”ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى“ ھەققىدە لىكسىيە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي زۇمىگەرلىك قىلىپ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىپ قالسا، ئامېرىكا ياپونىيىگە ھەربىي ۋە ئەسكىرى ياردەم قىلىدىكەن. 

ئىستانبۇلدا، «ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

 شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئىستىراتېگىيە يىغىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئايلىق ئىستىراتېگىيە يېغىنى 28- دېكابىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ دېڭىز پەنەرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىن كەچ سائەت 19:15 دە باشلاندى.

بۇ قېتىمقى ئىستىراتېگىيە يىغىنى، «ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا، ئەنقەرەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم «ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا لېكىسىيە بەردى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ  ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان تېلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، قۇرئان تىلاۋىتىنى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سافاكۆي شۆبە مەسئۇلى ئەنۋەر قارىم قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان مۇساجان ئەر، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى جىددىي ۋەزىيەتلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: خىتاي يېقىندا سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىنى ئۆزىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى ئېلان قىلغان. بىراق، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككى ب-52 تىپلىق ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى بۇ رايوندا ئۇچۇرغان. ئارقىدىنلا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەمۇ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى ئۇچۇرۇپ خىتاي ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە چىگىرا سىزىقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن.

ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي قاتارلىق ئەللەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. يېقىندا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ھەربىي خام چوتنى 8.0 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، 51 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقى، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 8.0 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە رايوندا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەن.  خىتاينى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەنقىد قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى كەتېرن ئەشتون، خىتاينىڭ ھەرىكىتى «رايوندا جىددىيلىكنى كۈچەيتىشكە سەۋەب بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسى بىلەن ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر جىننەھكە يېقىن دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

ب ب س نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدە «ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تۇيۇقسىزلا ياسۇكۇنى مازارلىقنى زىيارەت قىلىشى، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى چەكتى. ئابې «ئا» دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن 14 نەپىرى دەپن قىلىنغان مازارلىقىنى زىيارەت قىلدى. باش ۋەزىر شىنزو ئابې ياپونىيەنىڭ خىتاي ۋە كورېيە بىلەن تۈزگەن، «ياپونىيە رەھبەرلىرى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقنى زىيارەت قىلمايدۇ» دېگەن كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلدى. ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە كورېيەلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يەنە قايتىدىن مۇزلىدى» دېيىلگەن. خىتاي ياپونيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابىنىڭ ياسۇكۇنى مازارلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازى بولدى، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت جەھەتتە ئابى بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇساجان ئەر سۆزىدە، ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئىجابىي ياكى سەلىبىي جەھەتتىن قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا «ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە يىغىن ئىشىتىراكچىلىرىغا تەشەككۈر ئېيىتتى.

يىغىندا دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، يېقىندىن بۇيان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشلەر ۋە يىرىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، 23 – نويابېر خىتاي  شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە خەرىتىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاسىيا تىنچ ئوكياننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ئېلان قىلغان ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە خەرىتىسى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىزغان ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە سىزىقلىرى بىلەن كىرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچىرىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە خەرىتىسىگە ئامېرىكىنىڭ قارشى چىققانلىقىنى ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئورتاقلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى جھون كېرىي، خىتاينى بۇ قارارنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېلمۇ سەنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ياپونىيە باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە بىرەر ھۇجۇمغا ئۇچىرىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا – ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك شەرتنامىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى يەنى ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچىرىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە خىتاينىڭ يېڭى ھاۋا مۇداپىئە چىگىرا سىزىقىنى ئېلان قىلىشى ياپونىيە بىلەن خىتاي سۈركۈلۈشىنىڭ كۈچەيتكەنلىكىنى، رايوندا ئايرۇپىلان ئۇچۇش بىخەتەرلىكىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى سىنكاكۇ ئاراللىرىنى تالىشىش مەسلىسى ئىكەنلىكىنى، سىنكاكۇ ئارىلى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ ئارال، خىتاي دۈچ كەلگەن زەنجىرسىمان ئاراللارنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈش ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا كىرىش ۋە دېڭىز يوللىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە چىگىرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيە ئوتتۇرسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالغان ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى سۈركۈلۈشلەرنىڭ ئىجابىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى  زىددىيەتلەر تېخىمۇ ئۇلغۇيۇپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدىكى يۇرتلاردا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بىرىش ئىھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن تەرەپتە ۋەزىيەت كەسكىنلەشسە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە نىسبەتەن كەڭچىلىك بولىدىكەن، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيتى كەسكىنلەشسە تەيۋەن تەرەپتە كەڭچىلىك بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي بىر تەرەپتە ۋەقە چىققاندا يەنە بىر تەرەپتىكى بىسىمى سىياسىتى سەۋەپلىك ئۇ تەرەپنىڭ قوزغىلىپ چىقىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تونۇلۇشى ۋە تەشكىللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، «مىللەت مىللىي كىملىكى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ، مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ مىللەت قاتارىدا تونۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس»، دېدى.

يىغىندا دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم يىغىن ئەھلىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سورىغان سوئاللارغا تەپسىلى جاۋاپ بەردى. 2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى

About admin

Leave a Reply