شېھىتلەرنىڭ غايە – مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھايات قالغانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى

شېھىتلەرنىڭ غايە – مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھايات قالغانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى

002

5 –فېۋىرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى كەينىدە…

غۇلجا، گۇل چىچەكلەر بىلەن پۇركۈنگەن ئىگىز تاغلىرى، سۈزۈك سۇلىرى، كەڭ يايلاقلىرى ۋە ھەيۋەتلىك ئىگىز قارىغايلىرى بىلەن، ئىنسانغا خۇددىي، «مەن ھېچ تەسلىم بولمايمەن»  دېگەنگە ئوخشاش تۇيغۇ بېرىدىغان ۋە ھەر قانداق ئىنساننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان گۈزەل ماكان. غۇلجا 1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە شاھىت بولغان ۋە ساھىبخانلىق قىلغان ئانا يۇرت. بىز بۈگۈن ئەنە شۇ گۈزەل ماكاننى ئىسسىق قانلىرى بىلەن بويىغان قەھرىمان شېھىتلەرنى ئەسلەيمىز ۋە ھۆرمەت بىلدۇرۇىمىز.

غۇلجا خەلقى خۇش چىراي، چىقىشقاق، كەمتەر ۋە تەبىئي چاقچاقلىرى بىلەن مەشھۇر تىرىشچان خەلق. كۈندۈلۈك ھاياتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە، زۇلۇم ئىچىدە دەرد – ئەلەم ۋە قايغۇغا تولغان يۈرەكلەرنى خۇشال تۇتۇشقا، كىشىلەرنى ئۈمد ۋە ئىشەنچكە چاقىرىپ ئىنساننىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا، مەنىلىك چاقچاقلىرى بىلەن خەلقنى كۈلدۈرۈشكە تىرىشىدىغان ئالاھىدلىكلەرگە ئىگە خەلقتۇر.

5 – فېۋىرال ۋەقەسىدە يۈزلەرچە خۇش پېئىل باتۇر ئوغۇل – قىزلار ياۋنىڭ ئاياغ ئاستىدا ئېزىلدى شېھىت بولدى. ئاشۇ گۈزەل ماكان قانغا بويالدى خەلق يىغلىدى دۇنيا تىتىرىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ قانلىق ۋەقەدە نۇرغۇن ياش باتۇر ئوغلانلىرىمىز شەھىد بولغان بولسىمۇ خەلق غەپلەتتىن ئويغاندى، ئىشغالىيەتكە، زۇلۇمغا باش ئەگمىدى، ناھەقچىلىككە سۈكۈت قىلماي كۆكسىنى كىرىپ مەيدانغا چىقتى ۋە شەھىد بولدى شۇنداقلا ھازىرمۇ بولىۋاتىدۇ.

