بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟ – ئابدۇقادىر جالالىدىن

«ﺋﺎﻧﺎ» – ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘم ﺋﻪﻣﻪس. «ﺋﺎﻧﺎ» – ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ.


ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ۋە ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﻣﻪۋﺟﯘدات ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار دۇﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻧﺎ – ﺋﺎﻟﻪم، ﺋﺎﻧﺎ – ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻏﺎ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەس ﺳﯘﺑﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﻪ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪا ﻳﻮرۇﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎزﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ – ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻰ.
«ﺋﺎﻧﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك: ﺋﺎﻧﺎ – ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻏﻘﯘﭼﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﺎرﭼﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﮕﻪ ﺋﻮرﺗﺎق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜپ ﻳﺎۋا ﺋﻮﺗﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚز ۋۇﺟﯘدﯨﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﻣﯧﻜﻴﺎﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﭼﯜﺟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺗﺎﭘﻘﺎن-ﺗﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘلارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰدﯨﻤﯘ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت «ﺗﯘﻏﯘپ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻨلا ﺋﯩﺒﺎرەت» دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﺗﺎلاي. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، دەپ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﯩﻨﺴﺎن» ﺑﻮﻟﯘش ﺷﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. «ﺋﺎﻧﺎ» ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜن-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺑﻪدەل، ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮرﺗﺎق. ﺋﻪﮔﻪر ﺗﻪﯕﺮى ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻏﺎ «ﻣﯧﮭﯩﺮ»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﮔﯜزەل ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﺟﻪﺑﯩﺮ-ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘرۇۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﻣﺎلاي. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎلاﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻧﺎ دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪن ﺑﻪدەﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرەﻟﯩﮕﻪن. ﺋﻪﮔﻪر دۇﻧﻴﺎدا ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎﺑﺎﮬﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯘﮬﯩﻘﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺘﻤﯘ ﺑﺎﻏﺮى ﺗﺎش ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪا ﺋﻪﻟﻠﻪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ: ﺋﯘلار ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻪرﮔﻪن ﻗﯘرﺑﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻳﯟەﻧﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮬﺎزا ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻨﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻏﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇپ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﺋﯧﻜﺮاﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ، vcd ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ، ﺑﺎزارلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ-ﻪﻛﺘﻰ ۋە ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺒﺮەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﭘﺎراﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪى. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮلار ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻳﺎزدى، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩلارﻣﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻛﯜﻳﻠﯩﺪى. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﯩﺸﭽﺎن ﺋﻪۋلادلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺳﺎداﺳﻰ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯧﻠﻰ ﺑﻮش ﺋﻪۋلادلار ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻪﭘﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎددا، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﺗﺎ-ﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ. ﻗﻪدﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﻘﺎ ﺋﯘزۇﺗﯘۋﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯘلار ﺋﻪرﻟﯩﺮى ۋە ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﯩﺖ» ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ دۇﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘزاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا، ﺋﯚرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪۇ. ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻪﭘﻘﻪت – ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﺋﻪۋلادلارﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯚﺷﯜك. ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن ﺧﻪﻟﻖ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ-ﯩﭽﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﺴﺎق، ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ روﮬﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﺘﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻜﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﺪا راﺳﺎ ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻣﻪﺷﺮەپ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر روﺷﻪن ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ:
«ﺋﺎﻧﺎ رازى، ﺧﯘدا رازى، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ رازى».
دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ رازى ﻗﯩﻠﺴﯩلا ﺧﯘدا رازى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺧﯘداﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ۋە ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلارﻧﻰ رازى ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘدا رازى. ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯔ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮلاﺷﺘﯘرۇﻟﯘپ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻮﻳﯘق ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙلارﻧﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗلاﺷﺘﯘرۇش ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ. ﺗﻪﺳﻪۋۋۇﭘﻤﯘ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻗﺎﻳﻨﺎق. ﻛﯚﻳﯜم – ﺋﺎﻧﯩلاردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎرﻗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار »ﺋﺎﻧﺎ»ﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ «ﻛﯚﻳﯜم» ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪن ۋە ﺷﯘ داﺋﯩﺮﯨﺪە ﺗﻪﻟﻘﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
»ﺋﺎﻧﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎر، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺎﻣﻤﯘل ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ، دﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرەﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨلا، ﭘﯧﺪاﮔﻮﮔﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرەﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ۋە ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﺪۇراﻟﯩﻐﺎﻧﺪا؛ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺟﺎزاﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﻣﯩﺰان ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪدەس ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزەﻟﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯘ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺑﯘ ﺋﺎرﯨﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎۋلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎۋۇزﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاﭘﺘﯘ، ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯚز ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻏﻪزەﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯘ ۋە ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪي ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻗﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ دۇﺋﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ ۋە ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘرﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚز زﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜرﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭼﯚﭼﻪك» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎۋﻏﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻣﺎلاﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯩﺪۇ، دۇﻧﻴﺎدا ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەك. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎن ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺳﯚﻳﮕﯜﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺋﯘﭼﺮاۋەرﻣﻪﻳﺪۇ.
ﺗﯘﻣﺎرس – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى. ﻛﻪﻳﺨﺴﯩﺮاۋ ﻣﺎﺳﺎﮔﯩﺘلارﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە، ﺗﯘﻣﺎرس ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ، ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻳﺨﺴﯩﺮاۋﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻤﺎلارﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻧﯩلاردا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ روﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻧﯩلاردا ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﭘﺎراﺳﻪت، ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ ﭼﯩﺮﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردا «ﺑﺎلاﯕﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﺴﺎڭ ﺑﺎلاﻏﺎ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪن» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﺎر. ۋاﭘﺎﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩلار – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘل ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪا ﺋﯜﻧﮕﻪن ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﺎ.
ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎﻧﯩلار ۋە ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺎ. ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻴﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﮬﯧﻜﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯜت ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯜت ﺋﻪﻣﮕﯜﻛﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارلا ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ۋە ﺷﺎن-ﺷﻪرﯨﭙﻰ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩلا، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ – ﺳﯜت ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪي ﻳﺎﺷﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك.
ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﻪن ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪا ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪرزدار.
(ئﺎﭘﺘﻮر: ئۈرۈمچىدىكى ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪا)

About admin

Leave a Reply