جەمئىيىتىمىزدە 2013 – يىللىق خىزمەت دوكىلاتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ 19 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2013 – يىللىق خىزمەت دوكىلاتى ۋە 2014 – يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي شۆبە مەسئۇللىرى، سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى، شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ئىستىقلال رادىئۇ – تېلېزىيە تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق جەمئيەتنىڭ شۆبە ۋە بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 30 كىشى قاتناشتى.

يىغىن ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلاندى، يىغىندا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە بۇ يىغىلىشنىڭ ئاساسى مەقستى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا جەمئىيەتنىڭ 2013 – يىللىق خىزمەت دوكىلاتى تەقدىم قىلىندى، جەمئىيەت 2013 – يىلى 12 قېتىم ئايلىق سۆھبەت يىغىنى، 12 – قېتىم ئىستىراتېگىيە تەتقىقات يىغىنى، نامايىش ۋە خاتىرلەش يىغىنلىرى شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بولۇپ 60 تىن ئارتۇق پائالىيەت قلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە 60 قېتىملىق پائالىيەت تارىخ ۋە كۈنلىرى بويىچە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يەنە ۋەتەنپەرۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ئابدۇلقادىر ياپچان ئىنساني ۋە ئىسلامى مەجبۇرىيەت ۋە  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا يەنە ھەر قايسى شۆبە ۋە بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز ساھەسى بويىچە 2013 – يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلىرىدىن دوكىلات بەردى ۋە 2014 – يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە باش نازىر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنىڭ ئىدارە خىزمەتلەردە ۋەزىپە ئالماشتۇرۇش توغىرىسىدىكى ئېلىنغان قارارلارنى بىلدۈردى ۋە يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

جەمئىيەتنىڭ ئىدارە خىزمەت بۆلۈمى، ئىجتىمائى بۆلۈم، ئىقتىسادى بۆلۈمى، نەشىرىيات بۆلۈم، تەتقىقات بۆلۈم، تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىزمەت – ۋەزىپىلىرى ئېلان قىلىندى.

پۈتۈن كۈن داۋام قىلغان يىغىن كەچ سائەت 18:00 دە ئاخىرلاشتى.

IMG_8845

 

IMG_8653 IMG_8655 IMG_8657 IMG_8662 IMG_8664 IMG_8671 IMG_8673 IMG_8679 IMG_8684 IMG_8690 IMG_8692 IMG_8740 IMG_8850 IMG_86499

About admin

Leave a Reply