مۇڭغۇللار لېنىننىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋەتتى

 قانخور كوممۇنىست جاللاتلارنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان لېنىن ھەيكىلىنى چېقىۋەتكەن.

 

ئەنگلىيە BBC تورى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتور شەھىرى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى شەھەردىكى ئەڭ ئاخىرقى قانخور كوممۇنىست جاللاتلارنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان لېنىن ھەيكىلىنى چېقىۋەتتى. بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 4~5 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلانباتور شەھىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىلى 58 يىل بولغان. ئۇلانباتور شەھىرىنىڭ باشلىقى دېيىشىچە، بۇ ھەيكەل كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بولۇپ، 400 مىڭ تۈگرىك (287 ئامېرىكا دوللىرى) باھادىن باشلاپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىكەن. 


ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان كوممۇنىست لېنىننىڭ ھەيكىلى تراكتورغا سېلىنىپ سۆرەپ مېڭىلغاندا، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان 300 دەك كىشى ھەيكەلنى تىپىپ ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىستلارغا بولغان غەزەپ نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىگەن. بەزىلەر ھەيكەلگە ئاياغ ئاتقان. نەق مەيداندىكى ئۇلانباتور شەھىرىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىپادىلىشىچە،، موڭغۇلىيە ئۆتمۈشتىكى لېنىن ئىشغالىيىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ھەمدە لېنىننى جاللات دەپ ئەيىبلەيدىكەن. 

دۇنيادا كوممۇنىزىمنىڭ يالغان ۋە ئاساسىي يوق بىر ئىدىئولوگىيە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئەپيون ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىنسانلار بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىستلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ۋە مەركەزلىرىنى چېقىپ تاشلىماقتا. قەشقەردىكى ماۋ ھەيكىلىمۇ بىر كۈنى چوقۇم چېقىلىدۇ ۋە ئورنىغا ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھەيكىلى تىكلىنىدۇ. 

 

About admin