى ۋە ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام ئالتۇننىڭ كۆپ قېزىلىشى ۋە چىگرا ئېغىزىدىن ئوتكۈزۈشنىڭ ئاسانلىقىغا ئوخشاش شارائىتلارنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي خەلقارا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئالاتاۋ ئېغىزى پويىز بىكىتى چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن يېغىش ۋە توشۇشقا ئالاقىدار بەزى چارە – تەدبىرلەرنى ئالغان.

تاجاۋۇزچى خىتايلار ئاخىرقى يىللاردا كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىپ دوللارغا قارشى باشقىچە ئۇسۇلدا ئىقتىسادىنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە چوڭ كۆلەملىك ئالتۇن قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەرەققى قىلدۇرۋاتىدۇ. 2010 – يىلى 245 توننا ئالتۇن ئىشلەپ ساتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2011 – يىلى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ 490 مىڭ توننا ئالتۇن يىققان ئىدى. بۇ يىل ئاخىردا خىتاينىڭ ھىندىستاندىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن بازىرى بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى تىز سۈرئەتتە بۇلاڭ – تاراڭ قىلىش مەقستىدە، چوڭ يول ۋە تۆمۈر يوللارنى كۆپلەپ ياسىماقتا ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» دېگەن نام ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى سۈمۈردىغان كۆپ ساندا خىتاي بۇلاڭچىلارنى گۇرۇپ – گۇرۇپ قىلىپ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتمەكتە.

 

About admin

Leave a Reply