ئاخىرقى شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى

يېقىنقى تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەم- پاراسەتلېرىگە ۋە ئەقىل قابىلىيىتىگە بارىكاللا ئېيتماي تۇرالمايمىز. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر زامانىۋى دۆلەت قۇرۇشقا باشقاتۇرۇپ، تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرگەن بىر پەيتتە سابىت دەموللا ھاجىمغا ئوخشاش دانا كىشىلىرىمىز 1933- يىلى ئەڭ مۇكەممەل ئاساسى قانۇن ۋە دۆلەت ئاپپاراتىغا ئىگە، دۇنيادا تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولغان ”شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ نى قۇرۇپ چىقتى. ئەپسۇسكى ياۋۇز خىتاي ۋە رۇس زومىگەرلىرى ئىچكى دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئۇزۇن ياشاتمىدى. 1949- يىلى قانخور كوممۇنىست، تىرورىست خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن ئېتىبارەن، بىزنى دۇنيادىن يىتىم قالدۇرۇشقا، سىياسى سەھنىدىن يوق قىلىشقا ۋە يالغان- ياۋىداق تارىق بىلەن كەلگۈسىدىن ئۈمىد ئۈزۈشىمىزگە تىرىشماقتا. 1933- يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. چۈنكى بۇ، بىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىش، ئىززەت- ئابرويىمىزنى ۋە شان- شەرىپىمىزنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تارىخى ۋەقەدۇر. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز ئۇ تارىختا ، پۈتۈن دۇنياغا بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نەق پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان مۇستەقىل بايرىقى بار، ھەشەمەتلىك دۆلەت گېربى بار ۋە ئىنقىلابى روھقا ئىگە دۆلەت مارشى بار ”شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ نى ئەنە ئاشۇ تارىختا قۇرۇپ چىققان ئىدى.

بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پ د ف نوسخىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: 

About admin

Leave a Reply