خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستانغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات باشلىماقچى

005

خىتاي دائىرلىرنىڭ ئاتالمىش خەلق ۋەكىلىرى قۇرۇلتى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ  شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق رايۇنلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغان  تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېشنى قارار قىلغان .

دۇنيا بۈلتەنى خەۋەر مەركىزىدە بېرىگەن خەۋردە مەلۇم بولۇشىچە: خىتاي دائىرلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە  تىبەتتە ئېلىپ بارغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە قارىتا  دۇنيادىكى بىرمۇنچە دۆلەتلىرىنىڭ ئۇلارغا قارشى رەددىيە بېرىشىگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلاردىكى بۇ قاراشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەتۈر  تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ رايۇندىكى باستۇرۇش ۋە زۇلۇم پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ خاتا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتلەردە غەرپ دۆلەتلىرىگە خاتا چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى داۋا قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ھەققىدە  تەشۋىقات ئېلىپ بىرىشى ئۈچۈن جۇ ۋېيجۇن ئىسمىدىكى بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلىنى مەخسۇس بۇ  ۋەزىپىگە قويغان بولۇپ، مىللى ۋە دىنى مەسىلىلەر كومىتېتى باشلىقى بولغان جۇ ۋېيچۇن، يېڭى ۋەزىپىسى ھەققىدە يېزىق ھالىتىدىكى بايانات ئېلان قىلدى.

جۇ ۋېيچۇن باياناتىدا: جوڭگو دۆلىتى خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بۇ سەۋەپتىن  ئاتالمىش شىنجاڭ(  شەرقىي تۈركىستان) ۋە تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئاراغا  تېخىمۇ ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش بېرىشىمىز لازىم بولىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىككى رايۇن ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى خاتا، دېدى.

جۇ ۋېنچۇن ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىببەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئىگە بولغان رايۇنلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايۇنلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ تىبەتنىڭ روھانى داھىيىسى بولغان دالاي لامانىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى بىلەن خاتا كۆز قاراشلارغا ئىگە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە  تىرىشتى.

تىبەتتە 2009- يىلدىن بېرى 120 نەپەر تىبەتلىك خىتاينىڭ تىبەتكە قارىتا ئېلىپ بارغان زۇلۇم سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ، ئۆزىگە ئوت قويۇش  ۋەقەلىكىنى ئوتتۇرغا چىققاردى. ئۆزىگە ئوت قويغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلدى. شەرقىي ت ۈركىستاندا بولسا 2013- يىلى ئاپرىل ئېيىدىن بېرى 100 ( بۇ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق بىلەن بەرگەن سانى  ، ئەسلىدە شېھىت قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بۇنىڭ نەچچە ھەسسە كۆپتۇر)  مۇسۇلمان خىتاي ساقچىلىرى  تەرىپىدىن  شېھىت قىلىندى.

خىتاي پارلامېتى ئەزالىرى جۇنىڭ باياناتىدا غەرپ دۆلەتلىرىگە تەھدىد سېلىشتىنمۇ تەپ تەرتمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى  بەزى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ دالاي لامانى زىيارەت قىلغانلىقى  ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلىماتىك ئالاقىلىرىنى توختۇتۇپ قويغان ئىدى. جۇ بۇنى ئەسكەرتىپ باياناتىدا  يەنە :  غەرپ دۆلەتلىرى جوڭگونىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئۇلار ئەگەر تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالىسا ئۇلارنىڭ بۇ غايىسى جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تەرىپدە ئەمەس، بەلكى جوڭگو ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇشى  بىلەنلا  ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ بىلجىرلىدى.

ئەسكەرتىش: خىتاي ھۆكۈمىتى تېخنىكا ۋە ئىقتىساتتا تەرەققى قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئىنسانلىق ئىلىمىدە ۋە مەنتىقە چۈشەنچىسىدە ئىپتىدائى دەۋرىدىكى ئادەملەرنى خىجىل قىلغىدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئېنىق . ئۇنداق بولمىسا  يەر شارى بىر كەنتكە ئايلىنىۋاتقان ھازىرقىدەك ئۇچۇر  دەۋرىدە كۈن نۇرىنى ئېتەكتە توسىماقچى بولۇشتەك ئەخمەقلىقنى قىلىپ كۆلكىگە قېلىشنى خالىمىغان بولاتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

About admin

Leave a Reply