قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

 
 
 
 
قۇربانلىق قىلىش كەمبەغەل بولسىمۇ ئىقتىسادىي ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا ۋاجىپ ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەرزدار كىشىلەر قۇربانلىق قىلمىسىمۇ بولغانغا ئوخشاش پولى بار بايلار بىرنىلا ئەمەس، ھەتتا نەچچە مىڭ تۇياقنى قۇربان قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. قىلىنغان قۇربانلىقلار ئۈچكە بۆلىنىپ، بىر قىسمىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئىشلىتىدۇ، يەنە بىرقىسى ئۇرۇق ـ توغقان، خولۇم ـ خوشنىلارغا، ئۈچىنچى قىسمى بولسا، غېرىپ ـ غۇرۋالارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.  
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛ 
قۇربانلىق قىلىدىغان پادا مېيىپ، توكۈر، قارىغۇ ـ جىتتاق ياكى يارىدار، ئەيىپناق بولماسلىقى،  جۈملىدىن ئاللاھنىڭ شان ـ شەرىپىگە لايىق ئەڭ ساغلام، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ سۈپەتلىك بولۇشى لازىم.  يەنە بىر مۇھىم ئىش، قۇربانلىق قىلىنغان پادىنىڭ تىرە ياكى كاللا ـ پاچاقلىرىنى بوغۇزلاپ بېرىدىغان كىشىگە، يەنى قاسساپقا بوغۇزلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھەق ئورنىدا بېرىشكە، ۋەياكى باشقا كرىم بولسۇن دەپ، سېتىپ پولىنى ينغا سېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىنغان بولسا، پۇلىنى ھېساپلاپ سەدىقە قىلىۋېتىش لازىم. چۈنكى قۇربانلىققا ئاتالغان مالنىڭ ھەممە يېرى ئاللاھقا ئاتالغان بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى ياكى بىرەر قىسمىنى سودىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش خاتا ھېسابلىنىدۇ1ۋە قۇربانلىق تولۇق ئەمەس، بەلكى چالا بولۇپ قالغان بولىدۇ. 
مانا بۇلار بۇ قۇربانلىق قىلىشنىڭ تاشقى شەكلى. 
بىز ئۇيغۇرلاردا ئىبادەت مەسلىسىگە كەلگەندە تاشقى شەكلىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ماھىيىتىگە سەل قارايدىغان بىر يامان ئادەت بار. ئەسلىدە تاشقى شەكلى دېگەن، ئىبادەتنى ئورۇنداشنىڭ ئۇسۇلى ۋە شەرتلىرىدىن تەشكىل تاپسا ، ئىچكى ماھىيىتى دېگەن، شۇ ئىبادەتنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى يەنى، ئىنساننىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا ئەشۇ ئىبادەت پەيدا قىلماقچى بولغان ئۆزگىرىشلەرنى، بەرپا قىلماقچى بولغان ئالىي رۇھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇڭا ئىچكى ماھىيىتىنى بىلمەي ئورۇندالغان ئىبادەتلەر گەرچە ئادا قىلىنغان ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا كۆزلىگەن ئۆزگىرىشنى بەرپا قىلالمايدۇ. يەنى، ئىچكى دۇنياسىنى ئويغۇتالمايدۇ.
شۇڭلاشقا مەن  بۇ يەردە قۇربانلىق قىلىشنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى،  ماھىيىتى ۋە قۇربان قىلىدىغان چاغدا قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ زادى قانداق تۇنۇشتا ۋە قانداق ھېسسىياتتا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي دېدىم. 
ئەينى چاغدا ساھابىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «بۇ قۇربانلىق  دېگەن زادى قانداق ئىش؟» دەپ سورىغاندا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننىتى» دەپ جاۋاپ بەرگەن.  
دېمەك، قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان سۈننەت ئىكەنلىكىنى يەنى، چارەك كەم 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەپ زېمىنىدا كۆرسەتكەن  مىسلىسىز جان پىدالىق ۋەقەسەنى ئەسلەپ ئۆتىشى لازىم. چۈنكى بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ئاڭ ۋە روھىي كەيپىيات بىلەن قۇربانلىق قىلغىلى قەتئىي بولمايدۇ. 
ئەمدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، بۇ ئىش ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشىنىپ قالغان چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى چۈشىدە ئارزۇلۇق ئوغلۇ ۋە ياشىنىپ قالغان چېغىدىكى تايانچى  ھېساپلىنىدىغان ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى راس بولىدىغان ۋە بەزى ھۆكۈملەر چۈش ئارقىلىقمۇ بىلدۈرىلىدىغان بولغاچقا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ چۇشىنى ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسالامغا سۆزلەپ بېرىپ «سەن قانداق قارايسەن؟» دەپ سورايدۇ. 
