5-فېۋرال غولجا قەتلىئامىنى خاتىرلەپ ”شېھىتلەر كېچىسى “ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تاجاۋۇزچى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىغا قارشى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ بىرى 1997- يىلى 5- فىۋرال  غولجا ۋەقەسىدۇر.

 شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى غولجا قەتلىئامىنىڭ 17- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەزكۇر ۋەقەدە شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان شېھىتلەرنى ئەسلەپ، ”شېھىتلەر كېچىسى “ پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇردى.

غولجا ۋەقەسىدە، خىتاي ئىشغالىغا قارشى ساپ ئىمانى، ۋىجدانى ۋە غۇرۇرى بىلەن كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىققان مىڭلارچە ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قانلىق باستۇرۇلۇپ شېھىت قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن “ شېھىتلەر كېچىسى “ پائالىيىتى، 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى چارشەنبە سائەت 19:00 دىن 22:00  غىچە ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بارلىق ھەمشەھەرلەرنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئالاھىدە سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

goljaaaa1

About admin

Leave a Reply