ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتتىكى كۈرىشى

ئۇيغۇرلار ياغلىق ئارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى چەكلەنگەن بولسىمۇ سۈكۈت ئىچىدە مىللىي كىملىكلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

تۈركىيە يېڭى شافاك گېزىتىنىڭ 16 – نويابېر شەنبە كۈنىدىكى سانىدا، «ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتتىكى كۈرىشى» ناملىق ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشتىمى ئاستىدا ئېزىلگەن ئەمما خەلقئارا جامائەتكە ئاۋازىنى ئاڭلىتالمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتىۋاتقان تىراگىدىيەلەر بىر فرانسىيەلىك فوتو مۇخبىرنىڭ سۈرەتكە ئېلىشى بىلەن دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىلدى.

ئۇيغۇرلار ياغلىق ئارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى چەكلەنگەن بولسىمۇ سۈكۈت ئىچىدە مىللىي كىملىكلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

 ماقالىدا فرانسىيىلىك فوتۇ مۇخبىرى ئېرىك لافورگۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ، ئىسلامىي كىيىم كەيگەن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ۋە ساقال – بۇرۇت قويغان ئەرلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ھەتتا ئۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ خىزمەت قىلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى چەكلەنگەن كۆرۈنۈشلەرنى تارتىپ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىگە تونۇشتۇرۇلدى. فرانسىيىلىك فوتۇ مۇخبىرى ئېرىك لاففورگۇ سۈرەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلىگەن.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركسىتاندىكى تۈركلەر ئەڭ چوڭ كۈرەش ساھەسى بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۆمۈر مۇشتۇمى ئاستىدا دىنى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى قوغداش بولۇپ، ئۆيلىرى يەر تەۋرەش بەلۋىغىغا جايلاشقان دېگەن باھانىلارنى ئۇيدۇرۇپ، ئۆيلىرى چېقىۋىتىلگەن ئۇيغۇر خەلقى خانە – ۋەيران قىلىۋەتكەن پەقەت ئۆيىمىز ئەمەس بەلكى روھىمىزنى ۋەيران قىلدى، دېگەنلىكى، ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى قورقۇتۇشقا ئورنىۋاتقان خىتاي دائىرلىرى ئىسلامىي كىيىملەر كېيىگەن ئىنسانلارنىڭ تاللا بازارلىرىغا، دوختۇرخانىلارغا كىرىشى، قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سەپەر قىلىشىنى چەكلەيدۇ.

يېڭى شافاك گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆگەن فرانسىيىلىك فوتوگرافچى ئېرىك لافورگۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ:، «ئاياللار بېنىزىن قاچىلاش ئورۇنلىرىغا كىرىش ئۈچۈن بېشىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىنىدۇ، دوختۇرخانىلار، ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورگانلىرىغا، بىنالارغا كىرىشى چەكلەنگەن. خىتايلار ياغلىق ئارتىشنى تېرورچىلىقنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بېشىغا ياغلىق ئارتىدۇ.

خىتايلار، دوپپىنى تېرورچىلارنىڭ سىمۇۋۇلى دەپ قارايدۇ

ماقالىدا يەنە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى بولغان دوپپىنى تېرورلۇقنىڭ شۇئارى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يېزىلغان: ئۇيغۇر ئاياللار، خىتاينىڭ ئاسىمىلاتىسىيە سىياسىتىگە قارشى مىللىي ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشماقتا. دۇنيانىڭ ئەڭ كىچىك دوپپىسى بولغان تەلپەك دوپپا ئۇيغۇرلاردىن توي قىلغان ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كېيىدىغان بىر كىيىمدۇر. ھەيران قالارلىقى خىتاي تېررورېزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرى بۇ خىل دوپپىلارنى جىنازا نامىزىدىن باشقا ۋاقىتتا كىيىشىنى چەكلىگەن، چۈنكى بۇ خىل دوپپىلارنى كېيىش خىتايغا قارشى بىر خىل جەڭ ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشىنىدىكەن.

بىز شەرقىي تۈركسىتاندا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئالدۇق، ئەركىن ئەكرەم بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ ئاساسىى سەۋەبى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل بېسىم ۋە زۇلۇملارنىڭ كۆپلەپ ئېشىشى ئۇيغۇرلارنى بىر نىيەت بىر مەقسەتكە كەلتۈرۈپ مىللىي ئىرادىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان شارائىت ھازىر بولىدىغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 مۇسا بايتاش

About admin

Leave a Reply