شەرقى تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە ساداقەت ئاستىدا ئۇيۇشىشى لازىم

شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقى ئەركىنلىكى ئۈچۈن، پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشى ۋە شەخسىيەتچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە مەنمەنچىلىكتىن خالى ھالدا، ساختا ئارىلاشمىغان ھەقىقى سەمىمىيەت ۋە ساداقەت ئاستىدا زىچ ئۇيۇشىشى لازىم.

 ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلار، تاجاۋۇزچى خىتاي ئىشغالىغا قارشى روھى ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئەستايىدىل ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى، ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە  ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە شەرت – شارائىتقا ئۇيغۇن ھالدا ئەمىلى خىزمەتكە ئۆتۈپ، كەلگۈسى خىزمەت نىشانىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك.

 تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان سىياسىتىدىكى نىشانىنىڭ، ھەر خىل بېسىم، ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش، ھېچبولمىغاندا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق روھىنى خىيال قىلمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە كۈچەۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

تاجاۋۇزچى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رەزىل مەقسىتىنى بىتچىت قىلىش ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستان خەلقى ”مۇستەقىللىق“ نىشانىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشغالغا قارشى زىچ ئۇيۇشقان پولات قالقان بولۇشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەر خىل ھىلە- نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىقى، ئۆز – ئارا دۈشمەنلەشمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئېڭىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۈر.

بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار خىتاي ئىشغالىغا دۇچار بولغاندىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى نۇرغۇن ھىلە-مىكىر ۋە ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئىشغالغا قارشى ھەر خىل ھەرىكەتلەردە بولۇپ، بەزىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئىرىشكەندەك قىلساقمۇ، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلمىدى.

ئىسلام تارىخىدا ئىسلام دىنىنى تۇنجى قېتىم دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن سۇتۇق بۇغراخان بىزدىن چىققان. بىز شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئەللەرگە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئادالېتىنى شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئالى جاناپ ئەخلاقى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن بىر مىللەت. شەرقى تۈركىستان خەلقى ھېچ قاچان بىراۋغا زۇلۇم قىلمىدى، زۇلۇمغا ھەم  رازى بولمىدى.

 بىز ئىناق- ئىتتىپاق ۋە بىرلىك- باراۋەرلىك ئىچىدە ھەقىقى سەمىمىيەت ۋە ساداقەت بىلەن ياشىغان ۋاقتىمىزدا دۈشمەنلەر بىزنى يېڭەلمىدى. قاچانىكى ئىناقلىقىمىز بوزۇلۇپ ، شەخسى مەنپەئەت بېسىپ چۈشۈشكە باشلىغان، سەمىمىيەت ۋە ساداقەتنى داۋا قىلىپ تۇرۇپ، ئەمىلىيىتىمىزدە ئىسپاتلىمىغان، مەنمەنلىك، رىياكارلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە شۆھرەتپەرەسلىك پاتقىغا پاتقان ھامان دۈشمەنلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھىيلە- نەيرەڭ ئارقىلىق بىزلەرنى مەھكۇم قىلدى، دۇنيادا مىسلى يوق بۇ مەھكۇمىيەتلىك ئەڭ قەبىھ شەكىلدە كۈچلىنىپ ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

 ئەرەپ تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن تارىخنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق ئېيتىدۇ. “ تارىخ دېگەن كۆپچىلىك كىشىلەرنى ئۆتكەن ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ. ئايرىم مەخسۇس كىشىلەرگە يوشۇرۇن بولغان مۇرەككەپ سىرلارنى پاش قىلىپ بىرىدۇ. تارىخ مەسىلىسىدە ئالدىنىپ قېلىشنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىش كېرەك“.

 تارىخىنى بىلمىگەن ۋە ئۆتكەن ۋەقەلەردىن ئىبرەت ۋە ئاچچىق- ساۋاق ئالمىغان مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي ئىشغالى ئاستىدا ئىچىنىشلىق ئىڭراۋاتقان شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىللىقىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، ئەملىيەتچان بولۇشى، بارلىق شەخشى غەرەزلىرىدىن ۋاز كىچىپ، ھەقىقى سەمىمىيەت ۋە ساداقەت ئاستىدا  زىچ ئۇيۇشىشى كېرەك.

ئاپتۇرى: مۇسلىم

About admin

Leave a Reply