جەمئىيىتىمىزدە ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنىڭ 64 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلىندى.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ھەر ئاينىڭ بىرىنچى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت ئۇچرىشىشىنىڭ بۇ ئايلىقى 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 04 – كۈنى جۈمە كەچ سائەت 7:00 دە جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

سۆھبەت يىغىنىغا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، تىلاۋەتنى جەمئىيەتنىڭ سەفاكۆي شۆبە رەئىسى ئەنۋەر قارىم قىلدى.

تىلاۋەتتىن كېيىن، جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى. بۇ قېتىملىق ئايلىق سۆھبەت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەزىز ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغىنىغا 64 يىل بولغان قارا كۈنگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە: ”شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىدىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز “ ھەققىدە توختالدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ سۆزىدىن كېيىن، كانادادىن كەلگەن دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە: ”قۇرئان كەرىمدىكى تەسىرلىك قىسسىلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن تەسىرلىك تاللانمىلىرىدىن“ نەقىل قىلىپ،ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە شۇنىڭغا كۆرە ياشىشىمىز ھەققىدە تەپسىلى توختالدى.

كېيىن يەنە، دىنىي ئالىم خېلىل ھاجىم ئابىد ئوغلى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە: ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ باشلىنىدىغان ”زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى“ ھەققىدە توختالدى.

زۇلھەججە ئېيى ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئايلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ھەرقانداق ئەمەل،ئۇنىڭ باشقىسىدا قىلىنغان ھەرقانداق ئەمەل بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلەر: ئى رەسۇللاھ! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇ كۈنلەردىكى ئەمەلگە باراۋەر بولالمامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”شۇنداق، ئەمما بىر ئادەم ئۆزىنىڭ جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھادقا چىقىپ، جىھادتا شەھىد بولۇپ ھېچنەرسىسى بىلەن قايتىپ كېلەلمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ ئەمىلى بۇ كۈنلەردىكى ئەمەلدىن ياخشى بولىدۇ، دېگەن ئىدى.

خېلىل ھاجىم بۇ كۈنلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلۇغ بولغانلىقى ۋە قىلىنىدىغان سالىھ ئەمەللەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغىنىدىن بۇيان ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىقلىرى، زۇلۇملىرى، بېسىملىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئاخىرقى 64 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئەڭ شىددەتلىك زۇلۇملارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

About admin

Leave a Reply