ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شۇ ۋەتەن خەلقىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك مەسئۇلىيىتىدۇر

005

ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شۇ ۋەتەن خەلقىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ئاساسى مەسئۇلىيىتىدۇر

ھەر قانداق بىر ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، شۇ ۋەتەن ئىگىلىرى بولغان خەلق ئاممىسىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ئاساسى مەسئۇلىيىتىدۇر.

بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا شۇ ۋەتەننىڭ خەلقى، چوڭ – كىچىك ھەممىسى بىردەك كۈچ چىقىرىشى لازىم. ۋەتەننىڭ ئىززەت- ئابرويى، بىرلىكى، ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىل مەۋجۇدلىقىنى قوغداش، ئاشۇ ۋەتەن خەلقىنىڭ قەلبىدىكى تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئايلىنىشى ۋە شۇنداق ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقىدىن ھەر دائىم ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا بولۇشى، ئاشۇ تۇيغۇلىرىنى ئەمىلىيىتىدە ئىسپاتلاشقا تېرىشىشى لازىم.

 بىز ئۇيغۇر مىللىتى، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان، ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، تارىختا ئۆچمەس شان شەرەپلەرگە ئىگە بولغان، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇش بىلەن ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان، ئۇنىڭ ئالدىدا دۇنياغا مەدىنىيەت تارقاتقان ۋە بەزى مىللەتلەرنى نەچچە چاقىرىملىق ئۇزۇنلۇقتىكى سېپىللارنى سوقۇشقا مەجبۇر قىلغان، تەبىئى بايلىقى مول ۋە لېكىن نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ بايلىقىدىن ئۆزى پايدىلىنالمىغان، ئىلگىرى سېپىل سوقۇشقا مەجبۇر بولغانلار تەرىپىدىن 64 يىلدىن بۇيان ئىشغالغا دۇچار بولغان بولغان بىر مىللەت بىز.

 

ئېزىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئىشغالغا دۇچار بولغاندىن بېرى زۇلۇم، خارلىق ۋە ئىزىلىشتىن خالى بولالمىدى، شەرقى تۈركىستان خەلقى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى، تاجاۋۇزچى زالىملارنىڭ سىستىمىلىق يوقۇتۇش نىشانى بولۇپ كەلدى. نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقى زالىملار تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا قەتلى قىلىندى، مال-مۈلكى تالان – تاراج قىلىندى ھېلىھەم قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ چېكىدىن ئاشقان ئىستىبداتلىق قىلمىش پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى، شۇنداقلا دۇنيا ئاممىسىنى ھەم ھەيران قالدۇردى.

مىللى غۇرۇرى، ئىمانى ۋىجدانى، ئىنسانى ئەخلاقى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاساسى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەن شەرقى تۈركىستان خەلقى، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى “ توختا، ھەددىڭنى بىل “ سىگنالىنى بىرىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىگىنى، زۇلۇمغا، ئىشغالغا، خورلۇققا ۋە قارا نىيەت بولانچىلارغا قەتئى باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇستەقىللىقىنى قولىغا كەلتۈرمىگىچە ، ئەركىنلىك يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 تەبىئىكى بۇ، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئوغۇسىنى نەچچە ھەسسە ئۆرلىتىۋەتتى.

 

خەلقارادا ئۆزىنى ئىنسانپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلارنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتى، ئامالىنىڭ بارىچە ئۇيغۇرلارنى خەلقارادا ئاتالمىش “ تېرورچى، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىي كۈچلەر “ قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

 شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمىغا قارشى مەيدانغا كىلىۋاتقان بارلىق قارشىلىقلارنى “ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“ گە چېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خەلقارا مىقياسىدا تېرورچى قىلىپ ، ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى، نۆۋەتتە ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن نادان، جاھىل ۋە بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان توشقان مىجەز كىشىلەرنى ئىشقا سېلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇلارنىڭ مىللى ۋە دىنى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ،  قۇللۇققا قارشى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنى “ تېرور “ قالپىقى بىلەن يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا.

 ۋاھالەنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، تېرورچى تەشكىلات دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان “ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“ خىتاي داۋا قىلغاندەك تېرورچى تەشكىلات ئەمەستۇر، ئۇ تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ زۇلمىغا ، ئىشغالىغا ، تاجاۋۇزىغا قارشى مىللىتىنىڭ ، ۋەتىنىنىڭ ۋە دىنىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئىززىتىنى، ھۆرمىتىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ يولدا مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان پىداكارلاردىن تەشكىللەنگەن بىر جامائەتتۇر.

 ئۆز مىللىتىنىڭ ، ۋەتىنىنىڭ ۋە دىنىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئىززىتىنى ۋە ھۆرلۈكىنى تەلەپ قىلىش تېرورچىلىق ھىساپلانسا، بىراۋنىڭ ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىۋىلىش، مال – مۈلكىنى تالان- تاراج قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش،  ئىززەت – ئابرويىنى ئاياغ-ئاستى قىلىش،  خالىغانچە قاقتى – سوقتى قىلىش نېمە ھىساپلىنىدۇ؟

 

تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستانغا ھەددى – ھىساپسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈش، ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىكى باھانىسىدا ساقچى ئىدارىلىرىنى كۆپەيتىش، تەكشۈرۈش نوقتىلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىلا تەكشۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا پاسپۇرت ئىشلەشتە قىيىنچىلىق يارىتىشقا ئوخشاش رەزىل قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە تېخىمۇ قاتتىق تەھدىتلەرنى سېلىپ كەلمەكتە.

 

خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىك ھەرىكىتى، ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىكى ۋە خۇسۇسى ئىگىلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، بېسىم ئىشلىتىش ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىدىغان بىر قىلمىشتۇر.  خىتاي كومۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلغاندا، ئادەتتە مەلۇم ۋە مۇئەييەن بىر ئىشنى نىشان قىلمايدۇ، مەلۇم بىر ئىش ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەممىسىنى قورقۇتۇشنى ، ئۇلارنى شۇ ئارقىلىق مىللى ئۆرپ – ئادىتى ، دىنى – ئىتىقادى ۋە ئانا – تىلىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان بۇ زۇلۇم سىياسىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنتايىن قەبىھ  ۋە رەزىللىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

 2009 – يىلىدىكى ”5 – ئىيۇل“ قىرغىنچىلىقى، يېقىنقى زامانلاردا مەيدانغا كەلگەن قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا قىرغىنچىلىقى، پىچان لۈكچۇن قىرغىنچىلىقى، قارغىلىق قىرغىنچىلىقى، يىڭىسار ئۇچار قىرغىنچىلىقى، خوتەن خانئېرىق قىرغىنچىلىقى، ئاقسۇ قىرغىنچىلىقى، بۇ قېتىم 16- نۇيابىر يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋە يۈز بىرىۋاتقان قارشىلىقلارغا قارشى خىتاي ھاكىمىيتى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان قىرغىنچىلىقلاردىن، ھېچقانداق بىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ھېچقاچان خىتاي زۇلمىدىن مۇستەسنا بولالمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئىنسانى ھەق-ھوقۇقىنى ئاشكارا ئاياغ-ئاستى قىلغانلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيتى، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنى ئېتىقادى تەرتىپىگە ئۇچۇق خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، شەرقى تۈركىستان جەمىئىيىتىگە، ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى غالجىرانە بىر ماھىيەتكە ئىگىدۇر.

 ئاخىرقى يىللاردا شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر جايلىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئەمىلى ھەرىكەتلەر، 28- ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن تىيەنئەنمىن ۋەقەسى قاتارلىق ئەمىلى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى،  خىتاي زوراۋانلىقىنىڭ ھازىرقى زامان خەلقارا جەمئىيىتىدە ، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستان زىمىنىدا تولىمۇ چېكىدىن ئاشقانلىقىنى، قاتتىق رەزىللەشكەنلىكىنى ۋە  يوقۇلۇشقا تېگىشلىك ئەڭ زۆرۈر  بولغان بىر ئىستىبدات زالىمنىڭ خىتاي كومۇنىست كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. خۇسۇسەن شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە مىسلىسىز دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقىنى،  مىللەتلەر ئىتتىپاقى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش، بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا  تەھدىت- بېسىملار ئارقىلىق زورلۇق قىلىش،  قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەنئەنىسىنى ۋە تارىخى يادىكارلىقلىرىنى بورمىلاش ۋە ياكى يوق قىلىشقا ئوخشاش زىيىنىنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىك بولىۋاتقانلقىنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردى.

