جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدىكى يىغىنىغا قاتناشتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە ئېچىلغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن پىكىرلىشىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئەزىز بابۇشجى ئەپەندى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشتى.

يىغىندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەزىز بابۇشجى سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە ھۆكۈمەتنى باشقۇرىۋاتقان،  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر – تەكلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت ۋە فوندلاردىن 60 تىن ئارتۇق تەشكىلات قاتناشقان بۇ يىغىندا بىر قىسىم جەمئىيەت رەئىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئەزىز بابۇشجى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى ۋە بىر قىسىم تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلتىماسنى سۇندى.

مۇسا بايتاش

About admin

Leave a Reply