كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلسىڭىز…

كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى كۆپ بولسا، تەر تۆشۈكچىلىرى چوڭىيىپ،تېرىگە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ھەمدە تېرە كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئېلىكتىر ماگىنىت رادىياتسىيەسى پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟؛
1. تېرىنى كۈندۈزى ئاسراش: يۈزىڭىزگە نەملىك ساقلاش ۋە ئاقارتىش ئۈنۈمى يۇقىرى، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدىغان ۋە يۇمرانلاشتۇرىدىغان يۈز مايلىرىنى سۈرۈۋېلىپ، ئاندىن كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلسىڭىز، ئېلىكتىر ماگىنىت رادىياتسىيەسى پەيدا قىلىدىغان تېرىگە سۇ يېتىشمەسلىك ۋە قارا پىگمېنتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا، ئەڭ ياخشىسى يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن يۈزىڭىزنى پاكىز يۇيۇۋەتسىڭىز، ئېلىكتىرماگىنىت رادىياتسىيەسىنىڭ تېرىنى غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
2. تېرىنى كېچىدە ئاسراش: كېچىدە تېرە ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېرىنىڭ ئىممۇنېتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىكتىرماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىيەلىنىدىغان، تەركىبىدە ۋىتامىن E بولغان مايلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ، تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. كومپىيۇتېرنى تازىلاپ تۇرۇش: كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىش ئالدىدا ئېكران، مائوس ۋە كۇنۇپكا تاختىلىرىنى يۇمشاق لاتا بىلەن پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ زىينىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كومپىيۇتېر تازىلايدىغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ چاڭ-توزانلارنى تازىلاش رولىدىن باشقا يەنە، مىكرۇب ئۆلتۈرۈش رولىمۇ بار.

مەنبە: «ئىلى كەچلىك گېزىتى» (2013.يىلى7.ئاينىڭ.16.كۈنى، سەيشەنبە. 2571-سانىنىڭ «بىلىۋېلىڭ» سەھىپىسىدىن ئېلىندى.)

About admin

Leave a Reply