 خىتاي ئىشغالچىلىرى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر قارشىلىقنى ھەر ۋاقىت شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتالمىش “ ئۈچ خىل كۈچ “ بىلەن چەتئەلدىكى ئاتالمىش “ ئۈچ خىل كۈچ“  تىل بېرىكتۈرۈپ سادىر قىلغان، ئۇلارنىڭ سىياسى مەقسىتى مىللى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائى مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر دېگەن بىر خىل قېلىپلاشقان  باياناتى بىلەن، ھەقىقى تىنچلىقنى سۆيىدىغان، مۇقىملىقنى خالايدىغان، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، ھەتتا 1949- يىلى شەرقى تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن ئازاتلىق نامىدىكى ئازاپلىق كومۇنىست ئارمىيىسىنىڭ ئالدىغا مىۋە- چىۋە ، قېتىق – دوغاپلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كۈتۈۋالغان سادا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزۈشكە تېرىشماقتا.

 

يۈز بىرىۋاتقان قارشىلىقلارنى ئىنساپ بىلەن توغرا شەكىلدە ھەل قىلىشقا تىرىشمىغان زومىگەر خىتاي كومپارتىيىسى، شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى خەلقارا ئاخباراتىدىن يېراق تۇتۇشقا كۈچىگىنىدەك، ئىچىدىمۇ ساختا ئاخبارات كۆرسىتىش ئارقىلىق، ۋاستىلىق ۋە ياكى ۋاستىسىز ھالدا ئىجتىمائى مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان مىللى ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىشقا ئۆزى كۈچەۋاتىدۇ.

 

بىز شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بولىۋاتقان كۈرىشىمىز  مىللى  مۇستەقىللىق ۋە دىنى ئەركىنلىك كۈرىشىدۇر. بەلكى خىتاي ئىشغالىغا قارشى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدىكى كەسكىن سىياسىي ۋە ئېتىقادى بىر كۈرەشتۇر. مەيلى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچىدە ئەشەددى زۇلۇملار ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق بولسۇن ۋە ياكى چەتئەللەردە  مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن ، 40 مىليۇندىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەممىسى زومىگەرلىككە، ئىشغالغا، زۇلۇمغا ۋە ئاياغ – ئاستى قىلىنىشقا قاراپ تۇرمايدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ ھەر قانداق بېسىمى ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى بىلەن شەرقى تۈركىستاندا مۆلچەرلىگەن سىياسى مەقسىتىگە قەتئى يېتەلمەيدۇ، خىتاي زومىگەرلىرى ھامان تېگشىلىك ئەدىۋىنى يەيدۇ.

 

شەرقى تۈركىستانلىق، مىللىتى ئۇيغۇر ۋە  دىنى – ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان  مۇسۇلمانلاردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرت – شارائىتلار ھازىرلىنىۋاتقان ، پۇرسەتلەر يېتىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز.  مۇستەقىل، مۇقىم ۋە ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاققا ئىگە بىر ئىجتىمائى مۇھىت ھازىرلاش نۆۋەتتىكى ھەر بىر شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولغان بىر مەسىلە. ئىشغالچى ئىستىبدادنىڭ كىم بولۇشىدىن ۋە كۈچىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان، بىر مىللەتنىڭ تىنچلىقىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، بىراۋنىڭ ئىگىلىكىنى تالان – تاراج قىلىدىغان ۋە ئىززەت – ئايرۇيى، ئىپپەت – نۇمۇسىنى بۇلغاش بىلەن بىرگە بۇ مىللەتنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋىتىمەن دەيدىغان زومىگەرنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا ۋە بۇ خىلدىكى قارا نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قاراپ تۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ.

 

شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، خىتاي كومۇنىست كومپارتىيىسى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىدۇر. پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى دۈشمەنگە قارشى بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە سەپ تۈزۈپ، تاجاۋۇزچىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش روھىنى كۈچەيتىشى، تاجاۋۇزچىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ماسلىشىشى لازىم. شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىق ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى بىرىنجى دەرىجىلىك ئاساسى مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

ئاپتۇرى: مۇسلىم

About admin

Leave a Reply