تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇدى

بۈگۈن تۈركىيەدە قۇربان ھېيت – بايرام كۈنىدۇر،

[ca_audio url=“http://maarip.org/mp3/naghra-sunay.mp3″ width=“500″ height=“27″ css_class=“codeart-google-mp3-player“]

قۇربان ھېيىت مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى. قۇربان ھېيىت ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيىدە بۇ يىل قۇربان ھېيىت 10-‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى پەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلدى. بۇ كۈندە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار  ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئەمىنە ئىنانچ ۋەخپى جامئەسىگە يىغىلىپ نەچچە مىڭلىغان تۈركلەر بىلەن بىرگە قۇربان ھېيىت نامىزى ئوقىدى. ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيىت نامىزىدىن كېيىن جامىئە ئالدىغا توپلىشىپ، ئۆز ‏- ئارا قۇربان ھېيىت بارامنى تەبرىكلەشتى. قۇچاقلىشپ كۇرۇشتى. ھال ‏- ئەھۋال سوراشتى. كېيىن ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئىزىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا ئەركىنلىك ، خاتىرجەملىك ۋە  شەھىدلەرنى ئەسلەپ روھىغا دۇئا قىلدى. قۇربان ھېيىت بايرىمىنى دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ جۇملىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ خۇشال ‏- خۇرام ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىش ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئۇزۇن زامان ئۇچرىشالمىغان تونۇش بىلىشلەر، دوست ‏- بۇرادەرلەر بۇ كۈندە ئۇچرىشىپ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆز ‏- ئارا بىر ‏- بىرىنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.

 

 

 

 

 

 

 

 

About admin