ۋەتەن سىرتىدا قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش

ۋەتەن سىرتىدا قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش

بۇ يىلقى قۇربان بايرىمى، دۇنيانىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى تۆكۈلىۋاتقان، بولۇپمۇ ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، زۇلۇم ۋە بېسىم تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە يېتىپ كەلدى. گەرچە بىز مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلار زۇلۇم ۋە بېىسمدىن قۇتۇلغان بولساقمۇ، ۋەتەن ۋە يۇرت ھەسرىتى، ئۇرۇق – توغقان، دوست – بۇرادەلەرنى سېغىنىپ، ۋەتەن ھەسرىتى بىلەن روھى جەھەتتىكى بېسىم ئىچىدە مانا بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيىتنى تەبرىكلەپ ئۆلتۇرىۋاتىمىز.

ھەممىمىز بىلىمىز بىر زامانلار ھېيىت بايراملارنى، ئۆز يۇرتىمىزدا، ئورۇق – تۇققانلار بىلەن دوست بۇرادەرلەر بىلەن يىغىلىپ ھېيتنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەر بولغان. شۇ كۈنلەرنى ئەسلەش سېغىنىش بىلەن، بۇرۇختۇملۇق، غەمكىنلىك، مىسكىن، مۇساپىرلىق ھاياتنى، مۇھاجىرلىق قىسمەتنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىۋاتقان بىر پەيتتە ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزگە تەسەللى تېپىش، ھەسرەت بىلەن يارىلانغان قەلبىمىزگە مەلھەم ئىزدەپ بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇردۇق.

جەم بولۇپ ھېيتلىشىش ئىجتىمائىي ھاياتتا  قېرىنداشلىق روھىنى كۈچەيتىشتە ئەڭ ياخشى ۋاسىتىدۇر. بىز بۈگۈن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەتەن- يۇرت ھەسرىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ تۈگىتىشكە، ئۆز – ئارا ئۇچرىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مېھرى – مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە، بىرلىك، باراۋەرلىك بولۇش، قۇربان ھېيىتنى قېرىنداشلار ئارا ئورتاق ۋە خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلاندۇق. ئىسلامنىڭ تەلىپى بولغان بىرلىك – باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق، مېھرى – شەپقەتلىك بولۇش، كەمچىللىكلەر تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن ئاداۋەتنى يۇيۇش، قۇربان ھېيىتنى خۇشال ئۈتكۈزۈشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن بۇ زالدىن بىرلىك – باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە دوست – بۇرادەرلىك بېغىمىز تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا خۇشال قايتىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