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ھېچ ئىككىلىنىپ قالماستىن:«ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن» دەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. 
ئاندىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى دەپلا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يەرگە ياتقۇزۇپ كۆكرىكىگە تېزىنى قويغانچە بوينغا پىچاقنى سۈرەي دەپ تۇرغاندا، ئاللاھ تائالا: «ئى ئىبراھىم! سەن ئۆز چۈشىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ) بىز راستىنلا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوچۇق بىر سىناق ئىدى» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئاندىن بىر پەرىشتە قۇربانلىق ئۈچۈن قوي ئېلىپ چۈشۈش ئارقىلىق ھەم ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ھەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جان پىدالىق ئىشتىياقىنى تەسكىن تاپقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ  تا قىيامەتكىچە ئەشۇ سۈننەتنى داۋاملاشتۇرىشى شۇنداقلا مال ــ ۋارانلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئەشۇ مىسلىسىز پىداكارلىق ۋەقەسىنى خاتىرىلىشى  رەسمىي ئىبادەت بولۇپ بەلگىلىنىدۇ.
بۇ ۋەقە ھەققىدە سۈرە ساففاتنىڭ 102 ـ ئايتىدىن  107 ـ ئايەتلىرىگە  قاراپ چىقساق بولىدۇ. 
ئەمدى بۇ قۇربانلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە كەلسەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تۇيۇخسىزلا ئۇنداق تەلەپكە دۈچ كىلىپ قالغان ياكى تۈنجى قىتىم ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار پىداكىرانە ئىرادىگە كېلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى، ئاللاھغا بولغان پىداكارلىقنىڭ ئۆلمەس نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى، قۇربان بېرىشنىڭ بىر پۈتۈن تەپسىرى دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا بىز ئاللاھ يولىدا قۇربان بېرىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولساق، چوقۇم ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئەليھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ چىقىشىمىز لازىم. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى دەپلا ئاتا ــ ئانىسىنىڭ شەپقىتىدىن ۋە بايلىق ئاسايىشلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئۇرۇق ــ جەمەتلىرىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ھەتتا ھەقنى دەپلا نەمرۇدنىڭ ئوتقا تاشلىشىغىمۇ پىسەنت قىلماي، ناھەققە قارشى مۇجادىلىسىنى يالغۇز جېنىغا داۋاملاشتۇرىدۇ. كېيىن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتقۇزۇپ قالغاندىن كېيىنچۇ؟  ئاللاھنىڭ رىزالىقى ۋە ھۆكمىگە بولغان ئىتائەت يۈزسىدىنلا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۇك ئايالى بىلەن ئارزۇلۇق يىگانە ئوغلىنى سۇسىز، گىياھسىز بىر چۆللۈككە  تاشلاپ كېتىدۇ. ئاندىن ئەشۇ ئەتىۋارلىق ئوغۇل ئەمدى تېخى يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا «ئوغلۇڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بوغۇزلاپ، دۇنيادىكى بارلىق رىشتىلەردىن ئۇزۇلگەن ۋە بارلىق تايانچىڭدىن ئايرىلغان ھالدا، ئىخلاسمەن مۇسۇلمان (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە چىن ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلغۇچى) بولۇپ ئىسلامغا مۇكەممەل كېرىشنىڭ ئوبرازىنى ياراتقىن» دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريانلارنى يۇقىرىدا بىز سۆزلەپ ئوتتۇق. ئىبراھىم ئەلەيھىسسام ئۇنى ئورۇنداشتىنمۇ قىلچە ئىككىلىنىپ قالمايدۇ.
يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ناۋادا بىزنىڭ ئەمەلىي ھاياتىمىزمۇ ھەق يولىدا ئەنە شۇنداق پىداكارلىق روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى، ئەشۇنداق جان پىدالىققا تەييار تۇرالايدىغانلىقىمىزنى  ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئۇنداقتا بىر قانچە پادىنىڭ قىنىنى ئېقىتىش بىلەنلا بىز ھەرگىزمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى خاتىرلىيەلىگەن شۇنداقلا قۇربانلىق قىلىش ئالدىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ بەرگەن ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولالمايمىز. چۈنكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىز ئوقۇيدىغان دۇئا دەل ئەشۇ جانپىدالىق ۋە ساداقەتمەنلىك ھىسسىياتىنىڭ ئېلانى ۋە ۋەدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ دۇئانى ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم.   
مەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىلا ئوقۇپ ئۆتەي، 
قۇربانلىققا پىچاق سۈرۈشتىن ئىلگىرى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان: «مەن پۈتۈن ئىخلاس بىلەن ھەممە تەرەپتىن بۇرۇلۇپ، زېمىن ئاسمانلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم. مەن ھەرگىزمۇ شىرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. شەكسىزكى، مىنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ھەممىسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۈر. ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، مەن ئىتائەتمەن مۇسۇلمان (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تۇلۇق بويسۇنغۇچى) بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئى ئاللاھ! مانا بۇ قۇربانلىق سەن ئۈچۈن ھازىردۇر ۋە سىنىڭ ئاتا قىلغىنىڭدۇر» دېگەن دۇئانى ئوقۇشى لازىم.  ئاندىن پىچاقنى شۈرۈش ئالدىدا تەكبىر ئېيتىپ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا، ئىي ئاللاھ! بۇ قۇربانلىقىمنى خۇددى دوستۇڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەبىبىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىشى لازىم. 
دېمەككى قۇربان ھېيىت كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۆز پادىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئالدىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ:ـ  
«ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! مانا بىز سېنىڭ مۇسۇلمانلىرىڭ (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچىلىرىڭ)، ساڭا بارلىقىمىز بىلەن بوي سۇنۇش بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز، بىز ساڭا ساداقەتمەنلىكىمىزنى جاكارلىماقتىمىز، سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ پىشىۋايىمىز ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بوينىمىزنى تىغقا تۇتۇپ بىرەلەيمىز. 
ئى مىھرىبان پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۈزەڭ پادىنى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سۈننەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىقتىن ساقلىدىڭ، شۇڭا بىزمۇ پادىلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئېقىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالماقتىمىز. ھالبۇكى، بىزنىڭ بارلىقىمىز ساڭىلا مەنسۇپ، ئەگەر بىرلا ئىما قىلىدىغان بولساڭ، ھەققانىيەت يولىدا ھەر زامان بوينىمىزنى كەستۈرۈشكە تەييارمىز، مانا بىزمۇ ۋە بارلىقىمىزمۇ ساڭا تەئەللۇق. بىز ھەقىقەتەنمۇ ۋاپادار، جان پىدا بەندىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمىز، پۈتۈن ۋجۇدىمىز بىلەن ئۇلارغا چىن ئەقىدە قىلىمىز» دەپ ئەھدە قىلىدۇ. 
قىسقارتىپ ئېيتقاندا، مانا بۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، قەلب، ئىددىيەيىمىزنى ئەشۇنداق پىداكارلىق تۈيغۇسىغا چۆمدۈرۈش قۇربانلىق قىلىشنىڭ روھى ھەم بىردىن ـ بىر مەقسىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ناۋادا بۇنداق ھىس، بۇنداق غايىمىز،  شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قۇربان بولۇش ئىستىكىمىز ۋە بارلىقىڭىزنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە تاپشۇرىۋېتىش ئىرادىمىز بولمىسا، پەقەتلا پادىلارنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ قويۇش ياكى گۆش يېيىش ۋە تەقسىملەش بىلەن ھەرگىزمۇ ھەقىقىي قۇربانلىق قىلغان ھېساپلانمايسىز. بەلكى ئەكسىچە ھەر يىلى بىر قىتىم گۆش بايرىمى ئۆتكۈزۇپ، «مانا بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلار» دېگەن داۋايىمىز بىلەن كۆڭلىمىزنى خوش قىلىپ يۈرگەن بولىمىز. چۈنكى ئاللاھغا نە پادىلارنىڭ گۆشى، نە پادىلارنىڭ قېنى لازىم ئەمەس، ئاللاھنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى پەقەت قەلبىمىزدە ئورۇن ئېلىشى موھىم بولغان تەقۋالىق، ۋاپادارلىق، چىن ئىخلاس ۋە پىداكارلىق روھىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا سۈرە ھەجنىڭ 37 ــ ئايتىدە «لَن يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِن يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنكُمْ»  «ئاللاھغا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھغا يېتىدىغىنى پەقەتلا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر.» دەيدۇ. 
   مانا بۇ تەقۋالىق، ئىتائەت ھەم ئىخلاسمەنلىكنىڭ جەۋھىرى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي روھى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى بىزدىن بارلىقىمىزنى ۋە پۈتۈن ھاياتىمىزنى ھەقكە ئاتاشنى شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان ئىتائەتكە باشقا ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئىتائىتىنى قوشىۋالماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىلا بولىدىكەن ئۇنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەر قانداق پىداكارلىقتىن يانمايدىغان روھنى پەيدا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. 
