مۇستافا دەستىجى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي قەتلىئامىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى مۇستافا دەستىچى: “ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملارغا قارىتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن خىتايغا دەرھال رەددىيە بېرىشى، قەتلىئاملارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز، “ دېدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەسمى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دەستىچى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكلەرگە پەرۋاسىز قالماسلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنڭ ۋە مىللەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە خىتاي دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ بويرۇقلىرى بىلەن ئوققا تۇتۇپ شېھىت قىلىنغانلىقىدا چىڭ تۇرغان دەستىجى، بۇنداق ئەھۋالدىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۇ قەتلىئاملارغا رازىلىق بەرگەنلىك مەناسىغا كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىغا يېقىنقى كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەتلىئاملار ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىز دەرھال رەددىيە بېرىشى، قەتلىئاملارنىڭ توختىتىش ئۈچۈن تەلەپتە بولۇشى لازىمدۇر. بۇ قەتلىئام توختىمىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان  ئاسىمىلاتسىيە ۋە قىرغىنچىلىقنى توختاتمىغان تەقدىردە خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەر توختىتىلىشى كېرەك. بۇ داۋا تۈركىيە ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتكە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈلىشى لازىم. بۇ خىل ۋەقەلىكلەرنىڭ ئۈستى يېپىلىپ ، ياكى كۆرمەسكە سېلىش ئارقىلىق خەلقنى ئالدىماسلىق، ئۇلاردىن يوشۇرماسلىق لازىم. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەم ئىقتىسادى ھەم سىياسى ، ھەم مەدىنىيەت جەھەتلەردىندۇر. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ  ھەممىسى ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ زىيىنىغا بولىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان تاشقى ئىشلار تىجارىتى بولسا تۈركىيىنىڭ زىيىنىغا بولىۋاتىدۇ. تاشقى ئىشلار تىجارىتىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىمىزدىن كېلىپ چىقماقتا. تۈركىيە يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇش، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى نامايەندە قىلىش، دۇنيادا كۈچلۈك بىر ئوبرازىنى  تىكلىشى ئۈچۈن بىزنىڭ خىتايغا ئىھتىياجلىق بولغىنىمىزدىنمۇ بەكرەك خىتاينىڭ بىزگە ئىھتىياجى باردۇر، دېدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

About admin

Leave a Reply