ئەھمەد كامالنىڭ سىرلىق كەچۈرمىشى ۋە ميۇنخېن جامەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئەھمەد كامالنىڭ سىرلىق كەچۈرمىشى ۋە ميۇنخېن جامەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (ف ب ئى) نىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ئارخىپلىرىنى ۋاراقلىغاندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سىرلىق شەخسنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. ناھايىتى ئاز كىشىلەر بىلىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەھمەد كامال بولۇپ، ئۇ 1930 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستان ئارقىلىق قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خوتەن بوستانلىقىغا سەپەر قىلغان.

ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بۇ ناتونۇش ئامېرىكىلىق ياشنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان 1930 – يىللاردا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ئاياق بېسىشى كىشىنى تولىمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەھمەد كامال زادى كىم، ئۇ نېمە مەقسەت بىلەن يىراق ئامېرىكىدىن ئوكيان ئاتلاپ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بارغان، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئەمەس، بەلكى ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان 36 – دىۋىزىيەسى كونترول قىلىپ تۇرغان خوتەن رايونىغا بارىدۇ؟…

بۇ سوئاللارنىڭ قىسمەن جاۋابىنى ئۇنىڭ 1940 – يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلغان «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدىن تېپىشقا بولىدۇ. 1935 – يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا خوتەندە بىرقانچە ئاي تۇرغان ئەھمەد كامال تۇڭگان دىۋىزىيەسىنىڭ گېنېرالى ما خۇسەن بىلەن نۇرغۇن قېتىم مەخپىي سۆھبەتلەردە بولىدۇ. ئاخىرىدا ما خۇسەن ئۇنى ئامېرىكىدىن ئايروپىلان، تانكا ۋە زەمبىرەك قاتارلىق زامانىۋىي ئۇرۇش قوراللىرى سېتىۋېلىش سودىسىغا ۋاستىچى بولۇپ بېرىش شەرتى بىلەن خوتەندىن كېتىشكە رۇخسەت بېرىدۇ. ئەھمەد كامال قايتىشىدا قاغىلىق ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىدۇ. شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى تور قۇرغان قەشقەردە ئۇنىڭ پائالىيىتى قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىنىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئەھمەد كامال قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىنىدۇ. ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەندە ئۇ سەپەرداشلىرى بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ 3 خاتىرە دەپتىرى، رەسىم ئاپپاراتى ۋە باشقا مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئاقسۇ تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچىگە مەخپىي ھالدا يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئۇنى سوۋېت مەخپىي خادىمى سېيىت ھاجى سوراق قىلىدۇ. قىيىن – قىستاق ۋە ئازابلىق تۈرمە ھاياتى ئايلارچە داۋاملىشىدۇ. ئەمما مەيلى موسكۋا بولسۇن، ياكى شېڭ شىسەي بولسۇن، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بۇ ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە پېتىنالمايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ سىرلىق ھالدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەر ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇ ئاپتوموبىل بىلەن قۇمۇلغا يېتىپ بارغاندا شېڭ شىسەينىڭ ئەھمەد كامالنى قايتا قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانى يولۋاس شېڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلماي ئۇنى مەخپىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىۋېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئەھمەد كامال شاڭخەي ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتىدۇ، لېكىن ئاقسۇدا مۇسادىرە قىلىنغان شەخسىي مال – مۈلكى، تارتقان رەسىملىرى ۋە خاتىرە دەپتەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قىلغان سىرلىق سەپىرى ھەققىدە «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ كىتابتا ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەد كامال ھەققىدە مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن، ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن كۆپ مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ.

سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئىلگىرى سىرلىق تۈس ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارا بولۇشقا باشلايدۇ. 2010 – يىلى ئىئان جونسون ئىسىملىك ئاپتورنىڭ قەلىمىدە «ميۇنخېندىكى جامە: ناتسىستلار، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە غەرب دۇنياسىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» ناملىق كىتاب بوستوندا نەشر قىلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ئەھمەد كامالغا دائىر مەخسۇس بابىدا ئۇنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ.