غۇلجا شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار 1994- يىلىدىن باشلاپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن چىرىكلىشىشىكە يەنى زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئىچىملىككە مۇبتالا قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ ياشلارنى ۋەتەن ۋە مىللەتسۈيەر قىلىپ تەربىيلەش مەقسىتىدە ئىلى مەشرىپىنى جانلاندۇردى مەشرەپ سورۇنلىرىنى تەشكىللىدى. ياشلىرىمىزنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىككە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى بۇنىڭغا تۇسالغۇلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويدى. كۆپ ساندا ياشلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازى بولۇپ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە يەنى 1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كېچىسى غۇلجىدا رامىزان ئېيىنىڭ قەدىرى كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر گۇرۇپ خانىم – قىزلارنى خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ ئاپىرىپ تۈرمىگە قاماپ قويدى. دىنى ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن باشقا ھېچ بىر مەقسىتى بولمىغان بۇ ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى شۇ يەردە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان، بىر قانچە ئايال تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ خورلىققا چىدىمىغان غۇلجا ياشلىرى 5 – فېۋرال كۈنى تىنچ ئۇسۇلدا نامايىشقا چىقىپ 800 كىشىلىك بىر نامايىش گۇرۇپپى يۈرۈش قىلغان، ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى ھاكىمىيەت ئىدارىسى ئالدىغا كەلگەندە خىتايلارنىڭ جاللات ئەسكەرلىرى، قۇراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىندى ۋە قانخورلۇق بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئوققا تۇتۇلدى. ھايات قالغانلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىدى. شۇ كۈنىلا بىر قانچە يۈز كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قىش پەسلى سوغاق ھاۋادا تۇتۇلغانلارنىڭ ئۈستىگە سۇ چىچىپ مۇزلاتتى، بىرمۇنچە كىشى توڭلاپ شېھىت بولدى. بۇ ۋەھشىلىكنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن شەھەر ئاھالىسى غەزەپلىنىپ ئەتىسى 6 – فېۋرالدا مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ بۇ ۋەھشىيلىككە بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى ئىپادىلدىى، ھەمدە ناھەق قامالغان ياشلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غۇلجا خەلقىنىڭ بۇ ئۇرۇنلۇق تەلىۋىگە قۇلاق سېلىش ئۇرنىغا خىتاي ئەسكەرلىرى ئاپتۇمات ۋە پىلىموتلاردىن ئوق چىقىرىپ قورالسىز خەلقنى ئوق يامغۇرىغا تۇتتى. بۇنى كۆرگەن نامايىشچىلار قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق قىلىپ، بىر مۇنچە خىتاي ئەسكەرلىرىنى جازالىدى. لېكىن زامانىۋىي قۇراللار بىلەن قۇراللانغان قانخور ئەسكەرلەر خەلقنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق نامايىشنى قانلىق باستۇردى. ئىككى كۈنلۈك قىرغىنچىلىقتا بەزى مەلۇماتلار بويىچە 150 دىن ئارتۇق كىشى شېھىد قىلىندى، 400 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. بەزى مەنبەلەردە شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 400 دىن ئارتۇق كىشى شېھىد بولدى دېيىلگەن.  غۇلجا كوچىلىرى يەنە بىر قېتىم قانغا بويالدى، شۇ كۈنلەردە ئىلى ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 5000، پۈتۈن ۋەتىنىمىز بويىچە 20 مىڭ كىشى تۇتۇلغان.

 خەلقئارا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان جاللات خىتايلار ھەتتا يارىدارلارنى داۋالاشتىن باش تارتتى، دوختۇرخانىلارغا ئۇقتۇرۇش  قىلىپ ھەر قانداق يارىدارنى داۋالىماسسلىققا بۇيرۇق چىقارغان.  نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قانسىراپ ياكى تىببى ياردەم ئالالماي ئۆلۈپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، تۈرمىلەردە قىيناپ – ئازاپلاش شۇ دەرىجىدە ئېغىر بولدىكى، قىيىن قىستاقلارنى كۆرگەن بەزى ساقچىلار چىدىيالماي خىزمەتلىرىدىن ئىستىپا بەرگەن.

ئىشغالچى خىتاي جاللاتلىرى بۇ قىرغىنچىلىقنى ئاز كۆرۈپ، تۇتۇلغانلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈردى. 1997 – يىلى 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى 1000 دىن ئارتۇق كىشىنى سوتقا تاپشۇرماستىن ھەممىسىنى بىراقلا ئوققا تۇتۇپ شېھىد قىلدى. قولىدا قۇرالى بولمىغان ياشلار تولۇق قۇراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداشقا ئورۇنغان بولسىمۇ قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىدى.

