ئىستانبۇلدا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

12 نويابېر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن،  1933 – يىلى 12 – نويابېر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى 12 – نويابېر  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ كۈندە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان تارىخىي بىر كۈندۇر. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەپ يىغىن ،مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2013 – يىلى 10 – ئۆكتەبېر يەكشەنبە كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى توپكاپى ئەرەسىن مېھمانخاننىڭ يىغىن زالىدا، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە تارىخقا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ باشلىنىشىدا يەنە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بايرام قاراجان، زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى ھەمزە ئاقبۇلۇت، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت سارىقۇرت، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسسا، قازاق تۈركلىرى فوندىنىڭ رەئىسى جالال قەھرىمان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تىلەك – ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق خەلقلەرنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن جەرىيانىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن مۇنزىرە ئۆتكۈر « مەن شەرقىي تۈركىستان قىزىمەن»، دېگەن تېمىدا، مۇھەممەد ئۆتكۈر، «ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمەن» دېگەن تېمىدا جاراڭلىق شېئىر دىكىلىماتىسىيە قىلىش بىلەن يىغىننىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ جانلاندى.

يىغىننىڭ ئىلىمىي مۇھاكىمە قىسىمىنى، ئىستانبۇل مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرىسىتى تارىخ بۆلۈم باشلىقى پروفېسسۇر تارىخچى ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى باشقۇردى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مارمارا ئۇنىۋېرىستىتى ئۇچۇر – ئالاقە فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا تۈركىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پروگرامما لايىھىلىگۈچىسى دوتسېنت دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسدا مۇلاھىزە» دېگەن تېمىدا، قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، «1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرىستىتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر دوكتۇر كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، « 20 – ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخى» دېگەن تېمىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىستىتى تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئىستىراتېگىيە ئانالىز ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقات مۇتەخەسىسى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم: «تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاغدۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىن ئاچىدىغان ئەسلى ئورنى توكيۇ ئەمەس ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە

 بۇ يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بايرام قاراجان مۇنداق دېدى: 1933 _ يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان چاغدا، ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ قارىغان بىر قانچە دۆلەتلەرگە ۋەكىل ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋەكىللەرنىڭ قاتارىدا شۇ چاغدا قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان تۈركىيە جۇمھۇريىتىگىمۇ بىر ۋەكىل ئەۋەتىلگەن ئىكەن، ئەمما ئۇ ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركسىتاندىن كەلگەن ۋەكىللەرگە خىتاي ۋە رۇسلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ ئۆتۈشنى تەۋسىيە قىلىپ يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئىپادىلەيمەن، تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى 1933 – يىلىدىكى زېھنىيەت بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا تەلەپ لايىق ئىگە چىقمىدى. مەن بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ۋە تۈركىيىدە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قېرىندىشىڭلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ توكيۇدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن ۋە سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇ يىغىننىڭ ئېچلىشى كېرەك بولغان ئورۇن ئەسلىدە ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت بېشىدىكلەرگە  بۇ يەردىن شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، بۇ نومۇستىن بۇ مىللەت دەرھال قۇتۇلدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىلسۇن، ئەگەر بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋەتنىڭ دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنسا، ئەلۋەتتە تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە تۈركىيە زىيان تارتىپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ناچار ماللىرىغا ھەر يىلى 25 مىليارد دوللار پۇل تۆلەۋاتىمىز، ئۇنىڭ بەدىلىگە پەقەت ئىككى يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئېكىسپۇرت قىلىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغان ھېچ قانداق بىر ۋەزىيەت يوق.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇش خىتاينىڭ خائىنلىق قىلمىشلىرىغا ھەمكارلاشقان بولىدۇ

بايرام قاراجان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تۈركىيىدىكى پائالىيەتلەرنى بەك دىققەت بىلەن كۈزىتىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى قەيەردىن بىلىسىز دەپ سورىساڭلار ، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قوللاپ قاتنىشىپ كېلىۋاتىمىز ۋە ئۆزىمىزنى بۇ مەسىلىنىڭ بىر ئىگىسى دەپ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بىلدۇق. خىتاي باش ئەلچىسى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىگە كېلىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئاڭلىتىلغاندەك ئەمەسلىكىنى داۋا قىلىدۇ، بىز ھەر قېتىم خىتاي ئەلچىسىگە ئۇ يەردە قەتلىئام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىشغالچى ئىكەنلىكىنى كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ يۈزىگە سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىدە مۇناسىۋەتلەرنى كۈزدە تۇتۇپ ۋە بەزى ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇش خىتاينىڭ خائىنلىق قىلمىشلىرىغا ھەمكارلاشقان بولىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىدىكىلەرنى، شەرقىي تۈركسىتانغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىمەن، ھازىرغىچە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرالايدىغان، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان سۇنئى ھەمرا ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بىر تېلېۋىزىيەنىڭ يوقلۇقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەمچىللىكىدۇر.

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىش ۋە خىزمەت قىلىش روخسىتى بېرىلىشى كېرەك

رەئىس بايرام قاراجان سۆزىدە يەنە تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىش روخسىتى ئالالمىغان ئۇيغۇرلارغا روخسەت بېرىش توغرىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى:

شۇئان تۈركىيىدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتا، ئۇلارغا تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىش ۋە خىزمەت قىلىش روخسىتى بېرىلمىدى، يېقىندا تۈركىيىدە بىر قانۇن چىقىرىلدى، بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈركىيىدە ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالغان چەتئەللىكلەرگە ئولتۇراقلىشىش روخسىتى بېرىلىدۇ، بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان چەتئەللىكلەر كەيىپ سۈرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركسىتاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز كەيىپ سۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇ يەردىكى ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇش، ئۇ يەردە زۇلۇمغا ئۇچىرىغانلىقى ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇر بولۇپ تۈركىيىگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىش ۋە خىزمەت قىلىش روخسىتى بېرىلىشى كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپ – ئىلتىماسلىرىغا قولاق سېلىش كېرەك.

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلىدىگىنىنى كۆرۈشنى ئۈمىد ۋە دۇئا قىلىش

ئاخىرىدا، بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنىڭ ھەر زامان يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيمەن ۋە ۋەزىپە كۈتمەستىن قەيەردە كېرەك بولسا ئۇ يەرگە ھازىر بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمەن، ئاي يۇلتۇز  تۈرك بايرىقىغا ياراشقانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان بايرىقىمۇ بەك يارىشىدۇ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلىدىگىنىنى كۆرۈشنى ئۈمىد ۋە دۇئا قىلىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

يىغىن ئاخىرىدا، يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى، شەرەپ تاختىسىنىڭ ئۈستىگە: شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قوشقان تۆھپىڭىز ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش يىغىنغا قاتناشقانلىقىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

يىغىن زالىنىڭ سىرتىغا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە، شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئالاقىدار تارىخى رەسىملەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمى ئىپادىلەنگەن رەسىملەر قويۇلغان.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدىكى قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقلىق نەخ مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا يىغىننى ئويۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ يىغىننىڭ، تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش،  تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر زامانلار ھۆر ياشىغان مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئارسلان

About admin

Leave a Reply