ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ 2013 – يىللىق قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ 2013 – يىللىق قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن  2013 – يىلى 18 – ئۆكتەبېر جۇمە كۈنى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ 2013 – يىللىق قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى  مۇساجان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. كېيىن  ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن مەمەت ئەيسا ھاجىم ئارتىش، ئابدۇلقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلجېلىل تۇران، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوتسېنت ئالىمجان بۇغدا. شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجە تۈرك، شەرقىي تۈركىستان مېھرى – شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ – يۈسۈپ ئوغلى قاتارلىق مەسئۇللار  ئايرىم – ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

باشتا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ، بايراملىق تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلانغان ھېيت مۇراسىمى ئىبراھىم قارىنىڭ تەپسىر ۋەزلىرى بىلەن قاتناشقۇچىلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە يېڭى مەنىۋىيات قوشتى. جەمئىيىتىمىزنىڭ قۇرئان كۇرسلىرىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان ، قۇرئان ئوقۇش، شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىش پىراگرامىلىرى ، ۋەتەندە  9 يېشىدا قارىلىقىنى تاماملىغان كىچىك  ھەمزە قېرىندىشىمىزنىڭ مۇڭلۇق تىلاۋەتلىرى شۇنداقلا بەزى قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتقا ئاتاپ ئوقۇغان شېئر ۋە نەسىرلىرى شەرقىي تۈركۈستانلىق مۇھاجىرەت ئەھلىنىڭ  ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ۋە ۋاپا تۇيغۇسىنى ئۇلغايتتى. ئاخىردا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىمىزنىڭ سۆزى ۋە دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشقان پىراگىراما ھېيتلىق تەييارلانغان زىياپەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان نۇرغۇن ھەمشېھىر قېرىنداشلار شۇنداقلا ياۋروۇپا دۆلەتلىرىدىن تۇغقان يوقلاش¸ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلار ئىناق ۋە قېرىنداشلارچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھېيت مۇراسىمىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن پات يېقىندا ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھتىن دۇئا قىلىپ سوراشتى.

پائالىيەتتە يەنە «ھېيىت بولدى بىزلەرگە»، «مۇسۇلمان بىز»، « ھېيىت بۈگۈن» دېگەنگە ئوخشاش قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەپ شېئىرلار ئوقۇلدى. 3 سائەت داۋام قىلغان پائالىيەت قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەتەن- يۇرت ھەسرىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ تۈگىتىشكە، ئۆز – ئارا ئۇچرىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مېھرى – مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە، بىرلىك، باراۋەرلىك بولۇش ۋە قۇربان ھېيىتنى قېرىنداشلار ئارا ئورتاق ۋە خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

قۇربان ھېيىت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر:

About admin

Leave a Reply