جەمئىيىتىمىزدە 12 – ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئاينىڭ بىرىجى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئايلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 12- ئاينىڭ 06- كۈنى جۈمە كەچ سائەت 19:00 دا جەمئىيەتنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا جەمئىيەت باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن ئىسمائىل قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى قىلىشى بىلەن باشلاندى.

كېيىن ئېچىلىش سۆزى قىلغان جەمئىيەت باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان ئەپەندى ئايلىق سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش، دىدارلىشىش، پىكىر – ئالماشتۇرۇش شۇنداقلا دىنى ۋە مىللىي قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچلەندۈرۈش مەقسەتتە بۇ خىل يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا كانادادىن كەلگەن دىنى ئالىم ئىبراھىم قارىم داموللام سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئىبراھىم قارىم دامۇللام، مۇئمىننىڭ غەپلەتتە قالماسلىق قەلبى ئويغاق بولۇش دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ناھايىتى تەپسىلى ۋە ئەتراپلىق ھالدا توختالدى.

كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلدى. ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكا سۆزىدە  ئىسلامدىكى ئىبادەت قىلىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن كەچلىك تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

About admin

Leave a Reply