مەزكۇر كىتاب ئاپتورىنىڭ فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئارخىپىدىن ئىگىلىشىچە، ئەھمەد كامال 1914 – يىلى 2 – فېۋرالدا ئامېرىكىنىڭ كولورودا شىتاتىغا قاراشلىق ئارۋادا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى رەسمىي ئىسمى سىماررون ھاساۋەي بولۇپ، ئانىسى كارولىنا بىلەن ئۆگەي دادىسى ھاساۋەينىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ دادىسى ئۇيغۇر بولۇپ ئامېرىكىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئارخىپتىكى ئۇچۇرلار پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قارا يۈسۈپ ئىكەنلىكى، تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلۇقى، 64 ياش ۋاقتىدا ئامېرىكىلىق 16 ياشلىق قىز كارولىنا بىلەن توي قىلغانلىقى قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنگەن. قارا يۈسۈپ ئوغلى ئەھمەد كامال بالا ۋاقتىدىلا يۇرتىدىكى خوتۇن – بالىلىرىنى سېغىنىپ ئامېرىكىدىن كەتكەنلىكى مەلۇم.

سىماررون ھاساۋەي دېگەن ئىسىم – فامىلە بىلەن چوڭ بولغان ئەھمەد كامال كىچىكىدە ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇساجان ئىسىملىك تاتار ئۆلىمادىن بىلىم ئالىدۇ. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىرىنى ھەمدە ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەيدۇ. 1935 – يىلىغا بارغاندا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئەھمەد كامال سىرلىق ھالدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلىدۇ. كىتاب ئاپتورى ئىئان جونسون ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سىرلىق سەپىرىنى فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيدۇ.

1938 – يىلى ئەھمەد كامال رەسمىي ھالدا ئۆز ئىسمىنى سىماررون ھاساۋەيدىن ئەھمەد كامالغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. 1941 – يىلى ئۇ شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يوقاتقان خاتىرە دەپتەرلىرىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن تيەنجىنگە بارىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش مۇمكىن بولماي تيەنجىندە ئامىنە ئىسىملىك بىر تاتار قىز بىلەن توي قىلىدۇ. كېيىن ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ، تاكى 1945 – يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە تۈرمىدە ياتىدۇ.

ئۇرۇشتىن كېيىن ئەھمەت كامال كالىفورنىيەگە قايتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھىندونېزىيەگە بېرىپ «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن ئىسپانىگە بېرىپ بىرقانچە يىللار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.

1960 – يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، ميۇنخېن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بازىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەھمەد كامال ميۇنخېندا پەيدا بولۇپ، بۇ يەردىكى تۇنجى مۇسۇلمانلار جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جامەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان بىرقانچە مىليون دوللار ئىقتىسادنى ئەھمەد كامال ئامېرىكىغا تايىنىپ ھەل قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئارخىپلار ميۇنخېندا «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈركىي تىللىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىشنىڭ تەسىس قىلىنىشى قاتارلىق ئىشلاردا ئەھمەد كامالنىڭ سىرلىق سايىسىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەھمەد كامال 1989 – يىلى، يەنى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىرىلىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن كالىفورنىيەدىكى سانتا باربارا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ بىر ئۆمۈر كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى بولغان تۇركىستاننىڭ ئازادلىقىنى كۆرۈشنى ئىستەيدۇ، ئەمما ئۇنى كۆرۈش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمايدۇ. ئەھمەد كامالنىڭ ئوغلى تۆرە كامال كېيىن دۇنياغا مەشھۇر گىتار ماھىرلىرىدىن بولۇپ تونۇلىدۇ.

1941-يىلى ئەھمەد كامال ئۇيغۇر ئېلىغا قايتا بېرىش ئۈچۈن تيەنجىنگە يېتىپ بارغاندا ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنىپ 1500 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىللە شەندۇڭدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى لاگېرىغا قامىلىدۇ.

1945-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئۇ تۈرمىدىن بوشاپ ئامېرىكىغا قايتىدۇ. شۇ يىلى 11-نويابىردا ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئانىسى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى «لوس-ئانجېلېس ۋاقىت گېزىتى» گە بېسىلىدۇ.

1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەھمەد كامال ھىندونېزىيەدە پەيدا بولۇپ، ئۇ يەردە «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەشكىلات ئەسلىدە 1868-ۋە 1869-يىللىرى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چاررۇسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنغانىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن ئەھمەد كامال بۇ تەشكىلاتنى قايتا تىرىلدۈرۈپ سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلايدۇ.

