خىتاينىڭ توھمەتلىرىگە رەددىيە (بايانات)


شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باياناتى

خىتاينىڭ توھمەتلىرىگە رەددىيە

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باياناتى

بۈگۈن يەنى 2012 _ يىلى 10 _ ئاينىڭ 29 _ كۈنى  خىتاينىڭ رەسمى زۇۋانى بولغان گلوبېل تايىم گېزىتى قاتارلىق كۆپ ساندا خىتاي ئاخباراتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە مەخپى بېرىپ سۈرىيە مۇخالىپلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان رەسىمى قانۇنلۇق بىر تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات قانۇن دائىرىسى ئىچىدە مائارىپ، تەلىم – تەربىيە ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىلىملىك ۋە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىىشى ئۈچۈن مائارىپ ۋە ئىجتىمائى ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھېچ قاچان خىتايلار داۋا قىلغاندەك تېرورلۇق تەشكىلات ئەمەس، ئەلقائىدە ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق ، ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان خىتايلار داۋا قىلغاندەك باشقا دۆلەتلەردە ئۇرۇشقا قاتناشمىدى ۋە قاتناشمايدۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايدىن باشقا ھېچ قانداق دۆلەت ياكى خەلقىنى دۈشمەن دەپ قارىمايدۇ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋېلىپ ئۇيغۇر خەلقىگە سىياسىي بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاينى ئۆزلىرىنىڭ ئەبەدىيلىك دۈشمىنى دەپ قارايدۇ ۋە  شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىگىچە خىتاينى قانۇنلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

بۇ پەقەت ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا تېرورچى كۆرسىتىش،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيادا يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ئۇيدۇرۇپ چىققان تەتۇر تەشۋىقات ۋە يالغان سەپسەتىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ئۆزى شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېرورلۇقى يۈرگۈزىۋاتىدۇ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا قانۇنلۇق ۋە ھەقلىق شەكىلدە كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەرنى تىرورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورنىۋاتىدۇ.

 بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيبلەيمىز ۋە بۇ خىل يالغان باياناتلىرىغا قاتتىق رەددىيە بېرىمىز ۋە قارشى تۇرىمىز.  خىتاي بۇ يالغان ياۋداق باياناتلىرى بىلەن تۈركىيىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇشقا ۋە تۈركىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتىىسىنى ئۆزگەرتىشكە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىككە  زورلاشتىن ئىبارەت شۇم نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل يالغان ياۋداق ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتايلار داۋا قىلغاندەك تېرورلۇق تەشكىلات ئەمەس،  شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھېچ قاچان  تېرورلۇق قىلمىدى. ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق داۋاسى بولغان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىئاڭلىتىپ كەلدى. ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋە مەزلۇم ئىكەنلىكىنى، ئىشغالچى خىتاينىڭ ھەقسىز ۋە زالىم ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلدى. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل تۆھمەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ.

خىتاي ئۇزۇن زاماندىن بۇيان سۈرىيە مەسىلىسىدە ئەسەد رىجىمىنى قوللاپ، سۈرىيە مۇخالىپلارغا قارشى تۇرۇپ كەلدى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش بىلەن دۇنيا جامائىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچىرىغان ئىدى. خەلقئارا دۆلەتلەرنىڭ ۋە ب د ت نىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئالغان جازا قارارلىرىنى خىتاي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشنىڭ 5 دائىمى ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي سۈرىيە مەسلىسىدە دىكتاتۇر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ سۈرىيە مۇخالپلارغا قارشى تۇرۇشقا ئۇچۇق بىر سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم سۈرىيىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان بىر قۇراللىق كۈچنىڭ بارلىقىنى ئۇيدۇرۇپ چىقىرىپ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قۇللاپ كېلىۋاتقانلىق جىنايى قىلمىشلىرىدا ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى. خىتاينىڭ بۇ يالغانلىرىغا ھېچ كىم ئىشەنمەيدۇ يەنىلا خىتاي رەزىل بولىدۇ.

جەمئىيىتىمىزنىڭ خىزمەت ساھەلىرى، جەمئىيەت تۈزۈمىمىزدە بىلدۈرۈلگىنىدەك، ئىنسان يىتىشتۈرۈش، مائارىپ، تەتقىقات، ئىنسان ھەق ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ياردەم ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يەرلىك ۋە خەلقئارا ساھەلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىلىرىمىزنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە ئوخشاش ساھەلەردە ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. خىزمەتتىكى كەڭ دائىرىلىك، دۇرۇستلۇق ۋە سەمىمىيىتىمىز مىللىتىمىز، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە مۇھىم ئىدارە ئورگانلار نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېرىشمەكتە.

خىتاي بۇ بۇزۇق تۆھمىتى بىلەن بىر چالمىدا بىر قانچە قۇش تۇتۇش ھەۋىسىدە بولغان. 300000 شەرقىي تۈركسىتانلىق ياشاۋاتقان تۈركىيىدە نەسەب، دىن ۋە مەدەنىي بېغى بىلەن 75 مىليون ئىنساننىڭ كۆڭلىدە ۋە كۈنتەرتىپىدە بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىنى ئاجىزلىققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ داۋادا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان شەخسىيەت ۋە تەشكىلاتلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يالغۇزلاشتۇرۇپ، تەشكىلاتىمىزنى يوق قىلىشنى نىيەت قىلغان. بۇنىڭدا باشقا يەنە تۈركىيىگە قوشنا دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە مۇقىمسىزلىق سەۋەبى بىلەن، مەسىلىگە سەمىمىي ۋە ئىنسانى نۇقتىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىدىكى رولىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئەسەد رېجىمىنى يىقىتىش ۋە مۇخالىپلارنى ئەسكىرى جەھەتتىن قوللاۋاتىدۇ دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى قوللاش مەقسىتىدە بۇ بۇزۇق تۆھمەتنى ئويدۇرۇپ چىققانلىق ئېھتىمالى ھەم يىراق ئەمەس.

بىز بۇ بايانات بىلەن خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم يالغانغا چىقىرىمىز. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرى بويىچە قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلاتتۇر. تۆھمەتتە زىكىر قىلىنغان بىر يەرگە چېتىشقا تىرىشىشقا ئالاقىدار ھەرقانداق بىر تەشكىلات بىلەن قەتئىي شەكىلدە ئالاقىسى يوقتۇر. جەمئىيىتىمىز سۈرىيە مەسىلىسىدە سۈرىيە خەلقىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا پۈتۈن ۋىجدان ئىگىسى ئىنسانلارنىڭ ئىنسانى ۋە ئەخلاقى نۇقتىدىن ياردەملىرىنى ئايىماسلىقى كېرەكلىكى چۈشەنچىسىدىدۇر. تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىدە 75 مىليون قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئوخشاش سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى ئىككىلەنمەستىن ئېلان قىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ سۆزلەش ھەققىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىمىز. ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىلىرى ئاتقان بۇ يالغان تۆھمەتلەرگە دۇنيا خەلقىنىڭ ئىشەنمەسلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىغا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

 

يالغانچلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي ھاكىمىيىتى،  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئېتىبارىنى يوقىتىش، دۇنيادا يالغۇز قالدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن  ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل تۆھمەتلەرنى قىلىپ يالغان ياۋداق ئۇچۇر تارقاتماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن دۇنيا جامائىىتىنىڭ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار  ۋە دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ يالغان –ياۋداق، تۆھمەتلىرىگە ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلىمىز. خىتاينىڭ بۇ تۆھمىتىنى قەتئى رەت قىلىمىز ۋە قاتتىق ئەيبلەيمىز.

ھىدايەت ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى

www.maarip.org/tr 

About admin