مانا ھازىر بىز شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن مۇشۇ قۇربانلىققا ئوخشاشلا ۋاجىپ، ھەتتا پەرز ئەين بولۇپ قالغان يەنە بىر مۇھىم ئىبادەت بار. ئۇ بولسىمۇ خىتايلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە بۇ تاغۇت ھۆكۈمەتكە ئىتائەت قىلىشنى ئىبلىس شەيتانغا باش ئەكگەنلىك قاتارىدا ئۆزىگە نىسبەتەن ھارام ھېسابلايدىغان بولۇش، خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش نەمرۇتنىڭ ناھەقچىلىكىگە قارشى يالغۇز مەيدانغا چېقىپ، ئوتقا تاشلىشىغىمۇ پىسەنت قىلمايدىغان مەردانە رۇھنى پەيدا قىلىشتىن ئىباەتتۇر. چۈنكى شەرقىي تۇركىستان خىتاينىڭ ئەمەس، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. ئۇ يەردىن تاجاۋۇزچى خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش بولسا، شەرقىي تۇركىستاندا ياشايدىغان ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بوينىدىكى پەرز، بۇنى ئورۇندىماي ياكى چوقۇم بىر كۈنى ئورۇنداشنى قەلبىگە پۈكمەي ئولۇپ كەتكەن مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇناپىق ئۆلگەن ھېسابلىنىدۇ.  شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ھەق يولىدا پىداكارلىق روھىمىزنى توۋلاش ئۈچۈن  ئەشۇ ئۇلۇغ ئۈلگىلەرنىڭ ھاياتىنى قايتا ــ قايتا ئوقۇشىمىز لازىم، بولۇپمۇ مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە تېخىمۇ قىتىرقىنىپ ئوقۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم، ئەشۇ پاك زاتلارنىڭ ھاياتلىق لەۋھىلىرىگە ئويۈلغان پىداكارەنە ھىس ۋە جان پىدالىق روھىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىددىيە، تەپەككۈرىمىزدا، مەھەللە، جەمىيەت، ئورگانلىرىمىزدا پەيدا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان قۇربانلىقىمىزنىڭ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك گۆش يېۋالغان ياكى گۆش بېرىۋالغاندىن باشقا نەتىجىسى بولمايدۇ.  بۇ بىزگە نىسبەتەن قۇربان ھېيت‘ يەنى پىدارلىق روھىغا چۆمۈلىدىغان ھېيت ئەمەس، بەلكى گۆش بايرىمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. خالاس، 
مەن ئاخىرىدا پۈتۈن شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى چىن يۈرەكتىن تەبىركلەيمەن، 
بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويايكى، ئاڭلىساق ۋەتەندە «ھۆكۈمرانغا بويسۇنۇس ۋاجىپ» دەپ بىلجىرلاپ يۈرىيدىغان شاپتۇل داموللىلار كۆپىيىپ قاپتۇ. بۇنداق دېيىش ئەسلىدە قۇرئاننى بۇرمىلىغانلىق، ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش،  ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شەيتانغا، تاغۇتقا ۋە ئەشۇ مۇئاش بېرىۋاتقان خىتايلارغا ئىبادەت قىلغانلىق  ھەم چوقۇنغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا ھەرگىزمۇ «ھۆكۈمرانغا بويسۇنۇش ۋاجىپ» دەيدىغان گەپ يوق، بەلكى دەل ئەكسىچە، ئۆز ئېچىڭلاردىن چىققان تەقۋادار باشقۇرغۇچىلارغا بويسۇنۇڭلار» دەيدىغان ھۆكۈم بار. دېمەك، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا بۇيسىنىشىمىز بۇيرۇلغان، ئەمما تاجاۋۇزچى خىتايلار بىلەن  بولسا، تا قىيامەتكىچە توختىماي مۇجادىلە قىلىشىز پەرز قىلىنغان. شۇڭا ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنداق شاپتۇل دامولىلارنىڭ گىپىگە قەتئىي ئېتىبار بەرمەسلىكىنى ۋە لەنەت ئوقۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. چۈنكى بۈگۈن ناھەقكە قارشى جانپىدالىق رۇھىغا يەنى قۇربان بېرىش روھىغا چۆمىلىدىغان ۋە شۇنداق ئىرادىمىزنىڭ بارلىقىنى قەلبىمىزدە ھېس قىلالىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا ھېسابسىز ھەمدۇ ـ سانا ئوقۇپ، ئىبلىس، شەيتانلارغا ۋە يالاقچى ـ قويرۇقچىلىرىغا لەنەت ئوقۇيدىغان بىر كۈن. 
ئاللاھ زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەك قىلسۇن، قىلغان قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداقلا بارلىق ساھابىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ھەقنى ھىمايە قىلىش ۋە ناھەقكە قەتئىي قارشى تۇرۇش رۇھىنى، جۈملىدىن جان پىدالىق روھىنى ئاتا قىلىپ ۋەتىنىمىزنى تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ پەسكەش چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت دىنىي ۋە مىللىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلغاي ! ئامىن.
 

About admin