مۇھاجىرەتتىكى ھايات ۋەتەننى ئەسلەش، ئاتا – ئانا، ئورۇق – تۇغقانلارنى سېغىنىش، ئۆز يۇرتتا دوست بۇرادەرلەر بىلەن ھېيىتلاشقان خۇشال كۈنلەرنى ئەسلەش بىلەن ئۆتىدۇ. گەرچە بىز زۇلۇم ۋە بېسىم سەۋەبىدىن يۇرتىمىزنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ ھىجرەت قىلغان بولساقمۇ، يەنىلا ۋەتەن ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا بىزنىڭ ئەھۋالىمىز بىر قەدەر ياخشى ئۆتىدۇ. چۈنكى ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىز، ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ، دىنى ۋە مىللىي بېسىم ئاستىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى چەكلەنگەن بولۇپ، بىزگە ئوخشاش توپلىشىپ، جەم بولۇپ ھېيىت قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى خالىغاندەك ئىبادەت قىلالمايدۇ، ئىشغالچى دىكتاتۇر ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلارنى ئىسلامى ھايات بىلەن ياشاشقا يول قويمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر بېسىم بولىۋاتىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئائىلىگە بېسىپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلىۋاتىدۇ، ئائىلىسىنى، مال – مۈلكىنى، ھايات بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتكەن مۇسۇلمانلارنى ئوق بىلەن ئېتىپ رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، جان ۋە مال بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، قېرىندشلىرىمىز غەم ۋە ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ. كىمنىڭ قاچان تۇتۇلۇپ كېتىشى ياكى ئېتىلىپ كېتىشى مەلۇم ئەمەس ھېچ كىم ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق بولمايۋاتىدۇ. بىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قۇربان ھېيتىنى كۈتىۋالدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھېچ قاچان مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا دۈچ كەلگەن ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقتىن شىكايەت قىلماسلىقىمىز ۋايسىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېسىپ ماڭغان يولنى بېسىۋاتىمىز، بۇ ھىجرەتنىڭ بىر جەرىيانى بىر داۋامى بار بولۇپ بىز بۇ جەرىياننى تولۇق بېسىپ ئۆتكەندە ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەجىرىگە ئېرىشىمىز. بۇ يول جاپا مۇشەققەتلىك يولدۇر، بۇ يول ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن يولىدۇر. ھىجرەت قىلىشتىكى مەقسەت چەتئەلدە ياشاپ قېلىش ئەمەس بەلكى مەلۇم بىر مەقسەت ۋە غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ يۇرتقا قايتىش دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ۋەتەنگە قايتىشنىڭ يولىدا  تىرىشىشىمىز ئىزدىنىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

زۇلۇم ھېچ قاچان ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدىغان، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەن ھەسرىتى ئاخىرلىشىدىغان، توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا ھۆر ۋە ئەركىن ھالدا قايتىدىغان، ئازادلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ، بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچىمىز، ئىمانىمىز بار. چۈنكى قۇدرەتلىك ئاللاھ زالىملارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:

«ﷲ نىڭ مەسجىدلىرىدە ﷲ نىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ»  سۈرە بەقەر[114] ئايەت.

«ﷲ قا يالغان چاپلىغان ياكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» سۈرە ئەنئام 21 – ئايەت.

« زالىملار كىشىلەرنى اﷲ نىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ» [45]. سۈرە ئەئراف [44]. [45]. ئايەتلەر.

«راستلا اﷲ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى اﷲ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ) [18]. ئۇلار (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام يولىدىن) توسىدۇ، اﷲ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر [19]. ئەنە شۇلار زېمىندا اﷲ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا اﷲ تىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ »[20]. سۈرە ھۇد 18 – 19 – 20 ئايەتلەر

«ﷲ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى»  سۈرە ئىنسان [31].

يەنى زالىملار چوقۇم ھالاك بولىدۇ، مەزلۇملار زۇلۇمدىن قۇتۇلىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. بۇ كۈنلەر بەك يېقىن، ئىنشاللاھ.

ئەزىز شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى، زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان، زۇلۇمغا، ئىشغالغا باش ئەگمەي ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، جىھاد قىلىۋاتقان قەھرىمان ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز.  ئائىلە ئىچى شاتلىققا چۈمسۇن، سالامەتلىك، خاتىرجەملىق ھەر زامان يار بولسۇن. شېھىتلىرىمىزنىڭ ئائىلىلىرىگە سەبىر ۋە رەھمەت قىلسۇن، جانابى ئاللاھ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزنى دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسۇن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلدۇرسۇن، ئائىلىرىگە خاتىرجەملىك، سالامەتلىك ۋە سەبىر ئاتا قىلسۇن. قۇربان ھېيىتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن. قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن.

كېسىلگەن شۇ قوربانلىقلار ئومۇمەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خۇسۇسەن شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقى، ھۆرلۈكى، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ۋەسىلە بولغاي. قۇربان ئىبادىتىنى جانابى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي.  قۇربان ھېيىتنى خۇشال – خۇرام شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي.

ھەممىڭلارغا رەھمەت

بۇ ماقالە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ 2013 – يىللىق قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

مۇساجان ئەر

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى

About admin

Leave a Reply