ئەھمەد كامالنىڭ ھىندونېزىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بۇ دۆلەتنىڭ 1950-يىللاردا غەرب بىلەن كوممۇنىزم لاگېرى ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىشنىڭ يەنە بىر سەھنىسىگە ئايلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەھمەد كامال بىر مەزگىل باندوڭ شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. جاكارتادا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خەير-ئېھسان شۆبىسىنى قۇرىدۇ. 1955-يىلى باندوڭدا «ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى يىغىنى» ئېچىلماقچى بولغاندا، ئەھمەد كامال ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىگە تايىنىپ، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى توسماقچى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئۇرۇنۇش مەغلۇپ بولۇپ، ئەھمەد كامالنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئۇ ھىندونېزىيەدىن ئىسپانىيەگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۇيىقەستكە ئۇچرايدۇ، لېكىن ھايات قالىدۇ.

شۇ يىللىرى ئەھمەد كامال يېتەكلەۋاتقان «جامائەتى ئىسلام» تەشكىلاتى فوندىنىڭ ئالجىرىيە پارتىزانلىرىنىڭ فرانسىيەگە قارشى كۈرىشىگە شۇنداقلا پەلەستىن ۋە ئىئوردانىيە ياشلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەشلىرىگە يوشۇرۇنچە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم. كېيىنچە ئامېرىكا تەرەپ ئەھمەد كامالنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئۇنى بىر مەزگىل ئىشتىن توختىتىدۇ.

ھالبۇكى، ئەھمەد كامالنىڭ 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1960-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ميۇنخېندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىرلىق ھەرىكەتلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غەربىي گېرمانىيە بىلەن بىرلىشىپ ميۇنخېندا سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى تەشۋىقات مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلايدۇ. بۇ پىلان بويىچە ئىلگىرى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىشقا سېلىنغان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كۈچىدىن قايتا پايدىلىنىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (س ئى ئا) بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نامزات ئىزدەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ نەزىرى ناتسىستلار دەۋرىدە تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى تەشكىللەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان گېنېرال فون مېندېگە مەركەزلىشىدۇ. فون مېندې ئۇرۇشتىن قەپ قالغان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇپ كوممۇنىزمغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە، ميۇنخېندا ئامېرىكا تەرەپ مەبلەغ سالغان «ئەركىنلىك رادىئوسى» قۇرۇلىدۇ. بۇ رادىئو ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، تاجىك تىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاڭلىتىشنى باشلايدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشمۇ قوشۇلىدۇ. ۋەلى قېييۇمخان باشلىق كۆپلىگەن تۈركىستانلىق كىشىلەر بۇ ئىشقا جەلپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ميۇنخېندا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر توپى پەيدا بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلارنى بۇ سەپكە جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى كوممۇنىزمغا قارشى سوغۇق ئۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ياردەمچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى يېڭىچە يول ئىزدەيدۇ. بۇ يىللاردا مۇسۇلمان ئەللىرىدىن تۈركۈملەپ غەربىي گېرمانىيەگە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر دولقۇنى ئۇلارنىڭ بۇ پىلانلىرىغا يول ئاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى مەشھۇر «ميۇنخېن جامەسى» پىلانى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ پىلاننىڭ مۇھىم رولىنى يەنىلا سىرلىق شەخس ئەھمەد كامال ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەھمەد كامال ميۇنخېندا قۇرۇلغۇسى مەزكۇر جامەگە كېتىدىغان بىرقانچە مىليون دوللار مەبلەغنى ئامېرىكا تەرەپتىن ھەل قىلىدۇ.

بۇ جامە ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئۈچ مەشھۇر جامەدىن كېيىن ياۋروپادا سېلىنغان ئەڭ مەشھۇر مەسچىت شۇنداقلا دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ جامە دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. ميۇنخېن جامەسى پۈتكەندىن كېيىن گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ تائەت-ئىبادەت ئورنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىق كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

1962-يىلىدىن كېيىن ئەھمەد كامال كالىفورنىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردە مەخپىي خىزمەتلەردە بولغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بارغانسېرى ئازىيىپ بارىدۇ.

ئۇنىڭ 1940-يىلى نەشر قىلغان «تەبەسسۇم يىتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدىن باشقا يەنە «تۆمۈرلەڭگە يەتتە سوئال»، «مۇقەددەس سەپەر: ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن مەككىگە بېرىش» قاتارلىق 7 پارچە كىتاب يازغانلىقى مەلۇم.

ئەھمەد كامال 1989-يىلى 13-ئۆكتەبىردە كالىفورنىيەدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – قۇتلان

 

About admin

Leave a Reply