28 ئۆكتەبېر سېرىقبۇيا ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى

مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىىسىدا توختالغان بولۇپ، بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامى دەپ باھا بېرىلگەن.

28- ئۆكتەبېر مارابېشىنىڭ سېىرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋە 9 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان قانلىق ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا بۇ ۋەقە توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى.

بەزى ئاخباراتلار بۇ ۋەقەنى «خىتاي قەشقەردە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن قەتلىئام ئېلىپ باردى»، «ئۇيغۇر دىيارىدا توقۇنۇش يۈز بەردى 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا ئۇچۇر تارقىتىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەبەر7 تور گېزىتىدە، «خىتاي قەشقەردە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن قەتلىئام ئېلىپ باردى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىىسىدا توختالغان بولۇپ، بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامى دەپ باھا بېرىلگەن.

بۇ ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاندا قەتلىئام قىلىشنى يۈرگۈزىۋاتقان بېيجىڭ ھاكىمىيىتى، تارىخى شەھەر قەشقەردە يەنە 9 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى سىياسىي بېسىمى، يەر – مۈلۈك ۋە ماللىرىنى تارتىۋېلىش سىياسىتى بارغانسىرى چېكىدىن ئېشىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قەتلىئام يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

6 ئايدا ئۈچ قەتلىئام

ماقالىدا يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ قەتلىئام يۈرگۈزۋاتقانلىقىنى ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا 4 – ئايدا ئۈچ ساقچى بىر ئۆينى ئاختۇرۇشقا كەلگەندىن كېيىن  يۈز بەرگەن ۋەقەدە 15 ساقچى قاتارلىق 21 كىشنى ھاياتىدىن ئايرىلدى. تۇرپاننىڭ لۇكچۈندا 6 – ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 35 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. شەرقىي تۈركىستاندا 2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە 200 گە يېقىن كىشى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەدە 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەر – مۈلۈك ۋە ئىش – ئىمكانلىرىنى تارتىۋالدى

ماقالىدا يەنە ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېيىلگەن: ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا توقۇنۇشنىڭ ئېشىشى بىلەن كۆپلىگەن جايلاردا خىتاينىڭ قۇراللىق كۈچلىرى يوللارغا تۇساق قۇرۇپ كۈزەتچىلىك قىلىشقا باشلىدى. خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ۋە ئىلى قاتارلىق رايونلاردا يۇقىرى دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولغان ئامىل بولسا، رايونغا خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ يەرلىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى يەر – مۈلۈك ۋە ئىش ئىمكانلىرىنى تارتىۋېلىنىشى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ ئاجىزلىقى

خىتاينىڭ غەربىيگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۈركىيىدىن ئىككى يېرىم ھەسسە ۋە فرانسىيىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە تەڭ چوڭلۇقتا بىر جۇغراپىيە بولۇپ، رايوندا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىق كۆپ، شەرقىي تۈركىستان يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتايغا يۆتكىلىدىغان ئېنىرگىيە نېفىت تۇرۇببا لىنىيىسى ئۆتىدىغان بىر ئۆتكەل. شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۇرۇلگەن خىتاي كۆچمەنلەر بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا نەچچە يىلدىن بۇيان توقۇنۇش داۋام قىلىپ كەلدى. ۋەقە باشلانغان 2009 – يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق نوقتىسى بولغان شەرقىي تۈركسىتاندىكى ۋەقەلەرنىڭ دۇنياغا تارقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قول تېلېفۇنى ۋە ئىنتېرنېتنى كەستى ياكى توساق قويۇپ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيىلىك رايون

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاسھاجىپقا ئوخشاش مەشھۇر تۈرك مۇتەپەككۇرلىرى توغۇلۇپ ئۆسكەن يەر بولغان ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا تۈركلەرنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان، 1949 – يىلىدىن بۇيان خىتاي ئىشغال ئاستىدا قالدى. ئېنىرگىيە مەنبەلىرى كۆپ بايلىققا ئىگە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنى غەربىي تۈركسىتانغا ئېچىلغان ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك چىقىش ئىشىكىدىن ئىبارەت ئالاھىدلىككە ئىگە.

يىلماز ئىسىملىك بىر تور زىيارەتچى بۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا مۇنداق پىكىر – بايان قىلغان: ھۆكۈمىتىمىز ئەتراپىمىزدىكى پۈتۈن ياخشىلىق كەلمەيدىغان قوشنىلارغا قۇچاق ئېچىۋاتىدۇ، ئاتا يۇرتىمىز ئۈچۈنمۇ بىر ئىش قىلىشى كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈركىستان دىيارىنىڭ كۇردىستانچىلىك ئەھمىيىتى يوق.

گۆكخان يىلماز ئىسىملىك بىر تور زىيارەتچى مۇنداق يازغان: جانابى ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلسۇن، ئىنشاھئاللاھ بۇ زۇلۇم تىز ۋاقىت ئىچىدە خاتىمە بېرىلسۇن، ھۆكۈمەتمۇ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تۇتۇشى كېرەك،  ب د ت دا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەك.

مۇسا بايتاش

About admin

Leave a Reply