يەمەندە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

1016317_613790885366668_618686684_n.jpg.pagespeed.ce.MrPsW4KCPA

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەمەندە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكىلات بەردى. 

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يەمەننىڭ پايىتەختى سانادا « ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات» دېگەن نامدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكىلات بېرىلدى.

بۇ يىغىنغا 23 دۆلەت، رايوندىن 88 تۈركىيىدىن 35 يەمەندىن 400 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇلكەرىم كۇچار قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا يەمەن ھۆكۈمىتى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چەتئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋالغان. يىغىندا،  تۈركىيىنىڭ يەمەندە تۇرۇش باش ئەلچىسى، يەمەن دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى شۇنداقلا ياشلار مىنىستىرى ئاممار ئىرىيانى، يەمەن باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇرەجەب ئوبادا قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى  قىلدى. 

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قۇرت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇرۇققا  ئوخشاش چېچىلىپ كەتكەن بۇ دەۋردىكى ئىنسانلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج تۇيۇلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەلى قۇرت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسنىڭ ، يوقسۇللۇق، جاھىلىيەت ۋە ئىختىلاپ تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۈشمىنى بار، بىز بۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز، ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىشى ئۈچۈن بۇ ئۈچ چوڭ دۈشمەننى يوقىتىش كېرەك».

يىغىندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكىلات بېرىپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدلىكى، ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ چېكىدىن ئېشىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا دوكىلات بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە،  ئۇيغۇر دىيارنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە  ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىن جەرىيانىدا كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر – ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىسلام مۇتەپەككۇرى دىنى ئالىم ئابدۇلمىجىد زىندانى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇ كىشىدىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلۇشىدا ۋە كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە تۈرتلۈك رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلغان. 

بۇ يىغىن 2 – ئاينىڭ 22- كۈنى باشلىنىپ 24 – كۈنى مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ

 

About admin

Leave a Reply