غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 17 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

IMG_9704

غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 17 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 

2014 – يىلى 5 – فېۋىرال كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 17 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شېھىتلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، نوغاي تۈرك بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. قاتناشقۇچىلار يىغىن زالىغا پاتماي نۇرغۇن كىشى ئۆرە تۇرۇشقا توغرا كەلدى.

بۇ پائالىيەت قۇدۇس تېلېۋىزىيەسىدە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەخ مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە بۇ مۇراسىمنى ئويۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنى بايان قىلدى.

مۇراسىمدا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان ئۇيغۇر ياشلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەم چوڭ بىر قەتلىمنىڭ  17 _ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇيەرگە جەم بولدۇق.  2 – ئاي شېھىتلەرنىڭ قېنى ئاققان قايغۇلۇق بىر كۈندۇر. شەرقىي تۈركسىتاندا پەقەت 17 يىل ئىلگىرى بىرلا قېتىم شېھىت بولۇش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بۇنىڭ ئالدى كەينىدىمۇ نۇرغۇن  قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. خىتاي 64 يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قەتلى قىلدى.  باستۇرۇشلاردا، تۈرمىلەردە، تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا چۈشۈرۈش ۋەقەلەردە بولسۇن نۇرغۇن ئىنسانلىرىمىز قەتلى قىلىندى ۋە شېھىت بولدى. ھازىرمۇ بۇ شېھىت كارىۋانلار كۆپىيىۋاتىدۇ، بارىن ئىنقىلابىدا، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا نۇرغۇن ئىنسانلىرىمىز شېھىت بولدى. بۇلار شەرقىي تۈركسىتان كۈرىشىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىگە ئاساسىي ئۇل سالغۇچىلاردۇر.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنىڭ بىر داۋاغا ئايلىنىشى، ئىززەت – ھۆرمەت، ئىپپەت – ئارنۇمۇس، دىنى ئېتىقاد، ئەقدە، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا شېھىتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىمىز بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:  شېھىتلەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن مەنىۋىي كۈچ مەنبەسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنىڭ بىر داۋاغا ئايلىنىشى، توپراقنىڭ ۋەتەنگە ئايلىنىشى، ئىززەت، ئىپپەت، دىنى ئېتىقاد، ئەقدە، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا شېھىتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىمىز باردۇر. شېھىتلەرنىڭ مۇقەددەس قېنىنىڭ ئېقىشى، بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ كەلدى ۋە بۇ داۋا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد، ئەجدادتىن بىزگە مىراس قالدى،  بىز بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز».

شېھىتلەر كېچىسى مۇراسىمدا زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي، ئۈلكە ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى جىھان كەنتاش، خەلقئارا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تۈرك دۇنياسى كومىتىتى رەئىسى سەركان دېنچتۈرك، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى جۇنەيت سارىياشار، نوغاي تۈركلىرى مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋەيسەل دېمىر، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى رەجەپ ئاقيول ، فاتىھ ئاكىنجىلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمەت ئەپەندى قاتارلىق مەسئۇللار سۆز قىلدى ۋە غۇلجا قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى پىكىر – قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەر زامان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، داۋانى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ خىل يىغىن، مۇراسىم ۋە نامايىشلارغا قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئازادجان بۇغرا ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە شېھىتلەرنى ئەسلەپ دۇئا قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالغىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۆزەمگە سىڭدۈرگىلى، ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئىزىغا ۋارىسلىق قىلغىلى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيىتقىنىدەك «زالىمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، سەن زالىم! دېيىش(تىن ئىبارەت) ئەڭ كاتتا جېھاد»نى قىلغان ۋە تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلىكىگە پەرۋاسىز غولجا كوچىلىرىدا قول تۇتۇشۇپ، ئاللاھ ئەكبەر شۇئارىنى ياڭرىتىپ سەپ تۇزۈپ ماڭغان ئەشۇ ئۇنتۇلماس كۆرۈنۈشلەر خاتىرلەنگەندە ئۆزەمنى گويا شۇلار بىلەن بىر سەپتە كېتىۋاتقەندەك ھىس قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگەننى ئويلىيالىشىمىز لازىم. مانا مۇشۇنىڭدىنلا نامايىش ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ قەدرىنى ياخشى بىلىۋالالايمىز. شۇنى مۇقىملاشتۇرلاىۋالىشىمىز لازىمكى، بۇ خىل پائالىيەتلەر بىزنى تەربىيەلەيدىغان، بىزدە سەگەك ئاڭ ۋە ئەركەك روھ پەيدا قىلىدىغان، ئۆزئارا مېھرى – شەپقىتىمىز، قېرىنداشلىقىمىز ۋە ئىتتىىپقلىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان، زۇلۇمغا قارشى كۈرەش ئىڭىمىزنى يېتىشتۇرىدىغان كۇرس، تاۋلايدىغان ئوچاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىمىز، ئۆزىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا قىرىنداشلىرمىزدىمۇ ئەشۇنداق ئېسىل خاراكتېر ۋە پىداكارلىقلارنىڭ پەيدا بولىشىغا ھەسسە قوشقانلىقىمىز بولىدۇ.

ئازادجان بۇغرا ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: ئەشۇ ئەزىمەتلىرىمىز شېھىت قىلىنغىنىغا 17 يىل بولۇپ قالدى. ئەمما شېھىت بولۇشى بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى ياڭراتقان ساداسى ئۆچۈپ قالغىنى يوق. بەلكى 17 يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى، يىلدىن يىلغا تېخىمۇ جاراڭلاپ، تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا ياڭراپ كەلمەكتە. ئىبلىس تاجاۋۇزجى خىتايلارنىڭ زۇلمىغا قارشى 17 يىلنىڭ ئالدىدا ياڭرىغان ئەشۇ ھەقنىڭ ساداسى مانا ھازىر زەيتىنبۇرنىدا يارىماقتا، ئەنقەرەدە ياڭرىماقتا يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس، قىتئەلەر ئېشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە، ۋىجدانى سەگەك، روھى ئەركەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بار بولىغانلا يەرنىڭ ھەممىسىدە ياڭرىماقتا. دېمەك ئەينى چاغدىكى ئەشۇ بىر قانچە يۈز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداسى مانا ئەمدى قانچە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ساداسىغا ئايلانغان ھالدا ياڭراۋاتىدۇ. مانا بۇ شەھېتلىىرىمىزنىڭ شېھىتلىكىنىڭ مەقبۇلىيىتىنى، شېھىتلەر ئۆلمەس دېگەن ئىلاھى كەلامنىڭ ھەقىقىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

         مۇراسىمدا ئۇيغۇر زىيالى سىراجىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن «بۇ ۋەتەن كىمنىڭ» دېگەن شېئىرنى دېكىلىماتىسىيە قىلىپ يىغىن زالىنى ھاياجانغا سالدى. مۇجاھىد قەشقەرلى «زۇلۇمنى ئالقىشلىمايمەن» دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر شېھىتلەر توغرىسىدا ئىتۇت ئورۇنلىدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپىسى،  «بىز شېھىتلەر ئەۋلادى»،  دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە پارچە شېئىر ئوقۇدى. مۇراسىمدا ئىستىقلال رادىئو – تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان تۈركچە ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

يىغىن زالىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان بولۇپ، زالنىڭ ئىچىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان بايرىقى گۈزەل تۈس ئالغان.

ئۈچ سائەت داۋام قىلغان مۇراسىم شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

About admin

Leave a Reply