1- تۈركۈمدە شۇ يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي سوتى يۈسۈپ تۇرسۇن قاتارلىق 3 نەپەر ياشنى ئۇرۇش، بۇلاش، چېقىش، كۆيدۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان دېگەن بۆھتان بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

2-تۈركۈمدە يەنى شۇ يىلى 7-ئايدا غاپپار تەلەت قاتارلىق 9 نەپەر ياشنى ئوخشاش «تۆھمەتلەر» بىلەن ئېتىپ شېھىد قىلدى. 5- فېۋىرال غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىلىرىدىن: ئابدۇخېلىل مىجىت ۋە ئابدۇمېجىت ئابدۇراخمانلارنى چاپچالدىكى سۇ تۇرمىسىدا 3 يىل دەھشەتلىك قىيناپ شېھىد قىلدى. ئىبراھىم ئىسمائىل فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى رەھبىرى دەپ ئەيىبلىنىپ غۇلجىدا چوڭ دائىرىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن شەھەردە ھەربى ھالەت، ھاۋادا تىك ئۇچار ھەربى ئايروپىلانلارنىڭ، يەردە توپ – زەمبىرەك، تانكىلارنىڭ قورشاۋىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ شەھەر سىرتىدا ئېتىپ شېھىد قىلدى. بۇ خىل ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئىلى تەۋەسىدە نەچچە يىل داۋاملاشتى. 1999- يىلى 21- سىنتەبىردە ئىلى ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 30 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ئۇلاردىن نۇراخمەت نىياز، قۇربانجان ھۈسەين، تۇرغان سەيدۇللا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دەرھال ئىجرا قىلىشقا، مىھمانجان ئەمەت قاتارلىق 7 كىشىگە 2 يىل كىچىكتۇرۇپ ئېتىش ئۆلۈم جازاسى بەردى، يۈسۈپجان ئابلىز قاتارلىق 4 كىشى ئۆمۈرۋايەتلىك قاماق جازاسىغا، قالغانلار 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇنداق ئۆلۈم جازالىرى ئىلى ۋىلايىتىدىن باشقا ئۈرۈمچى شەھرى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، تۇرپان ۋىلايەتلىرى، قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلدى. 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن باشلاپ 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 1400 دىن ئارتۇق كىشى، سىياسىي سەۋەپ بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ قۇرال بىلەن ئېتىپ شېھىد قىلىنغان.

شاھادەت ھەر كىمگە نىسىپ بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆزى مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرگە نىسىپ قىلىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنىدا شېھىتنىڭ پەزىلىتى ۋە مەرتىۋىسى بەك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. شېھىت بولغانلار ئۆلۈك ھېسابلانمايدۇ، شەھىدنىڭ جەسەدى چۈرىمەيدۇ، چاچ ۋە تىرناقلىرى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلماي ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شەھىدلەرنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلماڭلار، بەلكى ئۇلار ھايات بولۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھىرىمەن قىلىنىدۇ. (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن داۋاملىق رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ). ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن يەنى شېھىت بولماي ھايات قالغان قېرىنداشلىرىغا ئاخىرەتتە نە قورقۇنچ نە دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقلىرىغا قايغۇ يوق ئىكەنلىكىدىن خوش – خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ».

ئالى ئىمران سۈرىسى 168، 169، 170 – ئايەتلەر.

سەئىد ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مېلىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىت ، جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىت، دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىت، ئۆز ئەھلىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر». ئابۇ داۋۇت ۋە تىرمىزى دېگەن كىتابتىن.

شاھادەت يولىغا ئاتلانغان كىشىلەر يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىققانلار ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولمايدۇ، ئۇلار يا جەڭدە غەلبە قىلىپ يۇرتىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ ياكى ئۇرۇشتا شېھىت بولۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا جەننەتكە ئېرىشىدۇ. بۇ ئىككى يولنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۆمىن مۇسۇلمان ئۈچۈن چوڭ غەلبىدۇر.

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش بىزنىڭ ۋەتىنمىز شەرقىي تۈركىستاندىمۇ نۇرغۇن مۆمىن، مۇسۇلمانلار ئاللاھ يولىدا ئۆزىنى، جېنىنى، مېلىنى، دىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ.

1997 – يىلىدىكى غۇلجا قەتلىئامىدا نەچچە يۈزلىگەن قېرىنداشلىرىمىز شېھىت بولدى، ئەمما ئىشغالچى خىتاي دىكتاتۇرى 180 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. نۇرغۇن ياشلىرىمىز قانلىق باستۇرۇشتىن سىرت تۇتقۇن قىلىنىپ قىيىن – قىستاقتا ئۆلتۈرۈلدى. قەھرىتان سوغۇق ھاۋادا تۇتقۇن قىلىنغانلارنى بىر يەرگە توپلاپ ئۈستىگە سۇ چېچىپ مۇزلۇتۇپ شېھىت قىلدى.

