ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش!

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! 

 

 دوستلۇقنى، مېھرى‏- مۇھەببەتنى، قايغۇ ۋە دەرتلىرىمىزنى، خۇشال  ‏- خۇراملىقنى، غۇربەتتە ئۆتىۋاتقان مۇساپىرلىقنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە كۈتىۋالغان قۇربان ھېيىت بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ھېيىتنى گۇزەل ۋە خۇشال ‏- خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيىت بايرامنى خۇشال ‏- خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. كىچىكلەرگە ئىززەت ۋە چوڭلارغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

 

جانابىي  ئاللاھ بۇ مۇبارەك كۈندە گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغاي، قۇربانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي. بايراملىرىمىزنى مۇبارەك قىلغاي. ئائىلىمىزگە بەركەت ياغدۇرغاي. بايرامنى خۇشال ‏- خۇرام ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلغاي.

 

بۇ مۇبارەك بايرامىنى بىرلىكتە ئۈتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق قارار ئېلىشى  بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە يىغىلىپ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئائىلە – باللىرى بىلەن بىرلىكتە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى. ۋاقتى: قۇربان ھېيىتنىڭ 3 – كۈنى، يەنى 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شەنبە، سائەت 12:00 دە

ئورنى: شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى.

 

About admin