1990 – يىلىدا مەيدانغا چىققان بارىن قۇراللىق ھەرىكەتتىمۇ 200 دىن ئارتۇق ياشلار شېھىت بولدى. 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا يەنە 5000 بىلەن 10000 ئارىسىدا مۇسۇلمان ياشلار قانخور خىتاي جاللىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ شېھىت قىلىندى.

ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى شاھادەت شەربىتىنى ئىچىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، 2013 – يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ كۆپ ۋەقە يۈز بەردى. ئىمانلىق ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز، خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلىرىگە چىداپ تۇرالماي كۆكسىنى كىرىپ مەيدانغا چىقتى ۋە زالىم خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى.  2013 – يىلى ھەر ھەپتە دىگۇدەك قارشىلىق ھەرىكەتلەر داۋام قىلدى، نۇرغۇن خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنى جەھەننەمگە يولغا سېلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن ياشلىرىمىز شاھادەت پەزىلىتىگە ئېرىشتى. خىتاي ئاخباراتلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا 2013 – يىلى 11 چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بۇنىڭدا 180 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاي يوشۇرۇپ كەلگەن نۇرغۇن ۋەقەلەر ۋە بۇ ۋەقەلەردە شېھىت بولغان نەچچە يۈزلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ سانىنى خىتاي يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

تارىختىن بۇيان قانچىلىغان شانلىق دۆلەت قۇرۇپ مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى 65 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلماي كەلدى ۋە ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جانلىرى ۋە ماللىرىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلىدى. زۇلۇم قانچە ئېغىر بولغانسىرى، بېسىم قانچە كۈچەيگەنسىرى قارشىلىق شۇنچە ئاشىدۇ، دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار، خىتاي قانچە ھەددىدىن ئېشىپ زوراۋانلىق قىلغانسىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ دىنىنى، ۋەتىنىنى، مىللىي مەدەنىيەت ئۆرۈپ – ئادەتلىرىنى قوغداش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولىۋاتىدۇ.

زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىك بولمىسا ئىدى، شېھىت بولغان قەھرىمان ياشلار، ئائىلىسى، ئورۇق – توغقانلىرى، دوست بۇرادەرلىرى بىلەن خاتىرجەم، خۇشال ياشىغان بولاتتى. ئۇلار ئىشغالىيەت، زۇلۇم ۋە بېسىمنى يوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، ۋەتىنىمىزدە تىنچلىق، بىخەتەرلىك مۇھىت يارىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى شۇنىڭ ئۈچۈن ئازادلىق، ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى تۆكتى، سۆيۈملۈك جانلىرىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولدى.

____________________________________________

ئۇ قېرىنداشلىرىمىز، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن شېھىد قىلىندى. رەببىم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، ئىمانىم قۇرئان دېگەنلىكى ئۈچۈن شېھىد قىلىندى. ئۇلارنىڭ شېھىد بولغانلىقىدا ھېچ قانداق شەك يوق. گەرچە ئۇلار دۈشمەن كۈچلۈك ۋە زامانىۋىي قۇراللىرى بولسىمۇ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىشقا تۈرتكە بولغان ئامىل زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ناھەقچىلىكنى قوبۇل قىلالماسلىقتىن ئىبارەت ئىمانى كۈچ ۋە رۇھىي ئىرادە ئۇلارنى مەيدانغا چىقاردى. ئۇلار دۈشمەننىڭ قۇراللىق كۈچلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەقىدە ۋە ئىمانى پرىنسىپى بويىچە مەيدانغا چىقىپ شېھىد بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر ھەدىسىدە «كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر»، دېگەن.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە شېھىدلەرنى جەننەتتىن ئىبارەت ئەبەدىيلىك ھۇزۇرغا ئېرىشتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ۋە ئەبەدىيىلىك ھاياتقا، جەننەتتىن ئىبارەت ئالى ئورۇنغا ئېرىشىدۇ، ئىنشائاللاھ.

غۇلجا قىرغىنچىلىقى خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، كىمنىڭ دوست كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئازادلىق ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيىتتى. بۇ قانلىق ۋەقەدىن كېيىن خەلقتە خىتايدىن ئىبارەت ئىشغالچى دۈشمەنگە قارشى ئويغۇنۇش پەيدا بولدى. قەلبىدە غەزەپ – نەپرەت ئوتى لاۋىلداپ ياندى. خىتاي ئىشغالچى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوست بىلەن دۈشمەن، زالىم بىلەن مەزلۇمدىن ئىبارەت ئىككى سەپ ئايرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

          5 – فېۋىرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى فاشسىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلغان سېستىملىق قىرغىنچىلىقىنى ئۇچۇق يۈرگۈزگەن پاكىتلاردىن بىرى. قورقۇتۇش، باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خىتاي دىكتاتۇر كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋەھشىيانە قىرغىنچلىق، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق قىلىپ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى دۇنياغا كۆرسەتتى.

غۇلجا قەتلىئامى بولسا خەلقنى ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە چاقىرىدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ قۇللۇققا، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. خىتاينىڭ 65 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.

غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا دۇنياغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېخى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھۆر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتىن ئىبارەت مىللى ئىرادىسى ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ھەتتا ئەزىز جېنىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدىغانلىقىنىڭ سىگنالنى بەردى.

شېھىدلەرنىڭ قېنى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ،  تارىخدىن بۇيان ئانا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستاننى قوغداش يولىدا تۆكۈلگەن ئەزىز قانلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. قان تۆكۈلمىگىچە ۋەتەن ئازاد بولمايدۇ.

بارىندا، غۇلجىدا، ئۈرۈمچىدە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بەردى. زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتلەر بولدى. كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز شېھىد بولدى ياكى تۈرمىگە قامالدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بولۇپمۇ، ھۆر ۋە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا قانداق مەسئۇلىيەتلەر يۈكلىنىدۇ؟ چۈنكى شېھىدلەرنىڭ ئىرادىسى، ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە ئىسسىق قېنىنى تۆكۈپ جېنىنى پىدا قىلىشى، ھۆرلۈك، ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايە مەقسەتلىرى بىز ھايات قالغانلار ئۈچۈن ئامانەت شەكىلىدە مىراس قالىدۇ. بۇ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ئىگە چىقىش ھايات قالغانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. شېھىتلەرنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلار ماڭغان يولدا مېڭىش بىز خالىساقمۇ خالىمىساقمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىمانى، ۋىجدانى مەجبۇرىيەت ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، زۇلۇم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ھۆر – مۇستەقىل ياشاش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىد بولغان شۇ قەھرىمان ئۇغۇل – قىزلىرىمىزنى ئەسلەش، خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىزىدا مېڭىپ ئۇلار يېتەلمىگەن غايە – مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر كىشى مەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟، نېمە قىلىشىم كېرەك؟، قانداق مەجبۇرىيىتىم بار؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆز – ئۆزىدىن سوراپ تۇرۇشى ۋە ئېرىشكەن جاۋاپقا قارىتا ئىزدىنىشى كېرەك بولىدۇ.

زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەت ھېچ قاچان داۋام قىلمايدۇ، بۇنىڭ چوقۇم تۈگەيدىغان، زالىمنىڭ يوقايدىغان ۋاقتى كېلىدۇ. غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شېھىد بولغان پۈتۈن دۇنيادا جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندا شەھىد بولغان پۈتكۈل شېھىدلەرنى ئەسلەيمىز، خاتىرلەيمىز ۋە شېھىدلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

مۇساجان ئەر

2014- 5 – فېۋىرال ئىستانبۇل

About admin

Leave a Reply